مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1532|ئىنكاس: 23

ھاراقنىڭ «پايدىسى» دىن ئەتىمىزگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25591
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6417
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 844 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:09:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ھازىر ياشاۋاتقان دەۋىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن ،ئەڭ ھالقىلق دەۋىر ،ئەڭ مۇھىم،ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسى ئاخرغىچە بەردەم تۇرۇدىغان دەۋىر ،ئەڭ قەيسەر ،ئەڭ سەزگۈر تۇرۇشقا تىگىشلىك دەۋىر ،ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بۇ دەۋىر قاتتىق بىر سىناق دەۋرى بىز مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كىتەلىسەكلا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمۈد بۇلىدۇ . نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ .ئۇيغۇر خەلقى خەنزۇ مەدنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. خەنزۇلار كۈچلۈك مەدنىيەت ئاساسىغا ئگە مىللەت .ئەمەلىيەتتە بىز مەدنىيەت رىقابىتىگە دۈچ كېلۋاتىمىز ئۇلار بىزگە رىقابەتنى ئاللاقاچان ئېلان قىلىپ بولدى بىز بۇنى بىلدۇقمۇ؟ بىلگەن بولساق نىمە ئش قىلۋاتىمىز؟كەلگۈسنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز مەدنىيتىنى ،يىلتىزنى ئزدىمەيۋاتىدۇ. خەنزۇ مەدنىيتىگە مەپتۇن بۇلۇپ قېلۋاتىدۇ .باشقىلاردىن بىزنىڭ پەرقىمىز بولغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۈتلىقى بارلىققا كېلىدۇ. يىمەك -ئچمەكتە پەرھىز تۇتمايدىغان ، ئۇيغۇر يىيىشكە تىگشلىك نەرسە نىمە؟يىمەيدىغان نەرسە نىمە؟ئويلانمىدۇق. بىزنىڭ پىسخكىمىزدىن چاتاق چىقۋاتىدۇ. ئورتاق پىسخىكا يوقالدى.ئېتقاتىمىز نىمە؟ ئېتقات ئۇ بىر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ مىللەت قىلىدىغان روھى بىرلىك ئدى. ئېتقاتقا دەز كەتتى يامىۋالساق بۇلار ئدى .شۇنى دىيىش كېرەككى ئېتقاتسىز مىللەت يوقۇلىدۇ. ئۇنداقتا خەنزۇلار ئتقاتسىزمۇ؟ ئۇلاردا كۈچلۈك بىر ئېتقات -روھى بىرلىك بار.ئۇ بو لسىمۇ ئتتىپاقلىق روھى. بىر مىللەتتە ئلمى بولمسۇمۇ چۇقۇم بىر ئېتقات بۇلۇشى كېرەك چۈنكى ئېتقات بىر مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ.. ئۇيغۇرلار نىڭ تارىختىكى گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئتقاتلىرى ئلمىمۇ؟ ئلمى ئەمەس. كۆك بۆرىنىڭ ئەۋلادىبىز. ئەمەلىيەتتە ھايۋان ئادەمنىڭ ئەجدادى بۇلالمايدۇ.بۇ يەردىكى مۇھىم مەسلە ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۆرىنىڭ ئتپاقلىقىغا ،باتۇرلىقىغا قايىل بۇلۇپ بۇ ئتقاتنى ئۆز روھىغا ئورتاق سىڭدۈرۈپ سىڭدۈۈرپ بۆرە روھىنى سىرتقا ئورتاق ئېتىلدۇرۇپ چىقىرالىغانلىقىدا.  دىمەك ئېتقاتتىن چاتاق چىقتى دىگەنلىك ئاتقان مۇشتنىڭ كۈچى يوق بولغانغا ئوخشاش كۈچسىز روھ،ئاجىز تەن بارلىققا كەلدى دىمەكتۇر.ئېتقات بىر ئۆينىڭ ھۇلىغا ئوخشاش ھۇلىمىزغا دەز كەتتى ھۇلىمىز زەيدەپ قالدى. مىللەتنىڭ زىيالىلىرى مىللەتنى توغرا يولغا باشلايدىغان سەركەردىلەر توپى ئدى. ئەمما زىيالىلار توپىنىڭ ئۆزى ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىقى ،مەدنىيەت سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى،ئتپاقسىزلىقى بىلەن كىتىپ بارغان بۇلۇپ, مۇشۇنداق كىتاپ بىلەن ھەپىلىشىدىغان بىر  توپ ساپاسىز تۇرسا، دىھقاندىن ئبارەت ئاقكۈڭۈل ،قورسىقى تويسا شۈكۈر قىلىدىغان جاپاكەشلەر مەدەنىيەت دىگەن شۇ بولسا كېرەك,- دەپ زىيالىلار توپىنىڭ ھەر بىر ئش ھەركىتىنى دوراۋاتىدۇۋە ئۆزىنى ساپاسىزلاشتۇرۋاتىدۇ.نەتىجىدە نوپۇسنىڭ 80%پىرسەنتى ئگەللەيدىغان دىھقانلار --ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مىللتى ساپاسىزلىشىۋاتىدۇ.50 يىل ئاۋالقى ئۇيغۇر مىللىتىدە ھاراق ئچىش بارمىدى؟يوق .دىھقانلاردىچۇ تېخىمۇ يوق. ئەمدىچۇ؟ھاراق ئچمەيىغان دىھقاندىن قانچىسى بار .قىسقىسى ئۇيغۇر زىيالىرى ئۇيغۇر نى خاتا يولغا باشلاپ كېلۋاتىدۇ .سەركىلەر سۈپەتسىز ئەگەشكەنلەر قانچىلىك بۇلارئدى. زىيالىلار قاتلىمى ئاساسەن دىگۈدەك ھاراقكەشلەر توپىدۇر. مىللەتنى بوزغۇچى ھاراق. ھاراقنىڭ پايدىسى شۇكى 1.ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرىدۇ. 2.ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆلتۈرىدۇ ئەستە تۇتۇش قابىيىتى بولمىسا ئلىم-پەن بىلىملىرىنى كاللىمىزغا قاچلالمايمىز.كاللىمىزدا ئلم-پەن بولمىسا مەدنىيەتلىك خەنزۇ خەلقى بىلەن بىز قانداق رىقابەتلىشىمىز،باللىرىمىز بىر قاچا ئاشنى ئۇلاردىن تالىشىدىغانغا قورسىقىدا ئلىم بولسا بۇلار . ھاراقكەشتىن تۇغۇلغان بالا بىلەن ھاراق ئستىمال قىلمايدىغان ئادەمدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەقلى قابىليىتى قايسىنىڭ كۈچلۈككىن سىناپ بېقىڭ، مەس ھالەتتە تاپقان بالىڭىز بىلەن ساق ھالەتتە تاپقان پەرزەندىنىڭ ئەقلىنى ھەم سىناپ كۈرۈڭ قايسى ئەقىللىقكىن؟ بۇندىن 100يىل ئاۋال چەتئەللىكلەر جۇڭگۇنى بۈلىشىۋالدى.ئالدى بىلەن ئۇلار نىمىگە تاياندى؟ئەپيۇنغا تاياندى. ئەپيۇن ئارقىلىق خەنزۇ ئارمىيەسىنىڭ تىنىنى ۋە روھىنى چىرتىپ بولغاندىن كىيىن ، جۇڭگۇ ئارمىيەسى بىر تىپىككە يەرماسلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن جۇڭگۇغا ئەسكەر باشلاپ كىردى ۋە شىياڭگاڭ قولدىن كەتتى 1840-يىلىدىن ئەپيۇندىن باشلانغان ئاجىزلىق 100يىل داۋام قىلىپ 1949- يىلىغا كەلگەندىلا خەنزۇ خەلقى قەددىنى كۆتەردى مەسلە ئەينى خەنزۇ خەلقىنىڭ ئەپيۇنكەشلىكىدە دىمەك بىزدىكى ھازىرقى مەسلە ھارقكەشلىكتە.3. ھاراق نېرۋىنى بۇزىدۇ،ئناق ئۇيغۇر ئائللىرىنى ۋەيران قىلىدۇ،يىتىم بولغان پەرزەنتلەر مۇكەممەل تەربىيەلىنەلمەي ئاخىرى تۈرمىدە ،ئاياللار كوچىدا............. روھىمىزىنى ئالۋاستىدىن قايتۇرۋالايلى... ئۇيغۇر مىللىتى ئائلىدىن ئبارەت بىر ھۈجەيرىنىڭ بىركىشىدىن تەركىپ تاپقان . ھەر بىر ئائلە بۇزۇلسا بۇزۇلغان ئائللار بىلەن بۇزۇلغان ئۇيغۇر جەميىتى بارلىققا كېلىدۇ ئەمدى كىيىنكى زىيالىلار قاتلىمى بۇلمىش ئالىي مەكتەپ ئۇقۇ غۇچىلىرىغا قاراپ باقايلى .ئۇلاردا ئۆرپى ئادەت ئۇنتۇلغان ،مەكتەپ مەيدانىدا كۆز ئالدىڭىزدا قۇچاغلىشىپ يۈرگەن، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مارستىن كەلگەنمۇ؟سىلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەسلى ئۆزۈلۈك مەدنىيتى بار، ئاسملاتسىيلىشىشكە كۈچلۈك قارشى تۇرۇش كۈچى بار مەدنىيە ت قاتلىمىدىن كەلگەنسىلەر .شۇ مىنۇتلىرىڭلارنى دىھقان دادم كۆرسە ........لكىن ئۇ ئۆزى يىمە ي-كيمەي سىلەرگە ئەۋەتىدۇ. سىلەر قىز غېمىدە قىزلارنى ئويلاۋاتىسىلەر.دىھقان دادام ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ بالام ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاۋاتىدۇ .، ئېيتىڭ ئەي ئوغۇل سىز قىزنىڭ تەنلىرىنى تۇتۇدىغانغا ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسنىڭ رازىلىقىنى ئالغانمۇ؟ قىزچاق سىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزدىن رازىلىق ئالغانمۇ؟مەيلى كىم بۇلۇڭ ئانىڭز شۇ ھالىكىڭىزنى كۆرسە كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئاقىدۇ.مۇنۇ ھەقىقى ھىكايىنى ئاڭلاڭ؛ مەلۇم ئالىي مەكتەپتە 2ھەپتىنىڭ ئالدىدا ساۋاغداشلار ياتاقتا ھاراق ئچىدۇ ۋە ھارىقى تۈگەپ ياتاقتى چىقىپ< كەچ سائەت 10لەر ئەتراپىدا > سىرتتىن ھاراق ئەكىرىدۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازلىرى تاقاق ئەمما مەكتەپنىڭ چەت ياقىلىر ى ئتىك ئەمەس شۇيەردىن كىرىدۇ شۇ مەيداندا ئۇ ھاراقكەش بۇرادەر بىر جۈپ ئوغۇل -قىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت قىلۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ئشنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقىنى سۆزلەپ مەن قىزىمنى ئالى مەكتەپتە ھەرگىز ئوقۇتمايمەن دىدى قىزچاق سىز نىمىڭزنى يوقاتتىتىڭىز بىلەمسىز .قىزلىق ئپپىتىڭىزنى.قىزلىق ئپپىتىنى يوقاتقان ئەي قىز كەلگۈسىدە سىز توي قىلىشىڭىز مۇمكىن بىر بىگۇنا يىگىتكە شۇنچىۋالا چىقىم سالدۇرۇپ لكىن سىز توي قىلغان ئەشۇ ئېرىڭىزنى چىن كۆڭلىڭىزدىن مەڭگۈ ياخشى كۆەرەلمەيسىز ئۇ سىزنىڭ بىر ئۆتكىلىڭىز بەلكى ئېرىڭىزنى دۇنيادا ياشىشىمدىكى بىر ۋاستە دەپ قارايسىز يىگتمۇ ئەقلى با رئنساندە يىگىتمۇ ئەلۋەتتە سىزنى باھالاپ چقىدۇ مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمدىم؟ياق دەيدۇ . قىزچاق سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈر ھايات يۇلىنى غازان قىلماڭ ،ئۇيغۇر يىگىتى سىز ھازىر بىر قىزنىڭ قىزلىق ئپپىتىنى يوقاتتىڭىز كلگۈسىدە سىز بىر ئپپەتسىز قىزنى ئېلىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز . قىزلارنى ئاسرايلى نەتىجىدە ئوغۇللارنى ئاسرىغان بۇلىمىز.بۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس . ئۇلار مەكتەپتەئادەمنىڭ كۆز ئالدىچە قۇچاغلىشىپ يۇرسە ئۇلارنى تۇسۇدىغانغا ئالى مۇئەللىملەر يوق ، ئۇلار دەرسخاندا دەرس ئۆتسلا بولسا كېرەك ۋىجدانى بار ئالى مەكتەپ ئوغۇل- قىزلىرى ئۇنداقلارغا يول قويمىساڭلار قانداق ؟ ئۇيغۇر ئەر-ئاياللاردىن چىقىۋاتقان يېنە بىر چاتاق شۇكى بىر بىرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىش. ئەرلەر باشقا ئەرلەرنىڭ خوتۇنىغا كۆز سالىدىغان ،بۇ خۇتۇن بۇ ئەرنىڭ پىسخىك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاپادار ئېرىنى ،ئوماق بالىسنى ئۇنتۇپ يۇشۇرۇن ناشايان ئشلارنى قىلىدىغان ھالەت بىزنىڭ پىسخىك ھالىتىمىزگە ئايلىنىپ قېلۋاتامدۇ قانداق؟يېنە بىر ئسىل ئادەت دېھقانلاردا ئەمەس بىلىملىك زىيالىلار قاتلىمىدا ئەۋىج ئېلۋاتىدۇ يەنى بىر سورۇندا بىر مەيداندا بىرسى يەنە بىرسىنىڭ خوتۇنى بىلەن تانسا ئۇينايدىغان،بەللىرىنى تۇتۇدىغان ،قوللىرىنى تۇتۇدىغان.بىرسنىڭ خوتۇنىنى تۇتۇدىغانغا بىزنىڭ ھەققىمىز يوق،ئەمما تۇتقىلى سالغان ئەرنىڭ خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىمۇ يوق،خوتۇنى دەيدۇ :كېرەكسىزغۇ ئۇ. خوتۇنىڭىز بىلەن باشقا ئەرنىڭ بەدىنى ئۇچراشسا بۇ ئاخىرى ھىسياتقا ۋە بىر ئەرگە ئككى خوتۇن بۇلۇپ قالدىغان مۇھەببەت پاجىئەسىگە ئايلىنىدۇ، خوتۇنىڭىزنىڭ بىر كۆڭلى ئككىگە بۆلۈنسە ،بۇرۇن بىر نان يەپ ئەمدى يېرىم نان يەيدىغان كۈنگە قالغانغا بارابەر دە يېرىم نانغا قورسىقىڭىز تويامدۇ؟ئۇيغۇر ئەرلىرى ئائلىمىزگە سادىق بولايلى ،ئائلىمىزگە سادىق بولغانلىق ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئۇيغۇر جەميىتىگە ،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە سادىق بولغانلىق ،مەسئۇل بولغانلىقتۇر. بىرئەر پەخرلىنىپ تۇرۇپ: دوستىدىن ئۆچ ئالغانلىقىنى سۆزلەپ، قانداق قىلدىم دەڭ ،بىللە ھاراق ئچىشتۇق ،ئۇنىڭغا كۆپرەك ئچكۈزۈپ ئۇنى ئۆيگە يۆلەپ ئەپكىرىپ قويدۇم ۋە ئۇ ئچكىركى ئۆيدە پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ياتىدۇ مەن ئۇنىڭ خوتۇنى بىلەن ................... بولدۇم دىدى .ھاراقنىڭ كۈچىدە بۇ.
تۆۋەندەنۇپۇسنىڭ 80%پىرسەنتىنى ئىگەللەيدىغان دېھقان باللىرى باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ قوش تىل دەپ كاللىسى ئېلىشىپ ساراڭ ،مۇئەللىملىرى ئككى ئاساسەن دەپ سىنىپقا كىرمەي كۈندە پاراڭ.......... تىگدىن بۇزۇلدى دىگەن شۇدە .تىگىدىن بۇزۇلساق نەگە بارىمىمز .قىيامەتكە بارمىز.مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئككى گوروھقا بۆلۈنگەن يەرلىكلەر بىر گوروھ باشقا يەرلىكلەر قارشى گوروھ بۇلۇپ ئككى گوروھ ئەقلى -كۈچىنى بالىلارغا بىلىم بېرىشكە سەرپ قىلماي زېھنىنى ھوقۇق تالىشىپ ئت بۇلۇشۇشقا سەرپ قلۋاتىدۇ بۇبىزگە 400يىل ئلگركى ئاق-قارا تاغلىق بۇلۇپ كەتكەن دەۋىرنى ئەسلىتىپ يۈرەكنى قان قىلماقتا. دەرىسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلمىسە سۈپەت بولمايدۇ. لكىن بۇ ھەقىقەت ئسپاتلانغۇچە بىر قانچە يىل ئۆتىدۇ، ئۇيغۇر مائارىپنىڭ يىلتىزى قۇرۇيدۇ. سىلەر ئۇيغۇر مۇئەللىملەرنىڭ ساپاسى تۆۋەنكەن دەپ باللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى سىزنىڭ ئورنىڭىزغا كىم كىلىشى مۇمكىن بىلەمسىز؟ تىل مەسلىسىدە خەنزۇ تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بەيگگە چۈشۈپ ئۇيغۇر تىلىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى پاجىئەگە باشلاپ ماڭدى.تىل دىگەنلىك مەدنىيەت دىگەنلىك، ئۇيغۇر تىلى دىمەكلىك- ئۇيغۇر مەدنيىتى بىلەن باپ -باراۋەردۇر.تىلىمىز خرىسقا دۈچ كەلدى. تاللامسىز، شاللامسىز بۇ تىلىنى ھەممە گەپ سىز بىلەن بىزگە قالدى .ھىندىستاننىڭ مۇستەققىللىق ئاتىسى گەندى زامانىۋى قوراللىق ئېنگىلىزلارغا ھەمكارلاشماسلىق سىياسىتى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ،ئېنگىلىز ماللىرىنى ئالماي ،ئېنگلىزلارغا ئشلىمەي ،ھىندى رەختلىرىدە كىيىم كىيىپ ،ئېنگىلىز رەختلىرىنى ئشلەتمەي قان تۆكمەي تىنچلىقققا ئېرىشتى. نىمە دىگەن زور بەدەل ........ ئۇيغۇر ئقتىسادى كېلەيلى بىزدىكى ئقتىسادى ئەھۋال ياخشى ئەمەس ئۇيغۇر جەميىتىدە نامراتلار كۆپ ،ئشسسزلار كۆپ بىزدە نامراتلار كۆپ بولماسلىقى ،ئشسىزلار كۆپ بولماسلىقى كېرەك .جۇڭگۇ جەميىتى شۇنداقلا ھازىرقى دۇنيا ئقتىسادى دۇنيا ،ئقتىساد جەھەتتە كىم باي بولسا شۇ مىللەت تەرەققى قىلىدۇ ،ئقتىساد جەھەتتە كىم كەمبىغەل بولسا شۇ مىللەت ئاخرى يوقۇلىدۇ. نامراتلىق بىزنى يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ دۇنيادىن رەھىمسىزلەرچە يوقۇتۇپ تاشلايدۇ . ئقتىسات يىغايلى ،پۇلنى ھاراققا خەجلىمەيلى پۇل تېپىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھايات قېلىشىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى .ھازىر قېلىچ-نەيزە دەۋرى ئەمەس ،پۇل بىلەن شەھەر ئالىدىغان دۇنيا . ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاش ئۈچۈن پۇل كېرەك ،ئۇيغۇر مەدنىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەم پۇل كېرەك . نوپۇسىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئگەللەيدىغان دىھقانلار يەرگە تاينپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ ،يەر نىسپى ھالدا دىھقاننىڭ .كەلگۈسىدە يېنىلا شۇنداق بۇلارمۇ؟ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر دىھقانلىرى يەرنى باشقىلاردىن ئجارىگە ئېلىپ تېرىيدىغان كۈنلەرگىمۇ قېلىشى مۇمكىن ،نامرات ھالەت يوقالمىسا ئامالىمىز يوق،نامراتلىق بىزدىن يوقالسۇن تىرشايلى . بەزى ناخشىچىلار شىركەت قۇرغان ،مانا مۇشۇ ئەڭ توغرا يول شىركەتلەر كۆپەيسۇن چوڭايسۇن ،ئۇيغۇر باللىرى كوچىلاردا بىكار يۈرمەي شۇ شىركەتلەردە ئشلەپ پۇل تاپسۇن ھەم شۇ شىركەتلەرنى گۈللەندۈرسۇن. بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىز قەدىمدە شەرقى شىمالدىن كاسپى دېڭىزغىچە بولغان جايلار نى ئېلىپ باشقىلارغا ئۆزىنى تۇنۇتقاندا ،خەنلەر بىلەن قۇدىلاشقاندا ،چاڭئەنگە ئۆڭلۈكنى باستۇرۇشقا بارغاندا ھەرگىزمۇ دۇتار -راۋاپقا تايانغان ئەمەس بالكى ئۇيغۇر جەميىتىدىكى تەرققى قىلغان ئات سودىسىغا تايانغان . پۇل مۇكەممەل بولغان ئېتقاتتىن كېلىدۇ ،پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە بىر ئۇچى يۈرەكتە دەيمىزغۇ. .مۇشۇ نۇقتىدا بەزى ئۇيغۇر باللىر ى ئۆتمۈشكە نەزەر سېلىپ ئەجدادلىرىنىڭ گۈللەنگەن شانلىق دەۋرىنى كۆرىشى ھەم شەيئلەرنىڭ بارلىققا كېلىش ،تەرەققى قىلىش يوقۇلۇش يېنە بارلىققا كېلىشنىڭ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى ئكەنلىكىگە ،پەقەت ئۆزىگە ئشەنگەندە ،تىرىشقاندا ئەجدادلىرىمىز ياراتقان پارلاق دەۋىرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئشنىشى ئۈمىدۋار بۇلۇشى كېرەك. 100يىل ئاۋالقى شەرىقنىڭ كېسەل كۆرپىسى دەپ ئاتالغان جۇڭگۇنىڭ ھازىرقىدەك كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىندىغانلىقىنى ئەينى دەۋىردىكى ئېنگلىزلار تەسەۋۋۇر قىلالامتى؟ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن روھىمىزنى ئالۋاستىغا تاپشۇرماسلىقىمىز لازىم ، ناخشا مەسلىسى چىقىپ قالدى بىر ياخشى ناخشا ياخشى ئاھاڭ بىلەن ياخشى تېكىستنىڭ بىركمىسىدۇر. بەزى ياشلىرىمىز زامانىۋى ناخشا دەپ ئاللىقانداق بىر ناخشلارغا مەپتۇن بۇلۇپ قالغان بۇ ناخشىلاردىن سىز ئۇيغۇر يىگىتى ئۆزىڭىز ئزدەۋاتقان روھنى تاپالمايسىز سىز ئزدەۋاتقان روھ -ئەجداد روھى يەنىلا خەلىق ناخشىلىرىدا .ناخشا ئجاتچىللىرى خەلقىمىز روھىنى ئە بجەشلەشتۈرىدىغان ئۇيغۇر روھىدىن يىراقلاشتۇردىغان ناخشىلارنى ئجات قىلماسلىقى ھەم ئۈزىنىمۇ مۇزىكا باياۋانلىرىدا قىينىماي مۇزىكا بوستانلىرىغا -ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسىغا قايتىپ كىلىشى كېرەك . تارىخ ئىلمىدە ئەلشىر ناۋايىغا ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ.......لارغا ئگە بۇلالمايدىغان ھادىسلەر كۆرىلۋاتىدۇ. مەسلە نەدە ؟ ئاجزلىقىمىزدا . ئاجىزلىقىنى بىزگە كىم بەخش ئەتتى ؟ ئاۋال ئۆزىمىز ئاندىن كىيىن باشقىلار . ئچكى ئامىل بىرىنچى ،ئاۋال ئۆزىمىزنى تۈزۈتەيلى . قىسقىسى ئۇيغۇرلار يولداش سىتالىن ئېيتقان مىللەتنىڭ تۆت ئالاھىدىلىگنى ھازىرلىيالىغان مىللەت ئدى<ئورتاق تىل ،ئورتاق مەدنىيەت ،ئورتاق پىسخىكا،ئورتاق رايۇن> .ئەجدادلار بىزگە قېنى بىلەن ھازىرلاپ بەرگەن ئدى ،ئەمدى بۇ< تۆت ئورتاق>نىڭ قانچىسى بىزدە قالدى ئويلۇنۇپ قۇيۇڭ. بەزى مىللەت دەپ ئاتالغان خەلىقتە بۇ< تۆت ئورتاق >تولۇق ئەمەس. سىز زادى نىمە قىلسىڭىز بولغۇدەك ،نىمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسىز ،ئەمەلىيەتتىچۇ؟ ئويلىنايلى 840-يىلى ئورخۇن خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلار غەرىپكە كۆچكەن دەۋىردە دۇنيا شۇنداق كەڭ ،بىپايان ئدى، نەدە ياشغىمىز كەلسە شۇيەردە ياشىغان ئدۇق.ئەمدى بىز قايتا غەرپكە كۆچەلەمدۇق؟كىم بىزنى قارشى ئالىدۇ؟ ھىچكىم قارشى ئالمايدۇ. دۇنيا ھازىر شۇنداق تار لاشتى، دۆلەت دىگەن چىگراسى بار مۇكەممەل نەرسە شەكىللەندى،ئەمدى بىز كۈچەلەمدۇق؟ ئەمدى بىزنى قارشى ئالىدىغانغا 840-يىلىدىكىدەك غەربى ئۇيغۇرلار يوق........... قەبرىستانلىقىمىز ،گۆرىمىز مۇشۇ يەر <شىنجاڭ> بوپقالغۇسى، تىرشساق ،ئۆزلۈكىمىزنى ساقلىساق ،تىرشىپ پۇل تاپساق،ئلىم- پەننى قورال قىلساق ،مۇشۇ ئانا ماكان بىزنىڭ جەننىتىمىزگە ئايلانغۇسى. ئەمدى بىز غەرپكە كۆچەلمەيمىز،مۇشۇ يەردە تۇرۇپ شەرق مەدنىيتى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈمىز. ئاللا ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى ساق سالامەت قىلسۇن..............<تۈگىدى>

مەنبە:<< باغداش تورى>> دىن ئېلىندى.                              (886 دىگەن تورداشنىڭ ماقالىسى.)

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13103
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:56:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار جىمغۇ؟ ناۋادا مۇشۇ يازما بىرەر مۇھەببەت تېمىسىدىكى يازما بولغان بولسا، ئاققۇشقاچتەك سايراپلا كېتەتتىڭلار- ھە؟... تورداشلارنىڭ ئۆيىدە كىتاپ ئىشكاۋىغا قارىغاندا، ھاراق ئىشكاۋى كۆپرەك ئوخشايدۇ- ھە؟...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7397
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1171 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:57:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقالىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. گەرچە جەمىيئەتتىكى بارلىق ئەھۋاللارنى يېزىپ بولالمىغان بولسىڭىزمۇ،ئازبىر قىسىم ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەربىيە بېرىپسىز. مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭمۇ بەزىبىر مەدەنىيەت ‹كۈشەندىلىرى›گە بويسۇنمىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 06:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مىللىتىم ،ھەي دىنىدىن چىقىۋاتقان مىللىتىم ،ئاللاھنىڭ دىنىنى قايرىپ قويۇپ ،بۇ دۇنيا نىئمەتلىرىگە گول بولۇۋاتقان مىللىتىم ..........مەندىكى مەسئۇلىيەت نىمە ؟مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82789
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3470
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 07:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھدىن ھىدايەت تىلەيمەن.......

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 07:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبى ئامىر ياكى ئەبى مالىك ئەشئەرىدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان:مىنىڭ ئۈممىتىمدىن زىنانى،يىپەك رەخىتلەرنى كىيىشنى،ھاراق ئىچىشنى،چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر چوقۇم مەيدانغا كىلىدۇ. مەنبە:سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەلىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 07:58 PM  


‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 08:04:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇللا ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلندۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:دۇنيادا ھاراق ئىچىپ ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغان ئادەم ئاخىرەتنىڭ شاراپلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3691
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 08:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ھەممەيلەننى شۇ نىجىستىن يىراق قىلسۇن ،
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 08:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluq02 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 05:56 PM
ھەممىڭلار جىمغۇ؟ ناۋادا مۇشۇ يازما بىرەر مۇھەببەت تېم ...

راس-راس...................................!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 724 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 08:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
manmihnat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 06:46 PM
ھەي مىللىتىم ،ھەي دىنىدىن چىقىۋاتقان مىللىتىم ،ئاللاھ ...

؟مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن .سىزنى قولايمەن!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش