مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 385|ئىنكاس: 2

چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېڭىچە نۇقتىنەزەردە مۇئامىلە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82286
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 06:18:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېڭىچە نۇقتىنەزەردە
                             مۇئامىلە قىلىشى كېرەك
    بىز ئادەتتە،ئاتا ئانىلارنىڭ <<ئوغلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا ئۆرلىشى بىلەنلا ئادەمنى بىزار قىلغىلى تۇردى،بىزنىڭ گېپىمىزنى پەقەت ئاڭلىمايدۇ،قانداق قىلساق بولار؟>>دەپ قاخشىغانلىرىغا ئوخشاش   ئوقۇغۇچىلار    پىسخىكىسىغا   ياتىدىغان     گەپ-سۆزلىرىنى    دائىم      ئاڭلاپ تۇرىمىز.ئەمەلىيەتتە،<<شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى>>،<<شىنجاڭ مائارىپى>>ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىنىپ مەسئۇللىرى،ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەر داۋاملىق بېسىلىپ،كەڭ ئوقۇتقۇچى،ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا زور ئىنكاس قوزغىماقتا. ئەگەر بىز تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈگىنىشكە ئەمەس بەلكى تورخانىلارغا ياكى يات جىنىسلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بادى-كەلدى قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى،شۇ سەۋەپتىن ھەتتا ئۇرۇشۇش،ئۆيدىن چىقىپ كېتىش،قاتىللىق قىلىش ياكى ئۆلۈۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.
  بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدا،ياشلىق خۇددى ناخشىدا ئېيتىلغان تاڭ شەپىقىدەك نۇر چېچىشى،ئەتىرگۈلدەك خۇشپۇراق چېچىشى كېرەك.  ياشلىق بىباھا گۆھەر،بىزنىڭ بالىلىرىمىز نېمىشقا ياشلىق بەختى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلالمايدىغاندۇ؟

  ئەمەلىيەتتە،ئومۇمەن ياشلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،سادىر قىلغان خاتالىقى ھەمىشە ئوقۇغۇچىلاردا بولماي،بەلكى بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدا بولىدۇ،پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ياش-ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ئادەم ھاياتىدىكى بىر پەۋقۇلئاددە دەۋر،پەۋقۇلئاددە دىگەنلىك_بوۋاقلىق مەزگىلى بىلەن بلىلىق مەزگىلى،ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىگىمۇ،شۇنداقلا ياشلىق مەزگىلىگىمۇ ئوخشىمايدۇ ،دىگەنلىكتۇر. پەۋقۇلئاددە بولغانلىق نورمال بولغانلىق بولىدۇ.يەنىلا ئىگىرىكىدەك بولسا،نورمالسىزلىق ھېسابلىنىدۇ .
      بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنى توغرا تاپمايدۇ.<<بىزمۇ ياشلىق مەزگىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن،بىز ئۇ چاغلاردا ھەرگىزمۇ بۇلاردەك باشقىلارنى ئەندىشىگە سالمايتتۇق>>دىيىشىدۇ. بۇ گەپلەر ئورۇنلۇق. بىراق، مەسىلە شۇنىڭدىكى،دەۋر ۋە جەمئىيەت ئۆزگەردى،بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ،ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشتىن ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىشقا،كىيىم -كىچەك پۇتۇن بولماسلىق،قورساق توق بولماسلىقتىن تۇرمۇشتا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە،كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىن يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇشقا،سانائەت يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسى گەۋدە قىلىشتىن بىلىم دەۋرې،ئۇچۇر دەۋرىگە ئۆتۈشكە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە،ياشلىق نىمە ئۈچۈن يېڭىچە تۈسكە ئىگە   بولمىسۇن؟
      شۇنداق   دېيىشكە   بولىدۇكى،  ھازىرقى  ئوقۇغۇچىلارنىڭ   ھەر خىل    ئىپادىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدۇر .
    ئەمەلىيەتتە، ياشلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىرقانچە چوڭ ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە:
بىرىنچىدىن،ئۇلار مۇستەقىللىق ۋە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشنى،كىشىلەر بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ،باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغۇسى كەلمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن،ئۇلار يېڭىچە قاراشلارغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ،ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ،رىقابەت خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن،ياشلىق دەۋرىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ،ئۇلار ئۆزى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ،ھېسسىيات،كىشىلىك مۇناسىۋەت،ئىندىۋىدۇئاللىق،جىنىس قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇلار ئىزدىنىدىغان  قىززىق  نۇقتىلاردۇر.
         بىراق، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئۈگىنىش رىقابىتى،ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ يۇقىرى بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بېسىم،دوستلىرى كەم بولۇش سەۋەبىدىن ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنىڭ ئەركىن بولماسلىقى ،ھەرىكەت بوشلۇقىنىڭ كەمچىل بولىشى قاتارلىق مۇھىت شارائىتىنىڭ  چەكلىمىسى ھەمدە ئۆزىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ،ئۇلار دائىم ئوڭۇشسىزلىق ۋە بىزارلىق ئاسارىتىگە ئۇچرايدۇ. بالىلارغا ياشلىق مەزگىلىدە دۇچ كېلىشى مۈمكىن بولغان ئۈگىنىش،تۇرمۇش،پىسخىك ئېھتىياج،زىددىيەت ۋە گاڭگىراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمىلىي مىساللارنى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ھەرىكىتىنى تەڭشەپ،پىسخىكىلىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
                              
                              ئاپتور: قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا  مەكتەپتىن  ئالىم تۇرسۇن
شىنجاڭ مائارىپ گېزىتىدىن ئېلىندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dulatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 07:13 PM  


—Face Book—

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34430
يازما سانى: 777
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6356
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 10:48:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىدا  ھېھقانداق گۈناھ يوق . . . بالىلاردا بولىغان  ياخشى -يامان ئىللەرلەرنى  ئاتا-ئانىلار  شەكىللەندۇرگەن ،   بالىنى قانداق تەربىيەلىسەك  ئۇ  شۇنداق ئادەم بۇلۇپ  يىتىشىپ چىقىدۇ .

بۇنىڭ مىسالى نۇرغۇن   ، مەسلەن 15 يېشىدا خاۋارت ئونۋېرستىتىغا  ئوقۇشقاكىرگەن  بالىلار ،  16ياشتا  خارۋارىتنى  پۈتتۈرگەن  بالىلار  ھەر گىز  توغما ئەقىللق  بالىلار ئەمەس .   ئۇلارنىڭ ھەممىسى  بىزدەك  سىزدەك  ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ   ياخشى كۈيۈنۈپ تەربىيلىشى ئارقىسىدا   مۇشۇنداق  ئۇتۇقلارنى  قازانغان . . .         

   بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەيلى  ،  . . .    كەلگۈسى ئۈچۈن .

سۈيۈملۇك دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ‹ئاتا-ئانام›غا رەھمەت ئېيتىمەن ،

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:40:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىغان دەۋرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىى سەۋەبىدىن ھازىرقى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇشۇ ۋاقتى بىلەن بۇرۇنقى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ۋاقتىنى سېلىشتۇرساق ئاسمان زىمىن پەرق چىقىدۇ ئەلۋەتتە!!مەيلى كۆزقاراش بولسۇن مەيلى تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيە بولسۇن ھامان بىر پەرقلەر مەۋجۈت بولۇپ قالىدۇ،لېكىن پەرزەتنىڭ قانداق بولۇپ يېتىلىشى ئاتا-ئانىغا باغلىق بۇ بىر مۇقەررەرلىك،چۈنكى ئاتا-ئانا ھەربىر بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش كۆز قارشى ۋە ئادىتى بالىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ!!
ھەربىر ئاتا ئانا بولغۇچى خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ سەۋەبىدىن بالىغا كۆڭۈل بۆلەلمەي قالسىلا يۇقىردىكى ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشى تۇرغانلا گەپ!شۇڭا ۋاقىت ئاجرىتىپ پەرزەتنى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ پىسخىك ئۆزگىرىشىگە قاتتىق دىققەت قىلىىشى ۋاقتى ۋاقتىدا توغرا يولغا يىتەكلەپ تۇرۇشى زۆرۈردۇر!!!!

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش