مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7201|ئىنكاس: 29

ئائىلىدە لەغمەن تەييارلاش دەرىسلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15681
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:55:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسىلامۇ ئەلايكۇم تورداشلار، بۇگۇن مەن يولىغان "سىز قايسى تاماقنى ياقتۇرىسىز؟"دىگەن تىمىغا بىرىنچى بۇلۇپ ئىنكاس قايتۇرغان مۇنبەرداش ATaX0998نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سىلەرگە بىز ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان لەڭمەننى تەييارلاش ئۇسۇلىنى سەل تەپسىلىيرەك يوللاش ، شۇنداقلا نەچچە يىللىق تەجىربىنى يەكۇنلەش ئاساستا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن، شۇڭا كەسىپداش ئۇستاملار  ۋە بارلىق لەغمەن ئىتەلەيدىغان ،ئاشپەز ئۇستا، ۋەخانىم -قىزلىرىمىزنىڭ لەغمەننى قانداق تەييارلايدىغانلىقىنى ھەم ئوز كوز قارىشىنى ،كەسىپداش ئۇستاملارنىڭ تەجىربە يەكۇنلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنى جۇملىدىن لەڭمەننى  قانداق تەييارلايدىغانلىقىڭىزنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنبەردىكى  كەسىپداش دوسلارنىڭ ئوز ئارا كەم يەرلىرنى تۇلۇقلاش مۇنبەرداشلارنىڭ تېىخمۇ تەپسىلى چۇشىنۋالسا دىگەن ئۇمۇتتە.  ئۇنداقتا مەن 1-بۇلۇپ باشلاي. مەن لەڭمەننى مۇنداق تەييارلايمەن.
لەڭمەننى تەييارلاش ئۇچۇن ئاۋال خېمىرنى يۇغۇرۋالىمىز.   
خېمىر يۇغۇرۇشقا كىتىدىغان ماتىرياللار :ئۇن ،تۇز ،سۇ .   
ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىرنى يۇغۇرۇشنى باشلايمىز ،خېمىرنىڭ تۇزىنى تەڭشەشتە، لەڭمەننى تىزراقتەييارلىماقچى بولسىڭىز تۇزىنى نۇرمال، يۇغۇرۇپ قۇيۇپ تىندۇرۇپ تەييارلىق قىلىپ بۇلۇپ ئەتمەكچى بولسىڭىز تۇزنى سەل كۇچلۇكرەك ھەم چىڭراق يۇغۇرۇڭ. ئاندىن ئۇن بىلەن سۇنى پۇيپۇلاپ ئارلاشتۇرۇپ خېمىرنى يۇغۇرۇغنى باشلايمىز، ئاندىن پورەك چىققىچە ئىشلەپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن  «بۇيەردە ئىككى خىل ئۇسۇلىتۇنۇشتۇرىلىدۇ. بىرى كالتە پىلتە ،يەنە بىرى يوگىمە پىلتە. مۇش چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنتاق پىلتە قىلىمىز.
پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا، ھەر قەۋەتنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك. پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا   
يەنە 10~15 مىنۇت تىندۇرغان ياخشى.   




بۇيەردە پايدىلىنىش ئۇچۇن ئادەتتىكى سىنئالغۇدا سورەتكە ئېلىندى. ھەم شارائىتىمىزمۇ توۋەن شۇڭا  تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۇچۇن سۇنۇلدى،  ھەم سىناق ئۇسۇلىدا بولغاچقا  تورداشلارنىڭ شارائىتىمىزنى  
توغرا كوز قاراشتا قاراپ قولىشىڭلارنى سورايمەن ،پات يېقىندا مەخسۇس سىنئالغۇدا ۋە ئوپىراتۇر سىنغا ئېلىپ تەييارلاپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇش پىلانىم بار، تەپسىلى خېمىر يۇغۇرش ئۇسۇلىنى ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز توۋەندىكى سىن ھوججىتىدىن كۇرۇپ پايدىلىنىڭ.
  

خېمىرنى يۇغۇرۇپ  پىلتە تىنغۇچە بولغان ئارلىقتا كوكتاتلارنى ئاقلاپ يۇيۇپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز .  
ئەڭ مۇھىمى ئوزىڭىز ياقتۇردىغان كوكتاتلارنى ئىشلىتىڭ  مىنىڭ كوز قارىشىم :
لەڭمەننىڭ قورىمىسىنى تەييارلاشقا كىتىدىغان ماتىرياللار :

  
قوي گوشى.غولپىياز،يىسۋېلىك،كوك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر،پالەك (ئائىلىدە ئوز رايىڭىز بۇيىچە ئىشلىتىڭ)   
تەم خۇرۇچلىرى: تۇز   قۇشۇمچە كاۋاۋىچىن ئۇنى،زانجىۋىل ،سامساق ،ئاچچىقسۇ، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ   
تەييارلاش ئۇسۇلى :قوي گۇشىنى نىپىز،ياكى قەلەمچە توغراڭ .كوكتاتلارنى ئامال بار بىر خىل توغراڭ مىنىڭ
تەۋىسىيە قىلدىغىنىم ،كوكتاتلارنى قەلەمچە قىلىپ ئىنچىكە توغراڭ ياكى ئۇششاق توت چاسە دان-دان توغراڭ لەڭمەننىڭ قورۇمىسىنى قورۇش ئۇسۇلى : قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ
قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچنى سېلىپ ئازراق تۇز سېلۋېتىپ  
ئاندىن يىسۋېلىك. (جاڭدۇ،غولسامساق،بەرەنكە،پېدىگەن) سېلىپ قورۇپ ئاندىن كوك-قىزىلمۇچ،   
پەمىدۇر سېلىپ قوروپ كوكتاتلارنىڭ سۇيى قاچقاندا مۇۋاپىق سۇقۇيۇڭ تۇز تەمىنى تېتىپ تەييارلىۋالىمز
پىلتىنى تارتىپ پىشۇرۇش ئۇسۇلى:تىنغان پىلتىنى بىر – بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان 
بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋېلىپ، ئاندىن ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار   
قاتار تىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ، ئوتتۇرىسنى ئاش تاختىغا بوش – بوش ئۇرۇپ، بىر غولاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزۇلىدۇ.ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالىقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ، ئاندىن يا ئسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ. يوگىمە پىلتىنى بىر ئۇچىدىن تارتىۋېلىپ ئاستا -ئاستا سۇزۇپ ئاندىن قۇلىمىزغا يوگەپ يىغىۋېلىپ ئاشتاختىغا ئاستا ئۇرۇپ ئىنچىكلىتىپ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ  
  

بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ،  

ئاندىن يائسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ.


دىققەت  قىلدىغان ئىشلار:   
(1) لەغمەننىڭ ياكى ئۇن تامىقىنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرۇشتا تۇزنى سۇغا تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن شۇ سۇداخېمىر يۇغۇرسا ياخشى؛
(2) لەغمەننىڭ خېمىرىنى ئېرىنمەي كۆپرەك چەيلەپ ئىشلىسە، خېمىرى كۈچلۈك تىرىك بولىدۇ، چالا ئىشلەنگەن خېمىرنىڭ ئېشى خامسۇق، مىچ – مىچ بولىدۇ.
(3) لەغمەننى ئاۋۋال سوزۇۋېلىپ، قازانغا مۇمكىن قەدەر تېز – تېز سېلىش لازىم. بىر بۆلىكىنى سېلىپ قويۇپ، ئاندىن يەنە ئاش تارتىپ ئۇنى ئۈستىلەپ سالسا بولمايدۇ.
(4) چالا قاينىغان ياكى ئوتى ياخشى كۆيمىگەن قازانغا لەغمەننى سېلىشقا بولمايدۇ؛
(5) ئاش سۈيى (مەنتاڭ) سۈزۈك ۋاقتىدا ئاش پېشىدۇ، قويۇلۇپ كەتكەن مەنتاڭدا ئاش ئۇزۇنراق پىشىدۇ، بۇنى بىلېۋېلىش كېرەك؛
گۆشنى پۇشۇرىمەن دەپ ئۇزاق قورۇۋەتمەسلىك كېرەك؛  
(7) سامساقنى سەينى ئالىدىغان ۋاقىتتا سېلىش لازىم. ئەڭ ياخشىسى ئۇنى چاينىماي، قىڭراقنىڭ يۈزى بىلەن بىر ئۇرۇپ ئېزىپلا تېخىمۇ ئوبدان بولىدۇ. مەن يۇقىردا ئوزەمنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى ۋە كوز قارىشىمنى سوزلەپ ئوتتۇم باشقا ئۇستاملار ۋە ئاشپەز خانىملار سىلەر قانداق تەييارلاۋاتىسىلەر؟   
ئاشپەز تور بېتىمىزنىڭ كەلگۇسى تەرەقىياتى يەنىلام تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن كەلگۇسى پىلانلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، تور بېتىمىزدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىق تەرىپى  بار دەپ ئويلىغان دوسلارنىڭ  تور بەت ئادىرسىمىزنى دوستلىرغا ۋە باشقا تورداشلارغا تەشۋىق  قىلىپ قۇيۇشىنى تور بېتىمىزنى قوللىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز.   
ئەسلى مەنبە :ئاشپەز تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 04:35 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Davan_Axkuqi + 50 رەھمىتى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51680
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    ئەجەپ كەيپىمنى ئۇچاردى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Davan_Axkuqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 04:44 PM  


بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51680
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
蓝狼影视治 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 04:32 PM
مۇنبەردىكى تاماق ئىتىشنى بىلمەيدىغان ئاياللارغا  ۋە ئ ...

مانىڭ گېپىنى، ھې ئۈزۈڭگە قاراپ باقا. ئەركەكلىكى ئايرىلغان ئادەمدەك گەپ قىلە

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15681
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىدۇ مەن رەت تەرتىپى ۋە كوپ تاللانغىنى بۇيىچە يوللاپ بىرەي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   axpaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 05:01 PM  


ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29867
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5484
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 401 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاڭدو  نىڭ  ساپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى   :  قامچە پۇرچاق

sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:47:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82580
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3076
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-11-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەغمەن دېگەن ئېسىل تاماق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەغمەن دىگەن ياخشى تاماق  ،
بولۇر ئاش قازانغا تۇۋاق  .
توڭلىمايسىز قىشتا كەيسىڭىز  ،
تىراكتۇر چاقىدەك قېلىن بىر تۇماق   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7798
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1705 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشپەز ئاكا ئاپام لەغمەن ئەتسە ئازراق ئاچچىقسۇنىمۇ قوشقىنىنى كۆرىمەن بۇ قانداق گەپ؟سىز دىمىدىڭىزغۇ؟

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 05:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabri@ يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 04:47 PM
بەك تەپسىلى بوپتۇ رەھمەت! بولسا كېلەر قېتىم پولو ئېتىش ...

ماخېنىم پولا ئىتەممەيمەن دەيدىيا؟ پولو ئېتىشنىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسىنى دەپ بېرەيما؟
ئاۋال سەۋزىنى قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز، قازانغا ماينى قۇيۇپ قىزىغاندىن كىين، گۆش بىلەن بىللە قورىۋالىمىز. ئۆيدە گاڭپەن دۈملەيدىغان قازان دەپ بىر قازان بار. قورۇپ تەييار قىلغان سەۋزە، گۆشنى ئاشۇ قازانغا تۆكىۋالىمىز. سۇنى مۇۋاپىق قۇيۇپ،گۈرۈشنى سالىمىز، ئاندىن توك ئۆتكۈزىدىغان كونۇپكىسىنى لىككىدە بېسىپ قويىمىز، ئىش تامام. گاڭپەن قانداق پىشىدىغان بولسا، پولامۇ شۇنداق پىشىدۇ. تىگى كۆيۈپ قىژماق تۇتمايدۇ. ئەتتىگەندە ياكى چۈشتە شۇنداق قىلىپ قازانغا سېلىپ قويۇپ، خىزمەتلىرىنى خاتىرجەم تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلسىلىرىمۇ، پولا دىگەن ئىسسىق تۇرۇپ تۇرىدۇ. مەززە قىلىپ يەيلا. ھەراس، ھازىر رامىزان ۋاقتى، ئاخشىمى پولونى شۇنداق دۈملەپ قويۇپ، ئەتتىگەندە تۇرۇپ يىسىلىمۇ، يېڭى پېتى يەيلا.

مەن مانا ھەممە تاماقنى ئىتەلەيدىكەنمەن. لەغمەننىڭ خېمىرىنى شۇنداق ياخشى يۇغۇرايلايمەن، سەيدىگەننى شۇنداق مىزلىك قورىيالايمەن، شۇغىنىسى، پىلتىنى قازانغا سالالمايمەن، شۇڭا، ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولساممۇ، ئۇستا كىشى كېلىپ لەغمەننى قازانغا تارىدەك سوزاپ سېلىپ بەرمىگۈچە لىۋىمنى يالاپ ئولتۇرمەن.
كىچىكىمدە ئانام: ئوغۇل بالىغا 72 خىل ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ، دەپ تاماق ئېتىشنى ئۈگەتكەن.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش