«غەربىي دىياردىكى ئۇسۇل مەستانىسى» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1988-يىلى ئىشلىگەن.)
سىنارىست-گۇاڭ چۈنلەن،مەمەت تاتلىق. رىژىسۇر-گۇاڭ چۈنلەن.ئاساسلىق روللاردا:
ياسىن-ئەسقەر. پاشا- تۇرسۇنئاي ئىبرايىمجان قاتارلىقلار
فىلىم ھەققىدە چۈشەنچە:
بۇ فىلىم شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ناخشا-ئۇسۇللۇق فىلىم. بۇ فىلىمدە مەدىنىيەت ساھىسىدىكى يېڭى كىشىلەر، يېڭى ئىشلار، يېڭى ناخشا-ئۇسۇللار ۋە يېڭىچە كىشلىك مۇناسىۋەت ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭ جەمىيىتىدىكى ئىسلاھات –ئېچىۋىتىش جەريانىدىكى تەرەققىيات ۋە ئالغا ئىلگىرلەشلەرگە مەدىھيە ئوقۇلغان.
فىلىمنىڭ ئاساسلىق لىنىيىسى مۇزىكا ئەتىرتىنىڭ ئەترەت باشلىقى
مودا ناخشا ئارتىسى-ياسىن بىلەن زامانىۋىي ئۇسۇل چولپىنى-پاشا ئارىسىدىكى مۇھەببەت ھىكايىسى ۋە زەددىيەت توقۇنىشى بايان قىلىنغان. فىلىم گۈزەل مىللىي ناخشا-ئۇسۇلغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۇقامى مۇزىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. شۇ ئارقىلىق ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ ناخشا-ئۇسۇل تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر سەنئەت كۈچىگە ئىگە قىلغان. بولۇپمۇ فىلىمدىكى ياشلار ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بولۇپ، كەڭ ياش تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ فىلىمدە كەسپىي ئۇسۇل ئارتىستلىرى رول ئېلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىكى يەرلىك ھەۋەسكارلارمۇ رول ئېلىپ، يېڭى دەۋىردىكى يېڭىچە روھنى ئىپادىلىگەن.
فىلىمدە قەدىمىلىك، مىللىيلىق، زامانىۋىلىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان غەربىي يۇرۇتتىكى ناخشا-ئۇسۇللارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئاساس سالغان.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 22-ئىيۇن
يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-23 12:49 AM