شۇ زامان كىشلىرى قەلبىدە يۈكسەك ئىتىبارغا ئېرىشكەن خەلىق ئارتىسكارى ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ئەقىل پاراسىتى شۇنداقلا رول ئېلىش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى ئارقىلىق كىشلەر قەلبىنى لال قىلغان مەرھۇم ئارتىسىمىز شاتگۈل . ئۇيغۇر نى ئەسلەپ ئۈتۈش يۈزىسىدىن بۇ تېمىنى يوللۇدۇم . شاتگۈل . ئۇيغۇر ھەققىچە بىلگەنلىرىم چەكلىك بۇلغانلىقتىن مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر دوستۇم ماۋۇ رەسىمنى توردىن كۆرۈپ مۇقام پىشۋاسى مەرھۇم ئاماننىسا خېنىم دەپ تۇرۋالغان ئىدى . بەلكىم كۆپىنچە تورداشلارمۇ شۇنداق ئويلىغان بۇلىشى مومكىن ، ئەمما بۇ رەسىمدىكى بولسا تالانتىلىق سەنئەتكارىمىز شاتگۈل ئۇيغۇردۇر ! <شاتگۈل مەرھۇمنىڭ ئىسىم ، ئۇيغۇر بولسا مەرھۇمنىڭ فامىلىسى > .
شاتگۈلنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
ياش كىنو چولپىنى مەرھۇم شاتگۈل ئۇيغۇر1960-يىلى 3-ئاينىڭ3-كۆنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.ئۇ15يېشىدا بۆرتالا سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان،1975-يىلى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكەلگەن.شاتگۈل ئۇيغۇر 1980-يىلى چاڭچۈن كىنو سىتۇدىيسى ئىشلىگەن<<قالدۇق قار>> ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان.
ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1982-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <<رەنانىڭ تويى>> دا سەلبىي پېرسوناژ سوفىيە رولىنى،1983-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم << ئارتىس بولمايدىغان قىز>> دا شوپۇر قىز ھۆرىيەت رولىنى،1984-يىلى ئىشلىگەن ھېكايە فىلىم <<سىرلىق كارۋان>> دا قوشكېزەك ھەدە-سىڭىل ئاينۇر بىلەن ماينۇرنىڭ رولىنى ئېلىپ ،كىنو ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاش بىلەن بىرگە تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
شاتگۈل1986-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كىنو ئاكتىيورلىرى ئۆمىكى تەركىبىدە ياپونىيگە بارغان ئىدى.تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە يىتىلگەن بەدىئىي ماھارەت بىلەن سەنئەت ساھەسىدە چاقنىغان بۇ چولپان 1988-يىلى 3- ئاينىڭ 8-كۆنى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ھادىسىدە بەختكە قارشى قازا قىلدى.
مەرھۇم ھەققىدە كوچىدىن ئاڭلىغانلىرىم ، مەرھۇمنىڭ دادىسى ئۇيغۇر ئەپەندى شۇ زامانلاردا يەنى شاتگۈلنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .
تۆۋەندە مەرھۇم شاتگۈل رول ئالغان شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇتۇق قازانغان فىلىملىرىن <سىرلىق كارۋان> فىلىمىنى يوللاپ قويدۇم ، باشقا فىلىملىرىمۇ كېرەك بولسا ئىنكاس يېزىپ قويساڭلار مەنمۇ ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قۇيىمەن . شاتگۈل رول ئالغان فىلىملەرنى مەن تېما قىلىپ يوللاپ قويغان . ماۋۇ ئادېرىستىن كىرىپ كۆرەرسىز . https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83230-1-1.html
|