مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1752|ئىنكاس: 26

دېھقانلاردىن تالاشمايلى باھانى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80924
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 09:48:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان نۇرغۇن ناھىيە-شەھەرلەردە شۈكرى قانائەتچان،تولىمۇ ساددا، سەمىمىي دىھقانلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئېتىزلىرىغا تېرىپ،تەر تۆكۈپ، جاپالىق مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پۇل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئېچىۋالغان بازارلارنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.بۇنداق بازارلارنىڭ كەچ ۋاقىتلىرى قانچىلىك قىزىپ ۋە ئاۋاتلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇلىدۇ. ھەر كۈنى بولمىسىمۇ،ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئۆيىمىزگە يېقىن جايدىكى مۇشۇنداق بازارغا نەرسە-كېرەك ئېلىش ئويۇم بولمىسىمۇ، بىر چىقىپ ئايلىنىپ كىرىمەن. ھەمدە ئەسلىدە ئېلىش پىلانىم بولمىغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئېلىپ قايتىمەن.

دېھقانلار ئۆزلىرى ياققان نان-توقاچلار، ئۆزلىرى ئۇيۇتقان قېتىق-قايماقلار، ئېتىزلىرىنىڭ باشلىرىغا تېرىپ قويغان سەي-كۆكتاتلار، ئۆزلىرى يىيىشكە كۆزى قىيمىغان تۇخۇم-سوقماقلار ….ھەقىقەتەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىمۇ ئىختىيارسىز توختىتىپ، ئۇلارنى بىرەر نەرسە ئېلىۋىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ يەردىكى قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بىردە كىشىگە بىر خىل ھاياتنىڭ جۇشقۇنلىقىنى، توختاۋسىزلىقىنى ھېس قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەڭپۇڭسىز قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىپ مۇھتاجلىق دەردىنى تارتىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەش كىشىلەرنىڭ دەرت ئەلەملىرىگە گۇۋاھ بولالايدۇ. بۇ بازاردا ئەمدىلا 7-8 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سەبىي بالىلارمۇ؛ يېشى 70-80 ئۇلاشقان، بەللىرى مۈكچىيىپ، يۇزلىرىگە يىللارنىڭ يالدامىلىرى كەشتىلەنگەن، ئالدىغا تىزىلغان نەرسىلەرنى توۋلاپ سېتىشقىمۇ مادارى يوق بوۋاي-مومايلارمۇ ھەم بار.  بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇمدىن ئەسەر يوق، بىر خىل غەمكىنلىك ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ئالدىغان خېرىدار كەلسە زورىغا كۈلۈمسىرەپ، ئۇلار  دېگەن باھاغا ئوڭايلا كۆنۈپ، ئاشۇ ئازغىنە تاپاۋەتلىرىنى بەلۋاغلىرىغا تۈگۈپ يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.

    بۇ بازارنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەھەرلىك كىشىلەر جۈملىدىن مۇئاشلىق كىشىلەر. بۇ بازاردىن نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش جەريانىدا دائىم دېگۈدەك شۇنچە پۇزۇر كىيىنىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇ دېھقانلىرىمىز سېتىۋاتقان  ئازغىنە نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى تالىشىپ ئۆزلىرى دېگەن جايغا كەلتۈرمىگىچە بولدى قىلمايدىغانلىقىنى دائىم ئۇچىرتىپ قالىمەن. ھەمدە ئىختىيارسىز ئۇچىسىدىكى كېيىم-كېچەكلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ كېتىمەن. ئەمىلىيەتتىمۇ بۇ بازاردىكى نەرسىلەر مەخسۇس بازارلارغا قارىغاندا خېلىلا ئەرزان. نۇرغۇن مۇئاشلىق كىشىلىرىمىز بۇ باھانىڭ تۆۋەن ئىكەلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنىلا تالىشىدۇ. ئەلۋەتتە نەرسە-كېرەك ئالغاندا باھانى تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىش پۇل تېجەشتىكى ياخشى بىر ئۇسۇل. مەن ھەرگىزمۇ بىر نەرسە ئالغاندا باھا تالاشقانلىق ناچار ئادەت دېگەننى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمەس. لېكىن ئىنسانپەۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىش، مەلۇم يوللار ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ ياردەم قولىنى سۇنۇش نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم ئەخلاقىي ئامىللارنىڭ بىرى. بىز ئاشۇ دېھقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا، ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىغا قاراپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى يۈزەكى بولسىمۇ، تەسەۋۇر قىلىپ يېتەلەيمىز. مېنىڭچە، ئېھتىياجلىق كىشىلىرىمىزگە  ياردەم قىلىش يالغۇز ئۇلارغا ئۆزىمىز ئېشىنغان نەرسىلەرنى ۋە پۇل-پۈچەكلەرنى بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى كېرەك. ھەر خىل تاراتقۇلاردا بېرىلىۋاتقان، تەشۋىق قىلىنۋاتقان ياردەم بېرىش ئۇسۇللىرى ئۇچۇق –ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق نەق مەيدانلاردىكى كۆرۈنۈشلەرگە قارايدىغان بولساق، ياردەمنى قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن خىجىللىق ئىلكىدە تۇرغانلىقىنى بايقايمىز.  مېنىڭچە، باشقىلارغا بەرگەن ياردىمىمىزنى جامائەتكە ئاشكارلىشىمىزنىڭ قارىماققا باشقىلارنى خەير-ساخاۋەتكە ئۈندەشتەك رولى بار بولسىمۇ، لېكىن قارىشى تەرەپكە ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر. ئەگەر ئۇلارنىڭ كىشلىك غورۇرىنى ھەقىقىي يۇسۇنداق قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، ئۇلار ئۆزلىرىمۇ تۇيمىغان ئاساستا ياردەم قىلالىساق ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ياردەم قىلغان بولىمىز. ئەڭ ئاددىيسى ئۇلار ساتقان بىر باش پىياز، بىر پىيالە قېتىق، بىر باغلام كۈدە قاتارلىقلارنى ئۇلار قويغان مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىش. شۇ ئاساستا ئۇلارغا بۇ دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىنى، ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش لازىم. شۇڭىلاشقا، دوستلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، دېھقانلىرىمىز ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقانلىرىنى بازارغا ئاچىقسا، قىزىرىپ-كۆپىشىپ باھا تالاشمايلى!ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا ماللىرىنى ئەرزان سېتىپ، ئاللىقاچان بىزگە ياردەم قىلىشنى باشلىۋەتتى. بىزدە ”قول قولنى يۇيسا،قول قوپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ“ دېگەن ھېكمەت بار. قېنى، پاكىزە يۇيۇلغان مىھىرلىك قوللىرىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يېرىلغان قوللىرىنى تەڭ سىقىمدايلى!

دېھقان ساتسا بىر گىردە،

ھەتتا ئاددى ماتانى.

بىز مۇئاشلىق تۇرۇپمۇ،

تالىشىمىز باھانى.

ئەرزان سېتىپ دېھقانلار،

قىممەت ئالار تاۋارنى.

دېھقانلارسىز قىزىتقان،

قايسى غوجام بازارنى.

1332494610[1].jpg


تاپقىنىنى ئېپ چىقار،

قالدۇرماستىن ئۆزىگە.

ئۈمىد نۇرى چاقنايدۇ،

قاراڭ،ئۇنىڭ كۆزىگە.

1332493981[1].jpg

قىستار ئۇنى مۇھتاجلىق،

تۇرمۇشتىكى تاغدەك غەم.

تىنىم تاپماس ھەر كۈنى،

دەرتكە داۋا ئىزدەپ ھەم.

1332493941[1].jpg

چاك-چاك بولغان قوللىرى،

پەرقلەنمەس قورايدىن.

تۈكۈلىدۇ مىڭ كەچمىش.

قورۇق باسقان چىرايدىن

1332495036[1].jpg


مەنبە؛لوپنۇرى تورى




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
natik + 200 ئىسىل تىما!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ياشاش ئۈچۈن ھېچكىمگە يالۋۇرمىدۇق ، ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ھېچكىمگە يالۋۇرمايمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېھقانلار ئەڭ ھالال ياشايدىغان كىشلەر، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشلەر  دەپ قارايمەن. شۇڭلاشقا ئادەتتە بازارلاردىن دېھقانلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە ئالسام باھا تالاشقۇم كەلمەيدۇ. ئۇلاربۇ جەھەتتە سودىگەرلەردىن پەرقلىندۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرى جاھاندىكى ئەڭ سەممىي،ئەڭ جاپاكەش كىشلەردۇر.
رەسىملەرنى ۋە ئارلىقىدىكى شېئرلارنى ھەممىدىن بەك ياقتۇردۇم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 11:07 PM  


http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5919
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:40:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇ  شېىرلىڭىنى بەكمۇ ياقتۇردۇم .رەھمەت

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7436
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 603 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:43:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال ئەمگەك  بىزنىڭ قان قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ، بۇ دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق

زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.

ئەتە يىڭى بىركۈن باشلىندۇ ،ئەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1984
يازما سانى: 1095
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7947
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 5662 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچۈرۈلمە تىما  بۇلمىغان بۇلسا جەۋھەرلەشكە تىگىشلىك تىما ئىكەن  ھەقىقەتەن دىھقانلاردىن باھا  تالاشماي شۇلارغا بۇلسىمۇ كىچىككىنە مەنپەئەت يەتكۈزەلىسەك ھەقىقەتەن ياخشى بۇلاتتى !!

دۇنيادا ئۈچ نەرسىنى تىرىسا ئۆنمەيدۇ، بىرى ئاتا بىرى ئانا بىرى قىرىنداش !

ئالدىۋالغانغا س

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1563
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11196
تۆھپە نۇمۇرى: 729
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:14:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر يىل بويى يىساپلىسا دىھقاننىڭ بىر كۇنلىكى 5 يۇئەنمۇ توختمايدۇ، دىھقان نىمە دىگەن سەۋىرىچان ھە .. موشۇ دىھقانلارنى كەمسىتىپ مەسخىرە قىلىپ كۆزگە ئلمىغانلار تىرىك كۆمىۋەتسە .

زۇلۇم قىلغۇچىلارنىنڭ زۇلىمى قىيامەت كۇنى ئوزى ئۇچۇن قاراڭغۇ زۇلمەت بۇلدۇ ‹

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر دىھقانلىرى دۇنيادىكى ئەڭ قانائەتچان،ئەڭ ئاقكۆڭۈل كىشلەردۇر.ئۇلارسىز ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كۈنىنى،كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مومكىن ئەمەس.شۇڭا مەن يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سېتۋالسام ئۇلاردىن باھا تالاشمايمەن.نەرسىلىرىڭىز بەك ئەرزانكەن دەپ ئۇلارنى ماختاپ قويمەن.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:37:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ رەسىملەر بەك ئېسلكەن،ساقلىۋالاي.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73059
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2871
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ئېيتىپسىز قېرىندىشېم ،شۇ جاپاكەش دېخقانلىرمىزنىڭمۇ راھەت ياشاش ھۇقۇقى بار ئەلۋەتتە.
ئوخشىمغان يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا ياردام قىلايلى.ئادەم دىگەن 100 ياش ياشالمايدىغۇ؟

تارىخنى، كۆچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۆمبىسىگە يازىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79507
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 11:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھانى كىيىم كىچەكتە تالاشسا بولىدۇ ،ئۇندان نەچچەمۇ نەچچە پۇڭلۇق نەرسىلەردە چۈپەيلىك قىلماي

كۆرئىتقا باش بولسا ئارسلان،ئىتلارمۇبۇلۇر ئارسلانسىمان
گەربولسا ئۇئىت ئارسلانغاباش.ئارسلانلارمۇھەم ئىتتەك ھامان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش