مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 11314|ئىنكاس: 93

قەشقەر تەسىراتلىرى[مارشال]   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1030
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 30413
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7353 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەر تەسىراتلىرى


مارشال



    تارىخ -ئۆتكەن زامانغا تەۋە  بولغان ئۇقۇم بولۇپ،ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىنى،مەدەنىيىتىنى،تۇرمۇشىنى بىلىشى كېرەك.ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتالمايدۇ.تارىخنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ھەرقانداق كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان  مەجبۇرىيىتى.كۆپىنچە ھاللاردا،تارىخنى چۈشىنىش ئۈچۈن كىشلەر كۆپ ھاللاردا كىتابتىن ئىبارەت ئوقۇش قورالى ئارقىلىق ئۆز تارىخىنى بىلىش مەقسىتىگە يەتكەن.لېكىن،كىتابتىن ئالغان تارىخىي بىلىملەرگە قارىغاندا،قەدىمقى ئاسار-ئەتىقىلەردىن،قەبرىستانلىقلاردىن،مۇزىيخانىلاردىن،پىشقەدەملەردىن ئېلىنغان تارىخ كىشىگە ھەقىقىي مەنىۋى زوق ئاتا قىلالايدۇ.ئالدىنقى بايانىمىزدىكى كىتاب ئارقىلىق تارىخ دەرسى ئۆگىنىش كىشىنىڭ ئۆتمۈشكە بولغان چۈشەنچىسىنى ھېسسىي باسقۇچتا،ئابىستىراكىتلىق تەپەككۇر بويىنچە ئۆتمۈشنى غۇۋا ھېس قىلدۇرالىغان بولسا،كەينىدىكى ئەمەلىي زىيارەت قىلىش ،ئىزدىنىش ئارقىلىق روياپقا چىققان بۇ ئۆگىنىش ئۇسۇلى تارىخنىڭ ھەقىقىي قايناملىرىغا باشلاپ ئەكىرىدۇ.چۈنكى،بۇنىڭدا قەدىمقى ئىزنالارنى كۆرۈش،تۇتۇپ بېقىش،ئەمەلىي كۆزىتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.كاللىسىدا تۈگۈن ھېسابلانغان،يېشىلمىگەن مەسىللەر چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق مۇئەييەن بىر قىممەت قاراشنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.

   قەشقەر-ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى،ئۇ يەردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى،دۇنيا قاراشنى،ئۆرپ-ئادەتنى،تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت قاينىمىغان چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئۆزگىچە خاسلىقنى تۇنۇپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇ خاسلىق،كىملىك بىزگە يەنە نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلەرنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇتىدۇ.قەشقەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم،ئەزىزانە قەشقەرگە بارساملا،ئەتراپىدىكى تار كوچا،تۈمەن دەرياسىنى،ھېيتگاھنى كۆرسەملا،ئۆزەمنى تۇتالمايمەن،ئوغۇل بالىدىن ئوڭاي ياش چىقمايدۇ دەيتى مەرھۇم يۇرت مۆتىۋەرلىرى...
   
  سەپەر جەريانىدا ساقلاشقا تېگىشلىك بولغان خاتىرە،پىشقەدەملەردىن ئېلىۋالغان ئاغزاكى بايانلار،قىممىتى بار رەسىملەرنى ساقلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم،بۇ قېتىملىق سەپەردە رەسىملەر كۆپ تارتىلغان ئىدى،رەسىم بىرخىل قاراتمىلىققا ئىگە بولغان بىرخىل كۆرۈنۈش بولۇپ،ھەر قانداق كىشىگە بەرگەن تۇيغۇسى،قارىشىدا مۇئەييەن پەرقلەرنىڭ بۇلۇپ چىقىشى مۇقەررەر.ياخشى تارتىلغان سۈرەتلەردىن شۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئاىدىتى،دىننىي ئېتىقادى،تۇرمۇشى،مەدەنىيىتى،نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىگە خاس بولغان بىر مىللىيلىكنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.مەن كەسپىي فوتۇ ئاپراتچىلاردىن ئەمەس،شۇنداق بولسىمۇ،ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىدە ئۆزەمنىڭ كۆز-قارىشى بويىنچە بىر قەدەر جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان،قاراتمىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان رەسىملەرنى تاللاپ تۇرۇپ،رەسىملەرگە ئۆز كۆز-قاراشلىرىمنى بايان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

  سۈرەتلەرگە باھا بېرىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ،ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن كۆرۈنۈشلەر بولغانكىن بۇ سۈرەتلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى توغۇرسىدا قىسقىچە بايان قىلىشنى زۆرۈر تاپتىم،مۇنبەردە نۇرغۇن زېھىنياتلىق ئەزالار بار،ھەر كىشىنىڭ ياشاۋاتقان دۇنيادىن ئالغان ھېس-تۇيغۇلىرى شۇ كىشىدە مۇئەييەن دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ.بۇ قاراشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى،ئۆزىنى تۇنۇش ۋە ئۆزگىنى چۈشنىنشتىن ئىبارەت.شۇڭا،بۇ قېتىمقى مەن يوللىغان سۈرەتلەرنى مۇنبەردىكى ئەزالار بىلەن ئەتراپلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ،بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

قەشقەر ھېيتگاھ


كېلىپ قالغاچ بۈگۈن گۈزەل دىيارغا،


جانلىنىپ كەتتى بۇ قەدىمىي شەھەر.


ئۇپۇقنىڭ سىزىقى كۆرۈنۈش بىلەن،


دىماققا پۇرايتى ئىپارۇ-ئەنبەر.




قەشقەر -تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان،تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى،ياراتقان مەدەنىيەتلىرىنىڭ شانلىقلىقى بىلەن يىپەك يولى دەپ شۆھرەت قازانغان ئوتتۇرا ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەھەر،بۇ شەھەرگە كەلگەن ھەربىر ساياھەتچىنىڭ تۇنجى كۆزى ھېيتگاھقا مەركەزلەشكەن،ھېيتگاھ ئالدى تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قايناق بازىرى بولسا،مەسجىد ئىچىدىكى ئىبادەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي-ئېتىقادىنى روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ خاقانى سۇتۇق بۇغراخان ئاتۇش مەشھەدتە نەچچە ئونمىڭ ئۇيغۇر بىلەن بىرلىكتە ئىسلام دىنغا بەيئەت قىلغان،دۇنيا تارىخىدا دۆلەت،خاقان بويىنچە ئىسلام دىنغا كىرگەن ئىش پەقەت مۇشۇ زېمىندا كۆرۈلگەن،ھېيتگاھ جاماسىنىڭ ئالدىدىكى بىناكارلىق قۇرۇلىشى،مويىسىپ كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن  ئىسلام دىننىڭ قانچىلىك گۈللەنگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇ يەردىكى تۇنۇش چىرايلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇرلار بولۇپ،ھېيتگاھقا قەدەم باسقان ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ھاياجانلىنىدۇ،كۆزىگە ئىسسىق ياشلار كېلىدۇ.
قاراڭ،ئاۋۇ توپ ئويناۋاتقان بالىغا،بۇ كۆرۈنۈش مەن قەشقەردىن قايتىدىغان كۈنى تارتىلغان ،1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان ئۆستەڭبويى ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىش تەس ئەمەس.كەڭرى مەيدان ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،ئۇلار بۇ يەرگە قۇتلۇق قەدەم باسقىنىدىن تولىمۇ خوشال.بۇ رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزۈم يازغان بىر كۇبلىت شېئىرىم بىلەن رەسىم ھەققىدە خۇلاسە چىقارماقچى:


                                  قەلبىمدە يانغاچقا يالقۇنلۇق كۈيلەر،

بەيتۇللا،كەئىبە قىلاتتى پىراق.


تۇرغاچقا مەن ھازىر شۇ ھېيتگاھتا،


جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى بىرخىل ئىشتىياق.






تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان،بۇ يەردە نۇرغۇن قول-ھۈنەرۋەنلەر يېتىشىپ چىققان،ئۇلار ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ،تەبىئەتنىڭ ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن تۇلۇق پايدىلانغان ئاساستا،نۇرغۇن نەپىس بۇيۇملارنى،چالغۇ-ئەسۋابلارنى،تۇرمۇشقا لازىمەتلىك بولغان بۇيۇملارنى ئىنتايىن نەپىس،كۆركەم قىلىپ ياساپ چىققان،بۇ يەردىكى كۆپ بۇيۇملار ھازىر جوڭگۇ ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراس سۈپىتىدە ساقلاش ئۈچۈن بەس-بەستە سېتىۋالماقتا.بىر مىللەتنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنىڭ كۆپ بولۇشى،شۇ مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان يارىتىپ كېلىۋاتقان شانلىق مەدەنىيەتنىڭ روشەن ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بۇ نەپىس بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسى تەنتەرخى ئەرزان بولغان بۇيۇملاردىن ياسالغان بولسىمۇ،لېكىن،بۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىرلەر سىڭگەن،ئۇ بۇيۇملاردىكى نەققاشلار ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ روھىيەت قاينىمىغا چوڭقۇر سىڭگەن.ئۇنىڭغا بېرىلگەن نەقىشلەرنى كۆرسىڭىز،سىزنى يىراق ئەسىرلەرنىڭ ئالدىدىكى تارىخ قايناملىرىغا باشلاپ ئەكىرىدۇ.
چالغۇ -ئەسۋابلارنىڭ سانى قەشقەردە خېلى كۆپ،بۇنى ياسايدىغان ھۈنەرۋەنلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەلەيدۇ.قايسى بىر چاغدا بىر دانانىڭ ئاغزاكى بايانىدىن شۇنداق بىر سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم:<<سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز،ئەمما،بارلىقىمىز ئەمەس>>،بۇ ئويلاپ كەلسە،ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆز بولۇپ،12مۇقامدىن ئىبارەت سەنئەت بايلىقىمىز مۇشۇ چالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئورۇندالغان،بۇمۇ بىزنىڭ تارىختىن بۇيان ياراتقان بايلىقىمىز،بۇنى قەدىرلەش ۋە تەرەقىي قىلدۇرۇش،ئەتىگە ئۇلاشتۇرۇش ھەربىر ئەۋلادلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.




بۇ تۇنۇر قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنسىمۇ،لېكىن،بۇ تۇنۇر 300يىلدىن ئارتۇق شانلىق تارىخقا ئىگە، زۇنۇن ھاشىمنىڭ بەش ئەۋلاد كۇلالچىلىقى مۇشۇ تۇنۇر ئارقىلىق راۋاج تاپقان،2003-يىللىرى،كوزىچى يار بېشى مەھەللىسىدە كۇلالچى زۇنۇن ھاشىم ۋاپات بولىدۇ،بۇ كەسىپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىق ئۈچۈن چوڭ ئوغلى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستۇتىدىكى سۇ ئىشلىرىنى باشقۇردىغان ،ھۆكۈمەت مۇقىم مائاش بېردىغان،تەمىناتى ياخشى بولغان كەسىپتىن ۋاز كېچىدۇ.تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ مۇقىم تەمىناتلىق خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كېچىپ،ئۈزۈلۈش ھادىسى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان بىر بوشلۇقنى 21-ئەسىردە داۋام ئېتىدۇ،كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئۆسۈشى،تەرەقىياتنىڭ تېز بولۇشى سەۋەبلىك،بۇ بۇيۇملارغا بولغان ئېھتىياج شۇنچە تۆۋەن،كىرىم مەنبەسى ئاز بولسىمۇ،تۇرسۇنجان زۇنۇن بۇ كەسىپنى تا ھازىرغا كەلگۈچە داۋام ئەتمەكتە.ئاتا كەسپىنى تاشلاپ قويماسلىق،يوقىلىپ كېتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئۇزۇن يىللىق بىر مەدەنىيەتنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ تۇرغان بۇ ئاكىمىزنىڭ جاسارىتىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
قەشقەردە ئاران ئۈچ كۇلالچىنىڭ قېلىشى،كۇلالچىلىقنىڭ پەقەت قانچىلىك ئۆمرى قالغانلىقىنى ھەربىر كىشى تۇنۇپ يېتەلەيدۇ.قەشقەر شەھىرى كوزىچى يار بېشىدا ئۈچ كۇلالچىنىڭ ئۈزۈلۈش ھادىسى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتقان،كىرىم مەنبەسى ئىنتايىن ئاز بولغان كەسىپنى داۋاملىق ھالدا قىلىشى ھەممە كىشىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.




قەشقەرگە بارغان كىشى،كوزىچى يار بېشىنى كۆرۈپ ئۆتۈشى كېرەك.ئۇ يەردىكى تار كوچا قەشقەر شەھىرىدە بىردىنبىر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان تار كوچا بولۇپ،كۆرگەن كىشىنى يىراق ئەسىرلەر ئالدىدىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ قاينامىلىرىغا باشلايدۇ،نەچچە يۈز يىل ئالدىدىكى دىيارىمىزدىكى ئەجدادلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى مۇپەسسەل چۈشىنىش پۇرسىتىگە نائىل بولالايسىز.ئۇ يەردىكى تار بولغان،ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان كوچىلار كىشىگە ئاجايىپ سىرلىق تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ.كېسەك بىلەن سېلىنغان نەچچە قەۋەتلىك ئۆيلەرنى كۆرگەن ھەربىر كىشى دۇنيا بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئاۋال مۇشۇ يەردىن باشلانغانلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.چۈنكى،يىپەك يولى دەپ شۆھرەت قازانغان بۇ تەۋەرۈك ماكاندا،غەرب-شەرق مەدەنىيىتنى ئۆز ئارا يەتكۈزۈپ،تۇلۇقلاپ تۇردىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلانغان.تار كوچىلارنىڭ قىممىتىنى تۇنۇپ يېتىش،ئۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھال-مۇڭ بۇلۇش،بىناكارلىق قۇرۇلىشىنى تەپسىلىي كۆزىتىش،ئىچىدىكى نەقىشلىك ئايۋان-سارايلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان ياراتقان ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھەرلىرى بىلەن تۇنۇش پۇرسىتىگە نائىل بولالايسىز.ئۇ يەردىكى ئۈچ كۇلالچىلار،دوپپا تىككۈچىلەر،نەققاشچىلار،كەشتىچىلەر.... شۇنداق مېھماندوست بولۇپ،سىز سورىغان سوئاللارغا سەمىمىيلىك بىلەن قىزغىن مۇئامىلىدە جاۋاب قايتۇرىدۇ.ئەسكى كېسەك تاملار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ ياتقان ئالتۇن كانلارنى بايقىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىسىز.....
تار كوچا توغۇرلۇق ئاخىرقى بايانىمنى بىر كۇبلىت شېئىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇراي:


                                              ھەيرانلىق ئىلكىدە سۈرەتتىم خىيال،

   بۇ يەرنىڭ تارىخى ئۆتمۈشنى ئەسلەپ.


ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراپ ماڭاتتىم،


قەدىمقى تار بولغان كوچىنى بويلاپ.



بۇ رەسىم كوزىچى يار بېشىدا تارتىلغان سۈرەت بولۇپ،قارىماققا بىر قۇلۇپلانغان ئىشىك،قىزىل خەت يېزىلغان تامغا،قۇلۇب سېلىنغان ئۆي بولسىمۇ،بۇ رەسىمنىڭ قاراتمىلىق كۈچى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولغان رەسىم ھېسابلىنىدۇ.جان بېقىشنىڭ تەسلىكى،يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى بۇ يەردىكى قىسمەن ئاھالىلارنىڭ سەرەنگە بىناغا كۆچۈپ كېتىشىىگە مەجبۇر بولغان.بۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ تەۋەرۈك ماكانىنى تاشلاپ كېتىشى بىرخىل تىرىك مەدەنىيەتنىڭ ئۆلۈك ھالىتىگە قاراپ يول ئالغانلىقتەك تۇيغۇلارنى بەردى...


گۈزەل تۈمەن دەرياسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئېقىپ تۇرىدۇ،سۇ يىلدىن -يىلغا ئازايماقتا،بۇ يەردىكى تۆگىنى يېتىلەپ كېتىۋاتقان بوۋاينىڭ ھەيكىلى قەدىمقى يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى،ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى ھېسابلانغان يىپەك يولىنىڭ مەركىزىدە پارلاق بىر مەدەنىيەتنىڭ چاقناپ تۇرغان جۇلاسىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.بۇ ھەيكەل تۈمەن دەرياسى ئەتراپىدا بولۇپ،كىشىگە بىرخىل باتۇرلۇق،جاسارەت ئاتا قىلدىكەن.


بۇ  بالا كوزىچى يار بېشىدىكى بىر كۇلالچىنىڭ قورۇسى ئالدىدا تارتىۋلىنغان سۈرەت،بۇ سۈرەتنى تارتقان ۋاقتىمدا،بۇ ئوماق،سەبىي بالا بۇ رەسىمنى تارتىۋاتقانلىقىمدىن بىخەۋەر ئىدى.
بۇ بالىنىڭ چىراي تۇرقىغا قارىڭىز،شۇنداق بىر ئىللىق چىراينى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.ئۇ بالىنىڭ كەينىدىكى يۇمۇلاق ياسالغان ياغاچ قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ،لېكىن،مەدەنىيەتنىڭ يارقىن بىر نۇقتىسى دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.سىزنىڭمۇ سەبىيلىك،بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىز بولغان، تاشقى دۇنياغا ھەيرانلىق ئىلكىدە سۈرگەن خىياللىرىڭىزمۇ بولغان،بۇ بالىنىڭ قانداقتۇر بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قارىشى مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەتتى.





يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،خەلقئارادا يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى ئىنتايىن كۆپ يۈز بەردى،يەر تەۋرەش گېئولۇگىيىلىك ھادىسە بولۇپ،بۇنى بايقاش،ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن تەس بولغان،تېخى تۇلۇق ھەل قىلىنىپ بولالمىغان مەسىللەرنىڭ بىرى.دۇنيانىڭ كۆزى ھېسابلانغان قەشقەردە نۇرغۇن تار كوچىلار بولۇپ،بەزى ئۆيلەر ئىنتايىن خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان،يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كىشىلەرنىڭ بىخەتەر ئۆي قۇرۇلىشى،ئەمىن ئۆي قۇرلۇلىشى يېقىنقى 5-6يىلدىن بۇيان،پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.قەدىمقى ئەنئەنە ،مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش،ئاشۇ ئۇسلۇبتا قۇرۇلۇش قىلىپ،كىشىلەرنىڭ بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن قەشقەردىكى كۆپ قىسىم تار كوچىلار چېقىلىپ،قايتىدىن رەتكە سېلىنماقتا...


بۇ قەشقەر ھېيتگاھ كەينىدىكى،يەنى ئۆستەڭبويى ئەتراپىدىكى بىر تار كوچا بولۇپ،بۇ يەردىمۇ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىماقتا.ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئانا بىلەن بالىنىڭ يېقىن ئولتۇرىشى،ئانىنىڭ بالىغا مېھرلىك كۆزى بىلەن قاراپ،بارلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى بالىغا بېرىشى ئاتا-ئانا ئالدىدا قانچىلىك بېقىش،ئۇلارنى قانچىلىك رازى قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بارلىقىنى تۇلۇق ھېس قىلدۇرىدۇ.ئاتا-ئانا ئۇلۇغ ئىنساندۇر.ئۇ ئۆز پەرزەنتىنى كىچىگىدىن باشلاپلا،ئادەم بۇلۇشنى،قانداق يولدا مېڭىشنى،ئاق-قارىنى پەرق ئېتىشنى ئۆگىتىدۇ.ئاتا-ئانىمزغا قايتۇردىغان پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى چوقۇم ياخشى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.


بۇ ئۇيغۇر يىگىتلىرى ھەقىقەتەن تىرىشچان كىشىلەردۇر.ئۇلار ئەجدادلار ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ،يېڭىدىن سېلىنۋاتقان قۇرۇلۇشلارنى مىللىي نەققاشچىلىق ھۈنىرىنى قوللىنىپ،ئۆستەڭبويى ئەتراپىدىكى ئەڭ ئاۋات بولغان بۇ يەرنى تېخىمۇ كۆركەم تۈسكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.ئۇلارنىڭ ئاشۇ پىششىق نەقىش خىشلارنى تامغا بېسىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر-مېھنەت كېتىدۇ.بەدىندىن تەرلەر ئاقىدۇ.ئۇلار بۇ كەسىپتىن ۋايساپ باققانلار ئەمەس.چۈنكى،ئۇلار مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدۇغۇچىلاردۇر ۋە بۈگۈنكى تەرەقىيات تەلىپى بويىچە،تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا،قۇرۇلۇش ئېپ بېرىۋاتقان سۆيۈملۈك ئەزىمەتلەردۇر،ئۇلارنىڭ ئىشچانلىق،كەسىپكە بولغان ئىتائەتمەنلىگىنى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.






بۇ قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ كەينىدىكى يېڭىدىن پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان تار كوچىلار بولۇپ،ئەسلى،بۇرۇنقى تار كوچىلارنى قوغداپ ،ئاسار-ئەتىقە ئورنىدا ساقلاپ قالغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى بولاتتى.پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولاتتى.  گۇگۇڭ خان سارىيىمۇ نۇپۇس سانى شۇنچە كۆپ،دۇنياۋى شەھەر بولغان بېيجىڭدا يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتى بويىنچە تۇرماقتا. شۇنداق چوڭ شەھەرگىمۇ كونا شەھەر پۇتلىكاشاڭ بولمىغان ئىدى...نىھايەت،قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،تارىخقا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا قايتا ياسىلىپتۇ،ئۇزاق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ئەزىزانە قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى زامانىۋى مۇھىتتا يەنە قەدىمىيلىكى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ.
تار كوچىلارنىڭ شانلىق تارىخى،مەدەنىيىتى  ئازراق سۈنئىيلىك ئارىلاشقان بولسىمۇ،يەنىلا،ئۆز قىممىتىنى قايتىدىن جۇلالاندۇرغان ئىش مېنى شادلاندۇردى.بۇ يەردىكى كېسەك پارچىلىرى،كونا ياغاچلارنى نەچچە رەت تۇتتۇم،ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمنىڭ ئەجىر -مېھنەتلىرى بار ئىدى.


بۇ بوۋاينى  قەشقەر شەھىرى يولىدا ئۇچرىتىپ قالدۇق.مۇنبەر ئەزاسى تۈركيار(رافىت)بىلەن كۆكنۇر كىتابخانىسىغا بېرىۋاتقان چېغىمىز ئىدى.بۇ بوۋاينىڭ چىرايىدىن ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش،بىرخىل جاسارەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.بۇ كىشىنىڭ ئۆيى باشقا ناھىيدە بولۇپ،5تال گىردىنى بىر بېكەتتە ئۇنتۇپ قالغان ئىكەن،ئۇ بوۋاي ئىنتايىن تەستە،ئېغىر قەدەملەر بىلەن مېڭىپ،شۇ يەرگە ماڭغىل تۇرۇپتۇ.تۈركيار بوۋاي بىلەن ھال-مۇڭ بولدى.ئۇزاق پاراڭلاشتۇق ھەمدە ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسىلىرىنى تۈركيار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئەكىلىپ بەردى ھەمدە بۇ بوۋاينى قاتناش بېكىتى يېنىغا ئاپىرىپ قويۇشقا بىر توكلۇق موتۇ ھەيداۋاتقان ئاكىمىزغا پۇل بېرىپ،يولغا سالدى.
بۇ بوۋاي تۈركيارنىڭ بۇ قىلغىنىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى ھەمدە كۆزىگە ئىسسىق ياشلارنى ئالدى.دۇنيانىڭ مېھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تۇنۇپ يەتتىم.


ھەركىم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش،ئادەتتىكى كۈنلەر بولسۇن ۋە ياكى باشقا كۈنلەردە بولسۇن،بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات بولغان ئۆستەڭبويى ئەتراپى قاينام-تاشقىنلىققا چۆكۈپلا تۇرغان،تۇنۇش چىرايلار،تۇنۇش كۆزلەر بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تۇنۇتۇپ تۇرغان،زامانىۋى تەرەقىيات بىلەن ئەنئەنە ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ بىر پەرقنىڭ،قارشىلىقنىڭ سۈركىلىش ھادىسىنى چۈشنىشىپ يېتىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە.


نەچچە يۈز يىللىق غەپلەت ئۇيقۇسى،قىسمەتلىك تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى،قانلىق تارىخ بۇ يەرنى كۆرۈپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى،300نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا،سەئىدىيە خانلىقى بېشىغا قارا بوران كۆرۈلدى،ئەپسۇس،قورقۇنچاق ئىسمايلخان بۇ نەچچە يۈز يىللىق جاھالەت سەمەرىسىگە سەۋەبچى بولدى،بەلكىم،ئۇ خان‹‹ئاللا بىردۇر،مۇھەمەت ئاللانىڭ ئەلچىسىدۇر،ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرىدۇر››دېگەن سۆزنى تېگىدىن چۈشەنمىگەن بولسا كېرەك،بۇ تۇزكۇر مۇناپىق ،لەنەتتەككۈر ئافاق غوجا دەل شۇ چاغدىلا ئۆلتۈرىلىشى كېرەك ئىدى!مىڭ ئەپسۇس،ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئىسمايىل خان ئۇنى ئۆلتۈرۈشتىن قورقۇپ،ۋەتەن تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقاردى !ئا.ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئويغانغان زېمىن››دېگەن كىتابىدا بۆرىنى تاغقا قويۇپ بەرسە قانداق ئاقىۋەتلەر كىپ چىقىدىغانلىق مۇنبەردىكىلەرگە سۆزلىمىسەكمۇ ئۇقىدۇ.مەختۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باشلىغان سوپىنىزىم،‹‹ۋەھىداتۇل ۋۇجۇد››تەلىماتى ئەمدىلا جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇر ئاسمىننى زۇلمەت دۇنياسىغا دۇچار قىلدى،نۇرغۇن تارىخنىڭ شاھىدى بولغان ئەسەرلەر كۆيۈپ كۈل بولدى،نۇرغۇن ئالىملار ئۇنىڭ قولىدا 16خىل قىيناق ئۇسۇلى بىلەن رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلدى،تارىم ئۈنسىز ياش تۆكتى،گۈزەل ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئاياق ئاستى قىلىنىپ،باسقۇنچىلققا ئۇچراپ،كۆڭۈل خوشىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن،ئۆلتۈرۈپ،تۇپراق ئاستىغا ئېچىلمىغان گۈلى،ئىپپەت-نۇمۇسى ئەلەمنىڭ،خورلۇقنىڭ ئاستىدا لەھەتكە كىرىشكە مەجبۇر بولدى.350يىل شۇنداق داۋاملاشتى،ئەلشىر نەۋائى ياراتقان ئەسەر ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەكلىماكان دىيارىدا كۆرۈلمىدى،قىسمەت بورانلىرى،سوپىنىزىملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇ بىچارە ئۇيغۇر مىللىتىم نەچچە ئەسىر نادانلىق پاتقىقىغا پېتىپ،تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگۈچە،بۇ ئىشلار داۋام قىلدى...تارىخ مۇشۇنداق قىسمەتلىك،ئېچىنىشلىق يېزىلدى،20-ئەسىردە ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەركىتىدە جاھالەت سەمەرىسىدىن قۇتۇلۇش،جەدىتنىزىم ھەركىتى،پەننى ئىسلاھ قىلىش ھەركىتى باشلاندى،چەتئەلنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى ئۆگىنىش باشلاندى.
مەنبە:قەلىمىم ۋە فوتۇ ئاپراتىم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-7 06:03 PM  


ھازىرغىچە 12 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzumtal + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
شاكىچىك + 20
dahan + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
attirgul + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 222 ماختاشقا تېگىشلىك
turkinaz0992 + 100 ئەھمىيەتلىك سەپەر !
katran + 199 تەپەككۇرى كۈچلۈك
fatima + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
sazguri + 108 تەپەككۇرى كۈچلۈك
elijan + 500 ئەھمىيەتلىك.
شاتئاي + 300 ______؟؟؟
barquk8 + 300 نادىر تىما !!!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3249   باھا خاتىرىسى

قەلەم قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر ،
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .
-ئابدۇقادىر جالالىدى

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11165
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:32:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم مارشالنىڭ ئۇشبۇ تىمىسىغا تۇنجى بۇلۇپ ئىنكاس يازغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن .
بۇ تىمىنى نادىرلاشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن !!!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 05:43 PM  


ئادەم ئىمانى بىلەن ئادەم .....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82799
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3684
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:34:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ ئۆي چېقىش بەك ئەدەپ كەتتى .


تېمىڭىزغا رەھمەت !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەھىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 03:42 PM  


قاغا قاغىنىڭ كۆز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6366
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8419
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1037 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2012-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:40:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  قەشقەرررررررررررررررررررررررررررررررر

ئاناڭنىڭ ھۆرمىتىنى قىل، ئاناڭنىڭ ئىززتىنى قىل، ئەقىل قايدا بولسا ئۇلۇغلۇق بۇلۇر، بىلىم كىمدە بولسا بۇيۇكلۇك تاپۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3962
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:41:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملەر بەك ياخشى چىقىپتۇ .  راسىت قەشقەر شەھرى ھازىر كۆپ ئۆزگىرىپ كەتتى . قەدىمى كونا كوچىلار ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستابىتۇن قۇرلۇش ھالەتتە پۇختىلىنىپ ياسالماقتا . بۇ كونا شەھەر تەۋەسىدە ياشاۋاتقان خەلىققە نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش .

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5075 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرگە بىر بېرىش ئارزۇيۇم بار ،  ھېيتگاھنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگۈم بار .  لىكىن بارغىنىم بىلەنمۇ يا ئۇرۇق تۇققانلار ، يا تۇنۇش بىلىشلەر يوق . نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنىمۇ بىلمىگەندىكىن بارالمىدىم .  ئۈرۈمچىگە بارساممۇ شۇنداق غېرىپسىنىپ كىتىمەن ، يوللار ناتۇنۇش ،،،،، ئادەملەر ناتۇنۇش ،،،،،، دۇنيادا مۇساپىرچىلىقتىن ئۆتە كۆڭۈل يېرىمچىلىقى بولماس ....

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81424
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:53:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت ..............!  لىكىن چىقىلىۋاتقان ئاۋۇ ئۆيلەرنىڭ ئەسلى ھالىتى بۇزغۇنچىقىققا ئۇچرىماسلىقى كىرەك ئىدى ................     
قەشقەرنىڭ ئۇ ئۆيلەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە  مۇشۇ كەمگىىچە يەر تەۋرەپ  ئۇ ئۆيلەر ھىچنىمە بولمىغان  يەر تەۋرەشنى ھەم ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بانا قىلىپ  ئۆستەڭبويى ، خان بازىرى  ،
ۋە نوربىشى قاتارلىق رايۇنلاردىكى ھەققى مىللى پۇراققا ئىگە ئۆيلەرنى بۇزۇپ تۇزەش مىنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ ..........................

كۆك بۆرە فىلىم ھاسىللاش يۇمشاق دىتاللىرى تەتقىقات ئىشخانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 03:54:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدىش ئاپراتنىڭ ياخشىراقىنى ئەكەلگەن بولساڭلا ، تىخمۇ سۇزۇك چىقاتتى ئەمەسما رەسىملەر
تاپقان پۇللارنى نەگە كۆمەۋاتقانسىلە .
بۇدالىققا قايەرنىڭ رەسمى لازىم بولسا تىلفۇن چىلىڭلا ، مەن تارتىپ ئىۋەتىپ بىرەي ، ماخما

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق،ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت .
.
.
پىتوفى ساندورو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:06:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1miskal يوللىغان ۋاقتى  2012-7-23 03:41 PM
رەسىملەر بەك ياخشى چىقىپتۇ .  راسىت قەشقەر شەھرى ھازىر  ...


بەرھەق بەرھەق ...
ھۆكمىتمىز رەھپەرلىكىدە  نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئۆرۈلمەي ، يىقلىپ چۈشۈشكە ئاز قالغان ( كونا شەھەر رايونى ) چىقىپ ، يىڭلاپ ، شۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ  ئۇخلاپ چۇشىدىمۇ كۆرەلمەيۋاتقان كاتتا ، ، بىخەتەر ، ھەشەمەتلىك ، ئىگىز - ئىگىز لۇفاڭلارغا كۆچۈرۈپ قىرىنداشلىرمىزنى خاتىرجەم قىلدى .
شۇڭا ھۆكمىتمىزنىڭ بۇ ياخشىلقىغا ، رەخمەت ئىيتماي تۇرالمايمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-23 04:08 PM  


ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق،ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت .
.
.
پىتوفى ساندورو

ھاياتتىن گۈزەلل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 1070
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17934
تۆھپە نۇمۇرى: 611
توردا: 4960 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-23 04:13:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرگە بارالماي ئۆلەپ كېتىدىغان ئوخشايمەن

باھار چېچەكلىرى دىماقلارغا ئۇرۇلدى ،لىكىن دىلنى چەكسىز غېرىپلىق قاپلىدى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش