دۆلەت تىلىدىكى قانۇن قاچان مىللى تىل-يېزىققا تەرجىمە قىلىنىدۇ؟
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ قانۇن،نىزام ،يەرلىك نىزام ،قائىدە ،ئۇقتۇرۇش ،ئىزاھات قاتارلىقلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە .تۇلۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر كۇچكە ئىگە بۇلۇپ يۇلغا قۇيۇلىۋاتقان دۆلەت تىلىدىكى ئاساسى قانۇن خاراكتىردىكى قانۇنلار 79 پارچە ،سودا ھەق تەلەپكە دائىر قانۇن ،ئىزاھاتلار 310 پارچە ،جىنايى ئىشلارغا دائىر قانۇن ،ئىزاھاتلار 108 پارچە ،داۋا قانۇنىغا دائىر قانۇن ئىزاھاتلار 300 پارچە ،مەمۇرى ئىشلار ۋە ئىجتىمايى ئىشلارغا دائىر قانۇن ،ئىزاھاتلار 780 پارچە بۇلۇپ ھەممىسى جەمىئى 1577 پارچىغا يەتكەن .مىنىڭ بىلىشىمچە ئاشكارا ھالدا رايۇنىمىز مىللى تىل يىزىقىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىلان قىلىنغىنى 200 پارچىغا يەتمەيدۇ،مەن ھەرقانداق كىتاپخانىغا كىرسەم مىللى تىل يىزىقتىكى قانۇن كىتاپلىرغا ئالاھىدە دىققەت قىلمەن .ئۇندىن باشقا ئىچكى قىسمدا يەنى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە ،سىياسى كىڭەش ۋەكىللىرىگە ،خەلق ساقچىللىرىغا ،پارتىيلىك كادىرلارغا ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان ئاشكار ھالدا نەشىر قىلنمىغان مىللى تىل يىزىقتىكى قانۇنلار 50 كە يىتىدۇ .بۇنى ھىساپلىغاندا مىللى تىلدىكى قانۇنلار %15 گىمۇ يەتمەيدۇ .كەسكىن قىلىپ ئىيتقاندا مىللى تىل يىزىقتىكى تەرجىمە قىلنغان قانۇنلار %70 گە يەتمىسە ھوقۇق مەنپەتنى قۇغدىغىلى ،تىنىچ ،مۇقىم،ئىتتىپاق بۇلغان ۋەزىيەتنى ساقلاش ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ تىنىچ ،ياخشى ،مۇقىم .ئىتتىپاق ۋەزىيتىنى ساقلاشتا قانۇنچىلىق قۇرلۇشىنى كۇچەيتىش قاتتىق،كەسكىن بۇلغان قانۇن مۇھىتىنى يارىتىش كىرەك .ھەرمىللەت پۇقرالىرى قانۇننى ئۆز مىللى تىلدا بىلسە ،ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ياخشى بولغان تىنىچ ،مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنىڭ دۆلەت تىلىدىكى قانۇنلارنى بىلىشى تەس .مەمۇرى خادىملارلا دۆلەت تىلىدىكى قانۇنلارنى ئازراق بىلىدۇ ۋە ئۇقۇپ چۇشۇنەلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە قانۇن ھىكايە ياكى ئىتۇت ،ناخشا ئەمەس ،بىر سۆز بىر ھەرىپ ھەتتا بىر چىكىتتىكى چۇشەنچە خاتالىقى ئاددى ئاۋامدىلا ئەمەس مەمۇرى خادىملاردىمۇ خاتا چۇشەنچە پەيدا قىلىپ جەمىيەتتە زۇر بولغان مۇقىمسىزلىق،خاتا تەدبىر بەلگىلەش ،ئىقتىسادى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدۇ .ئاددى ئاۋامنى ئەمەس جەمىيەتنىڭ يۇقۇرى قاتلىمدىكىلەرنى ھەتتا مەمۇرلارنىمۇ دۆلەت تىلىدىكى قانۇننى بىلىدۇ تۇلۇق چۇشۇنىدۇ دىيىش بەكمۇ خاتا بۇلغان بىر قاراش خالاس .ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى بىزنىڭ ئادۇۋكاتلىرىمىز مىللى تىلىدا تەرجىمە قىلىنغان ئەشۇ 200 دەك قانۇنغا تايىنىپ 1300 دىن ئارتۇق قانۇننىڭ دۆلەت تىلىدىكىگە تايىنىپ ھوقۇق مەنپەت قۇغداش يولىدا ئۇن تۇنسىز تۆھپە قوشماقتا . مەن بۇنى جۇڭگۇ ھوقۇق قۇغداش ئىشلرىدىكى ئەڭ چوڭ مۇجىزە دەپ قارايمەن ھەم بۇ ساھەدىكى تۆھپە قۇشقۇچىلارغا ئالى ئىھتىرام بىلدۇرىمەن ،چۇنكى ھەر بىر ئادۇۋكات تەرجىمان ئەمەس، ئۇلاردا ئەسلى ئۇنداق مەجبۇريەتمۇ يۇق .لىكىن قارايدىغان بولساق ئادۇۋكاتلار ھەم تەرجىمان ھەم ئادۇۋكات بۇلۇپ ئىشلەيدۇ .مەنمۇ ھەم ئادۇۋكات ھەم تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن .ھەر بىر دىلۇ ئۇچۇن تىنىمسىز ھالدا كىتاپ ،تورلاردىن دۆلەت تىلىدىكى ئۇچۇرلانى ئىزدەيمەن، ئاندىن تەرجىمە قىلىپ جەمىيەتتىكى دىلۇلارغا تەدبقلاپ پىكىر يۇرگۇزىمەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا مىللى تىلىدىكى قانۇن گىزىتىدىن بىرسى بار بۇلۇپ ئەزەلدىن بىرەر قانۇننى تەرجىمە قىلىپ بسىپ باقمىدى ۋە مىللى قانۇن تەرجىمە ئىشلىرى يۇق دىيەرلىك .مىللى تىلدىكى قانۇنچىلىق ژورنىلى يۇق بۇلۇپ «ئەدىلىيە كەسپى » « شىنجاڭ ئادۇۋكاتلرى » ژورنىلى ئاشكارا تارقىتىلمايدۇ .قانۇنچىلىق تەرجىمە ئىشلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئىقتىسادى قۇرلۇشى ،مۇقىملىق ،تىنىچلىق ،تەرەققىياتى ئۇچۇن ئىنتايىن زورۇر ۋە تەخىرسىز بىر ئىشتۇر.مەن بۇ توغرۇلۇق يۇقۇرى قاتلام ئورۇنلارغا كۆپ قىتىم ئىنكاس بىلدۇرگەن بولساممۇ ھىچ قانداق جاۋاپ بولمىدى .مەن دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۇمەتنىڭ دۆلەت تىلىدىكى قانۇن تەرجىمە ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىنى ،ھىچ بۇلمىغاندا دۆلەت تىلىدىكى قانۇنلارنىڭ %70 بۇلسىمۇ تەرجىمە قىلىشىنى ،قانۇنچلىق تەرجىمە ئىشلىرىغا ،نەشىر ئىشلىرغا مەخسۇس مەبلەغ سىلىشىنى ،مىللى تىل يىزىقتىكى قانۇنچلىق تورى(ھازىر بار بولغان بىردىن بىر مىللى تىلدىكى قانۇنچىلق تۇرىدا ھىچ قانداق يىڭىلىق ۋە ئۇچۇر يۇق بۇلۇپ شەكىلگە مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرماقتا ) ، قانۇنچىلىق ژورنىلى ،قانۇنچىلىق گىزىتىدىن نەچچىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىمەن ھەم ئۇمۇد قىلىمەن .مىللى تىلىدا قانۇن يۇق تۇرۇپ قانۇننى قاتتىق ،كەسكىن ھالدا قانداقمۇ ئىجر ا قىلغىلى بولسۇن ھەم مۇقىم تىنىچ ۋەزىيەتنى ساقلاپ قالغىلى بولسۇن .ئۇندىن باشقا يەنە تور ساھەسىدىكى خالىس تورداشلارنىڭ ،جەمىيەتتىكى كەڭ خالىس تەرجىمانلارنىڭ دۆلەت تىلدىكى قانۇننى مىللى تىل يىزىقتا تەرجىمە قىلىپ تورغا يۇللىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۇتۇنىمەن ۋە مۇراجىئەت قىلىمەن.ئاخىردا دۆلەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۇمىتىگە دەيدىغىنىم دۆلەت تىلدىكى قانۇنلارنىڭ ھەممىسى قاچان مىللى تىل يىزىققا تەرجىمە قىلىنىدۇ؟
قانۇن تەرجىمە ئىشلىرغا دائىر بۇ پىكىرىمنى تۇرداشلارنىڭ دۆلەت تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئالاقىدار تور بىكەتلەرگە يۇللاپ قۇيۇشىنى سورايمەن .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
يۇتكىگەندە ،تەرجىمە قىلغاندا مەزمۇننى ئۆزگەرىتسە ئاستىدىكى خەتلەرنى چىقارسا قانۇنى مەسئۇليەتنى ئۇستۇمگە ئالمايمەن .
قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .
بەختىيار ئادۇۋكات
مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تورلۇك قانۇنى ئىشلار .
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: ،18299819854
توردا مەسلىھەت بىرىش : 1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)
توردا مەسلھەت بىرىلمەيدۇ .
بەزى تورداشلار قايتا قايتا ئەسكەرتىشكە قارىماي توردا مەسلىھەت سورىماقتا .ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم ھازىرچە توردا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 09:53 PM