مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1890|ئىنكاس: 31

ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 307 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:01:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىملارنىڭ سانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى  


ئەڭ قەدىمقى دەۋىرلەردىن بېرى ،سانلار پەقەت ھىساپلاش ئېيتىياجى ئۈچۈنلا قوللىنىلمىغان،بەلكى ئىسىملارنى ئىپادە قىلىش رولىنىمۇ ئوينىغان.يۇنانلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگور ھەرقانداق نەرسىنى سانلارنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئېنىقلايتتى .قەدىمقى جۇڭگولۇقلار سانلارغا مەنىلەرنى بەرگەنىدى.بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە ،ئۇنى سانلارنىڭ مەنىسىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى.سانلارنىڭ مەنبەسى ساناقسىزدۇر،ئۇنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرىمۇ شۇنداق.مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىسىملارنىڭ بىر ئۇچى باتىل ئېتىقاد،ئىشەنچىلەرگە،يەنە بىر ئۇچى ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ تەبىئەتنى چۈشۇنۇش ۋە ئۇنى بىلىش دەرىجىسىگە تايىنىدۇ.قەدىمقى مىسىردا ،بابىلوندا ،قەدىمقى يۇناندا ،ئىسلامدىن ئىلگىركى تۈرۈكلەردە ،ئەرەپلەردە سانلارنىڭ نۇرغۇن مەنىلەرگە ئىگە بولغانلىقى تەتقىقاتلار ئارقىلىق بىزگە ئايان بولماقتا.قەدىمقى مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ پازىللىرى ۋە پەيلاسوپلىرى سانلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى مەنىسىگە يېڭى-يېڭى مەنىلەرنى قوشقان.
يۇنانلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىك پىفاگورنىڭ چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ،سانلار تۆۋەندىكىدەك مەنىلەرگە ئىگىدۇر:
بىر شېئىرنى؛ئىككى زىتلىق،ئۆزگۈرۈشچانلىقنى ؛ئۈچ پۈتۈنلۈك،باشلىنىش،ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىنى ،يەنە ئىلاھى كۈچنى؛تۆت توغرىلىق،ئادالەت،دۇنيانى ؛بەش ئۆيلەنگەنلىكنى؛ئالتە شانلىق ،پارلاقلىقنى؛يەتتە غايىۋى كۈچنى؛سەككىز ساغلاملىقنى ؛توققۇز ھەممە سانلارنىڭ مۇجەسسىمىنى ؛ئون ئاخىرى بولمىغان يېڭى بىرساننىڭ باشلانمىسىنى بىلدۇرەتتى.بۇ سانلارنىڭ ھەربىرى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولۇپ،بىز بۇ سانلار ئارقىلىق ئىسىمنى ئىپادىلەپ،ئۇنىڭغا مۇناسىپ مەنە بېرەلەيمىز.بۇنداق مەنىلەرنى بىز ھەرقايسى دىننىي ئېتىقاتلاردىن،ئەپسانە رىۋايەتلەردىن،خەلق بىلىمى ئومومىيىتىدىن ۋە ماقال تەمسىللەردىن كۆپلەپ تاپالايمىز.

سانلار ۋە سىز
ھەر بىر ساناق ساننىڭ ئۆز ئالدىغا مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكى بار.سىزمۇ ئۆز ئىسىمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ساننى تۆۋەندىكى جەدۋەلنىڭ ياردىمى بىلەن يېشىشكە مۇۋەپپەق بولالايسىز ۋە ئىسىمىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىۋالالايسىز.

سانلار ھەرىپلەر
1 ئا ئې ئى ژ ي
2 ب ق ك ل
3 ج چ گ غ ر س ش
4 د م ت
5 ئە ھ ن ڭ
6 ئۇ ئۈ ۋ
7 ئو ئۆ ز
8 ف پ
ئىسىمىڭىزنىڭ ھەرپلىرىنى كۆرسەتكەن سانلارنى جەدۋەلگە قاراپ قوشسىڭىز ،ئىككى خانىلىق نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.ئۇلارنى يەنە ئۆز-ئارا قوشسىڭىز،ئۆزىڭىز مەنىسىنى تاپماقچى بولغان ساننى ھاسىل قىلالايسىز.
مەسىلەن:
جانتۇرسۇن
8=5+3=35=5+6+3+3+6+4+5+1+3

بىر (1)نىڭ مەنىسى
ھەرقانداق دەۋىر دە باشقۇرغۇچى (ھاكىم)بولالايسىز.چۈنكى سىز ۋەزىيەتكە چىچەنلىك بىلەن ماسلىشالايسىز ۋە باشقىلار تېخى بايقىمىغان مەسىلىلەرنى بايقىيالايسىز.ئۆز ئالاھىدىلىگىڭىز بىلەن بىر مەسلەك ھاسىل قىلىپ كۆپلىگەن ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز ۋە نىشاننى ئېنىڭ قىلىپ ،پۇختا ،قەدەم باسقۇچلۈق ھالدا ھەركەت قىلىپ غەلبە قىلالايسىز.
ئۆز دەۋرىڭىزدە بىرەر تەشكىلات ياكى جەمىيەتنىڭ داھىسى بولالايسىز.ئۆزىڭىزنىڭ چىۋەرلىكى بىلەن تېخنىك ساھەسىدە ۋە ئىختىرا،كەشپىيات ساھەسىدە ئىقتىدارىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز.بويرۇق ۋە ئىتائەت قىلىدۇرۇش كۈچىڭىز(ئابروي ئىناۋىتىڭىز)بىلەن ناھايىتى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلالايسىز.لېكىن پەۋقۇللادە جۈشقۇن،ئالدىراخسان،ھاياجان تىپىدىكى تىپىدىكى كىشىلەردىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشىڭىز كېرەك.بولمىسا بىكاردىن بىكار ئۆزىڭىزگە دۈشمەن تېپىۋېلىپ ،ئىشلىرىڭىزنى ئاقسىتىپ قويىسىز.ئۆمومەن بەخت -تەلەي نىشانى بولغان ھوما قۇشى ھەر دائىم بېششىڭىزدا ئەگىپ يۈرۈيدۇ.

ئىككى(2)نىڭ مەنىسى
خۇسۇسىيىتىڭىز ۋە مىجەزىڭىز سىزنى ھىس تۇيغۇنىڭ ياردىمى بىلەن ھەركەت قىلىدىغان،خاراكتىرى كۈچلۇك،خىيالىي ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.كىشىلەر كۆپ توپلاشقان،شاۋقۇن سۆرەن،جىدەل-غەۋغا بولمىغان،خاتىرجەم خىيالسۈرۈشكە ئەپلىك بىرەر خىلۋەت جايدا ياشاش ئىستىكىدە يۈرۈسىز.ئۆزىڭىزگە ئېتىبار بىلەن قاراپ ،ئۇستى بېششىڭىزنى تۈزەپ تۇرىشىڭىز ۋە بىرەر ئىشتا غەلبە قىلىپ قېلىشىڭىز بۇ ھاياتلىقتىكى سىزگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر.شۇ چاغدا تېخىمۇ كۈچلۈكلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ بېقىش خىيالىدا بولۇپ قالىسىز.ئۆز ئالاھىدىلىگىڭىز بويىچە بىرەر ئىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز،ئەسلىدىكى خىيالچانلىقىڭىز نەلەرگىدۇر يوقاپ كېتىدۇ،ئەمما سىز ئاشۇ خىيالى دۇنيارىڭىزنى تۇلا ئارمان قىلىپ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنى تېپىۋالىسىز ۋە بۇ شېرىن ئالەمگە باشچىلا كىرىپ كېتىسىز.سىز بەزى رىئال مەسىلىلەرنى ئالدى بىلەن شىرىن خىيال بىلەن بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ ئاندىن شۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىسىز-دە،دائىم مىققا ئۈسۈۋالىسىز.سىز يىلتىزىڭىزدىن بىرەر ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ ئادەتلەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن،بەزى رىئال مەسىلىلەرنى جىددىي ھەل قىلىدىغان چاغدا كەسكىن قارشىلىققا دۇچ كېلىسىز.

ئۈچ (3)نىڭ مەنىسى
ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ بەختلىك كىشى سىز بولىسىز.تېخى بىر مۇنچە ئۇيۇشما،جەمىيەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئىزدىلىدىغان كىشى سىز بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن.چاققانلىق بىلەن ناھايىتى مۇناسىپ ۋە توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز.بۇ جەرياندا باشقىلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى توغرىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىسىز ۋە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چاقماقتەك تېزلىك بىلەن ئۆز كارامىتىڭىزنى كۆرسىتىپ،ھەممە كىشىنىڭ ئالدىدا غەلبە شادلىقىغا چۆمەلەيسىز.جانلىقلىقىڭىز ۋە ھاياتنى قەدىرلىشىڭىز سىزنى نۇرغۇن يېقىن دوستلارغا ئۇچراشتۇرىدۇ.گۈللۈك ،مەنزىرلىك جايلارنى تاللاش ئىقتىدارىڭىزدىمۇ مەسىلە بولمايدۇ.باشقىلارنى كۆپ رەنجىتىپ قويىسىز.بەزى نىشانلىرىڭىز بەك يۇقىرى بولۇپ كەتكەنلىكتىن ،ئۆزىڭىزنىڭ بارلىق ھەيۋىتىڭىزنى ئىشقا ساللىسىڭىزمۇ،ئۇلارغا قۇدرىتىڭىز يەتمەيدۇ.

تۆت (4) نىڭ مەنىسى
يات كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ كېتىش سىز ئۈچۈن ئوڭاي.ئەمما بۇنىڭ ئۇچۈن خېلى ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ،قابىلىيىتىڭىز ئەمىلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بولۇپ،ھەر قانداق چاغ ،ھەرقانداق جايدا جارىي قىلدۇرالايسىز.بەك تىرىشچانسىز،ئەمما بەزىدە تەڭسىزلىك كۆرۇپمۇ قالىسىز.ۋەقە ھادىسىلەر توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالايسىز،تەھلىللىرىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى قايىل قىلالايدۇ.چۇشەنچە چوڭقۇرلۇقىڭىز ۋە ئەتراپلىق قابىلىيىتىڭىز ۋەزىيەت ئىنتايىن تۇراقسىز،داۋالغۇپ تۇرغان چاغدىمۇ سىزگە كۈچلۈك ياردەمچى بولالايدۇ،ئەممازورلاپ مىجەزىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز،جورىڭىز،قېرىندىشىڭىز ۋە ئائىلىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە زەرەر يەتكۈزۈپ قويىسىز.

بەش(5) نىڭ مەنىسى
تەرتىپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىكسىز.بولۇپمۇ سىزنىڭ چۈشەنچىلىرىڭىز ئەمىلىي ئەمەس.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ پەرقلىق كۆز قاراشلىرىغا رەدىيە بېرىپ تۇرىسىز،بىرەر ئىشقا كىرىشسىڭىز شۇ ئىشتىن نان تېپىپ يىيەلەيسىز.مۇستەقىل ئىش قىلىش سىز ئۈچۈن بەك موھىم .كۈندىلىك ھاياتتا ئومومەن جىددىي ئىشلىمىسىمۇ بولىدىغان ۋە تېز ئاخىرلىشىدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىسىز.سەيلى-ساياھەت قىلىشنى ،جاھانكەزدىلىكنى بەك ياقتۇرىسىز.ئاجايىپ چوڭ ئىش قىلىش ۋە باي بولۇش خىيالىڭىزمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك.ئەمما سىز ساياھەت قىلغاندا يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر تاغقا ياكى شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ كېزىپ كەلسىڭىزلا يېتەرلىك بولار.باشقىلارنى بىر بىرىگە يېقىنلاشتۇرغۇچى قابىلىيەتكە ئىگىسىز.ئومومەن باشقىلارغا بەك سۇرلۈك كۆرىنىسىز.

ئالتە (6) نىڭ مەنىسى
ئويخۇمار بىر ئادەمسىز،سىز ئۈچۈن ئائىلىڭىزدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق.بوش ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىز ئولتۇرغان تۆت تامنىڭ ئىچىدە زوقلىنىپ ئۆتكۈزىىسىز.ئىچ-ئىچىڭىزدىن ناھايىتى مول ھېسياتقا ئىگىسىز.ھەر كۈنى دىگىدەك چۈشلەر قوينىغا چۆكىسىز.ھاياتىڭىزدا ناھايىتى كەم ئەقلىي قابىلىيىتىڭىز سىزگە نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بېرىدۇ،تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش جەھلىڭىزنى قاتۇرسىمۇ،بۇنى غەلبىلىك تاماملاشقا مەجبۇر بولىسىز.

يەتتە (7 )نىڭ مەنىسى
يەتتە مىستىتىزم ۋە سىرلىق ۋەقە ھادىسىلەرنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ.شۇ سەۋەپتىن سىزمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە ۋە خىيال كۈچى بىلەن تولغانسىز.ئىسمى يەتتە بىلەن باغلىنىشلىق كىشىلەر ناھايىتى سىرلىق ۋە روھانىي قابىلىيەتكە ئىگىدۇر.كۈنلۈك ھاياتتا ئالتىنچى تۇيغۇڭىز سىزنى توغرا يولغا يىتەكلەپ تۇردىغانلىقتىن ،بۇ تۇيغۇ سىزنى خىزمىتىڭىز ياكى شەخسىي ھاياتىڭىزدا بىر قەدەم ئالدىغا چىقىرىدۇ.دۇنيا مەسىلىلىرى بىلەن ھەپلەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن،باشقىلار بىلەن نەچچە سائەتلەپ پەلسەپەلىك مۇنازىرىلەر قىلالايسىز.ئومومەن ،خىيالپەرس ۋە ئىغىر بېسىق كۆرىنىسىز.مۇشۇنداق مىجەزىڭىز تۈپەيلىدىن باشقىلار سىزدىن يىراقلىشىدۇ،ئۇرۇق تۇققان،دوست-بۇرادەرلىرىڭىز پەقەت سىزنىڭ ئىستىلىڭىزنى ياخشى دەپ قارىغاچقىلا ،سىز بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.ناھايىتى كۆپ بېرىش -كېلىش قىلىشمۇ سىز ئۈچۈن ئۇيغۇن ئەمەس.

سەككىز(8)نىڭ مەنىسى
كۈچلۈك ،قانداق ئارزۇدا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدىغان ۋە مول ئېنىرگىيىگە ئىگە كىشىسىز.ھەركەتچان ۋە روھلۇق بولۇپ،ساغلام ھالەتتە تۇرىسىز،كۈچلۈك قابىلىيىتىڭىز ۋە قەتئىي ئىرادىڭىز بىلەن ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايسىز.ئۆز ئالاھىدىلىكىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا باش بولغىنىڭىزدا غەلبىنى ساقلاپ قالالايسىز.ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاسان ياكى قىيىن بولسۇن ،ھەرقانداق مەسىلىنى يېشەلەيسىز.شامالغا قارشى ئىش تۇتسىڭىزمۇ ئىشىڭىز ئوڭغا تارتىپ تۇرىدۇ.دىندارلىقىڭىز بىلەن دىندارلار ئارىسىدىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتالايسىز.باشقىلارغا تەمكىنلىك بىلەن يېقىنلىشالايسىز.سىزنى ياخشى تۇنىغانلار ناھايىتى تېزلا قەلبىڭىزنى ئۆزىگە رام قىلىپ بولىدۇ.

توققۇز (9) نىڭ مەنىسى
بۇيۇك نىشانىڭىز ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا مۇشەققەتكە باش ئەگمەي يول ئالالايسىز ۋە نىشانىڭىزغىمۇ ئومومەن يېتەلەيسىز.ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر بىلەن داۋاملىق مۇناسىۋەت قىلىپ تۇرىسىز ۋە يۈرۈشتۈرىدىغان ئىشلارنى ئۆزۋاقتىدا يۈرۈشتۈرۈپ تۇرالايسىز.رۇمانتىك مۇجەزىڭىز بىلەن جورىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايسىز،خوشال -خورام ۋە قىزىقارلىق ھالىڭىز بىلەن باشقىلارنىمۇ ئۆزىڭىزگە قارىتالايسىز.دوستچانلىقىڭىز ۋە جۇشقۇنلۇقىڭىز سىزنى باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە ئايلاندۇرىدۇ.شۇ ئارقىلىق يەنە يېڭى-يېڭى دوستلارنى تاپالايسىز.ئەمما سىز تېز ئىش قىلىدىغان مىجەزىڭىزنى كونتۇرول قىلىشىڭىز كېرەك،بولمىسا دوستلىرىڭىز سىزدىن زەرەر يەپ قالىدۇ.ئېغىر بېسىق بولمىسىڭىز بەزى مۇناسىۋەتلىرىڭىز زىددىيەتلىنىپ قالىدۇ.



مەنبەســـــــى:  ئۇيغۇر ئىسىم -فامىلىلىرى   

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82455
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3205
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئو  بەكلا  چوڭقۇر  مەنىلىككەن.. بىلىۋالدۇق  .... رەھمەت سىزگە.........  

قورقۇنچ ۋە گۇمان ئىچىدە ھاياتىڭنى بىھۇدە ئىسراپ قىلما !!!

قۇرۇق شوئار توۋل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8835
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3124 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2+6+4+5+3+1+5+4=30      3+0=3   مېنىڭ ئۈچ چىقتى... رەھمەت... توغرا چىقىپمۇ قالامدۇ نېمە....ھەممەيلەن مېنى نەزىرى ئۈستۈن دەيدۇ...

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

nima disam bola amdi??

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31413
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5521
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راس توغرا چىقامدۇ قانداق؟؟

ھەربىر قەدەمنى ياخشى ئويلۇشۇپ ئال !بوممىسا مەڭگۈ پۇشايمان ئىچىدە ياشايسەن!!!

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 5851 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:33:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشاش ئىسىملارنىڭ خاراكتىرىمۇ ئوخشاش چىقىدىكەندە ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 08:33 PM  


كۈمۈڭلار مېنى ئەجەل تۇمانى تولسا قارچۇققا
ئەجدادىم ئارماندا كەتكەن قەدىم شەھەر بارچۇققا
نە ھاجەت كۆز قىيالماي غەم شارابىن ئوتلىماق
روھىم كېزەر ئەرشتە جىسمىم كىرس

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25795
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3135 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  2+6+7+7+3+1=26=2+6=8   ، ئازراق توغرا چىققاندەك تۇرامدۇ نىمە

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

زەنجىردەك بوغارمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5432
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 637 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ab8ob8 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 08:22 PM
2+6+4+5+3+1+5+4=30      3+0=3   مېنىڭ ئۈچ چىقتى... رەھمەت... توغرا چىقى ...

مىنىڭكى  5 چىختى  .،. توغرىمۇ نىمە .،.،دىمىسمۇ  مەن  باشقىلارغا  سەل  سۈرلۈك  كۆرنۈشنى  ياخشى  كۆرىمە ،.،.

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 08:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ 10  چىقتى ئونچۇ؟

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

'Güzel gören, güzel

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21504
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9285
تۆھپە نۇمۇرى: 686
توردا: 4789 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 09:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ چوڭ ئىشتىن بىرنى قىپسىز

مەندىن كۆپ يىراقتا سەن

ئەگەر دۇنياغا قا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7236
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8563
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5207 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2012-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 09:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 08:54 PM
مىنىڭ 10  چىقتى ئونچۇ؟

10 چىقسا 1 گە قارىمامسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش