ئىدارىدە
بىر كۈنى موتسىكىلىت ھەيدەپ دادامنىڭ ئىدارىسىغا دادامنى ئىزدپ بارسام، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار سورىدى:
- كىمنى ئىزدەيتىڭلار؟
- دادامنى؟
-قايسى ئىشخانىدا؟
- ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى
- ئۇنداق بولسا 3- قەۋەتكە چىقىڭلار
مەن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ دەرۋازىدىن كىرىپ بولغاندان كېيىن، ھېلىقى قوغدىغۇچى ۋارقىرىدى.
- ھەي ئادېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېېش توختاڭلا
مەن موتسىكىلىتنى توختىتىپ قارىسام، ھېلىقى ئاداش دەيدۇكى: ئادېېېېېېش 3- قەۋەتكە موتو بىلەن چىققىلى بوممايدا.
شۇندىلا مەن قورۇ ئىچىگە موتسىكىلىت ئېلىپ كېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم.
ئاشخانىدا
بىر خېرىدار ئاشخانىغا كىرىپ كۈتكۈچىنى چاقىرىپ دەپتۇ:
-ماڭا ئاۋۋال بىر پىيالە چاي، ئاندىن بىر تەخسە پولو ئەكېلىپ بەرسىلە.
بىر ئازدىن كېيىن كۈتكۈچى پولونى كۆتۈرۈپ كەپتۇ يۇ قولىدا چاي يوق. خېرىدار چاينى بىر ئازدىن كېيىن ئەكېلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ پولۇنى يېيىشكە باشلاپتۇ. پولونى يەپ تۈگتىشكە ئاز قالغاندىمۇ يەنىلا چاي كەلمىگەچكە، خېرىدارنى ھېقىق تۇتۇپ بىئارام بولۇشقا باشلاپتۇ. چىدىيالمىغان خېرىدار كۈتكۈچىنى چاقىرىپ دەپتۇ:
ئۇكىمەي، ماۋۇ سومكام بىلەن پولوغا قايلاپ تۇرە، مەن ئۆيگە بېرىپ بىر پىيالە چاي ئەكىلەي.
ئاپتوبۇستا
ئىككى يىلنىڭ ئالدىغۇ دەيمەن، بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ 3- يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بىر ياش ئوغۇل بالا بېلەتچى قىزچاقنى دەپلا ئاپتوبۇسقا چىققان چېغىۋا، بېلەتچى قىزچاق بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. شوپۇر بىر قانچە قېتىم ئۇ ئىككىسىگە قاراپ قويدى يۇ گەپ قىلمىدى. پويىز ئىستانسىسىغا يېقىنراق كەلگەندە ھېلىقى ياش بالا شوپۇر ئۇستامغا دېدى:
-ئۇستام چۈشىدىغان ئادەم بار.
- شوپۇر ھېلىقى بالىغا قاراپ قويۇپ : ھامىنى چىققاندىن كېيىن، ئاخىرقى بېكەتكىچە بېرىپ چۈشمەملا؟
بېكەتتە
بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاغىنەم بىلەن ئۈرۈمچى ئۈچتاش بېكەتتىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە قايتماقچى بولدۇق. بېكەت سىرتىدا بېلەت ئالايلى دېيىشىپ «قەشقەر، قەشقەر» دەپ توۋلاۋاتقان بىر ئاكىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ بېلەت باھاسىنى سورىماقچى بولدۇق.
-ئاكا بېلەت قانچە پۇل؟
-230 كوي.
-قىرغىزىستانغىمۇيا؟
ھېلىقى ئاكىمىزنىڭ چىرايى ئۆڭدى. چۈنكى سىرتتىن بېلەت سېتىۋالسا كۆزنەكتىن سېتىۋالغانغا قارىغاندا ئەرزان بولىدىغانلىقىنى ھەممىزى بىلىمىز دە.
تېلېفوندا
بىر قانچە ئاغىنىلەر بىرگە تاماق يېمەكچى بولۇپ كۆكئېرىقتىكى «قەدىمىي شەھەر» ئاشخانىسىغا يىغىلىدۇق. قارىساق بىر ئاغىنىمىزگە نەچچە تېلېفون قىلساق مانا،مانا دەپ پەقەتلا كەپ بولالمىدى.ئاڭغىچە تاماقمۇ چىقىپ بولدى، ئارىمىزدا بىرسىنىڭ ساقلاۋېرىپ بەكرەك ئاچچىقى كەلدىمىكىن ھېلىقى ئاغىنىمىزگە تېلېفون ئالدى.
- نۇرۇللاجوووووووووووون نەدە ئادېش سىلە؟
- ..................
- جايىڭلاردا مىدىرلىماي تۇپتۇرۇڭلار بىز تاماقنى ئېلىپ شۇ يەگىلا بارىلى.