1. بۇ جىنايەتنىڭ ئۇقۇمى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە دەحلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتى دەپ ، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى حادىملارنىڭ مەجبۇرلاش ۋاستىسى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە بۇزعۇنچىلىق قىلعان ئېغىر قىلمىشلارغا ئېيتىلىدۇ .
2. بۇ جىنايەتنىڭ ئالاھىدىلىكى
بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئوبيېكىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ( ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى ›› ، جۇڭگو سىياسى قانۇن ئونۋېرسىتېتى ، 1997 - يىل نەشرى ، 617 - بەت . )
بۇ جىنايەتنىڭ سوبيېكتى دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملار بولۇشى شەرت . ( ‹‹ جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقى ›› ، قانۇن نەشرىياتى ، 1997 - يىل نەشرى ، 732 - بەت . )
بۇ جىنايەت سوبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىنلا شەكىللىنىدۇ ، يەنى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا يول قويۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، بۇنىڭغا قەستەن دەخلى - تەرۇز قىلىشتىن شەكىللىنىدۇ .( ‹‹ جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىقىدىن دەرىسلىك ›› ، جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئونىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ، 1997 - يىل نەشرى ، 534 - بەت. )
ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى مۇھىم شەرتلىرى
بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن قانۇنسىز ئارلىشىش ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ . ئارلىشىش ، بۇزغۇنچىلىق قىلىش شەكلى زورلۇق ئىشلىتىش ، تەھدىت ئىشلىتىش ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مەمۇرى تەدبىر قوللىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ . مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت پۇقرالىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بۇيىچە ئېلىپ بارغان نۇرمال ھەركەتلىرىگە ئارلىشىش ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ . خۇيزۇ ئاممىسىنى چوشقا گۆشى يىيىشكە مەجبۇرلاش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھېيت - بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ . بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك: (1) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئوبيېكتىپ جەھەتتە مەجبۇرلاش خارەكتېرىدە بولىشى شەرت . ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قالاق ئۆرپ - ئادىتىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە ئۇنى ئۆزلىكىدىن ئىسلاھ قىلىشقا تەشۋىقى ، تەربىيە يولى بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلغان بولسا ، بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ .(2) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى قانۇنسىز بولۇشى شەرت ، يەنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ئارلىشىشنىڭ قانۇنلۇق ئاساسى بولماسلىقى شەرت . (3) دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان نىشانى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ، يەنى خەنزۇلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى بولىشى شەرت ؛بۇنداق ئۆرپ - ئادەت ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن ، ئاممىۋى ئاساسى بولغان ئۆرپ - ئادەت بولىشى لازىم . شۇڭا ، خەنزۇلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى كۆزدە تۇتماي ، ئايرىم ئادەملەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ئارلاشقان ھەركەتلەردىن بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ .
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇشۇ ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ، دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىلا بۇ جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدۇ . قىلمىشى ئېغىر دىگىنىمىز ، ئاساسلىقى ۋاستىسى قەبىھ ، ئاقىۋىتى ئېغىر، سىياسى جەھەتتە تەسىرى يامان بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . مىللىي ماجرا كەلتۈرۈپ چىقارسا ،قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ھېسابلىنىپ ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىدىن سىياسى سەۋيىسى تۆۋەن بولغانلىقتىن ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، كونكىرىت مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماي ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلارنى ئادەتتە بۇ جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلماي ، ئۇلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرى جازا بېرىلسە ياكى تەنقد - تەربىيە بېرىلسە بولىدۇ . (‹‹ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ خاس پىرىنسىپى ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بەلگىلىمىلەر ھەققىدە يېڭى ئىزھات ›› ، جەلق سوت مەھكىمىسى نەشرىياتى ، 2000- يىل نەشرى ، 1712- بەتلەر . )
3. بۇ جىنايەتنىڭ چەك - چىگرىسى
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى -= تەرۇز قىلىش جىنايىتى بىلەن پۇقرالارنى دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتىنىڭ چەك - چىگرىسى
1. جىنايەتنىڭ ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ
پۇقرالارنى دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئوبيېكتى پۇقرالارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئوبيېكتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ . مىللىي ئۆرپ - ئادەت دىننىي ئېتىقادقا ئوخشىمايدۇ . مىللىي ئۆرپ - ئادەت دېگىنىمىز ، بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورتاق پىسخولوگىيىسى ۋە ھېسسىياتىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ھەممە پۈتكۈل مىللەت ئەزالىرى ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ئىجتىمائىي قائىدىنى كۆرسىتىدۇ . دىننىي ئېتىقاد دېگىنىمىز ، بىر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيىسى ، خۇدا ، روھقا ئوخشاش تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچكە ۋە جەمئىيەتتىن ھالقىغان كۈچكە بولغان ئېتىقاد ، ‹‹ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان تاشقى كۈچنىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى خىيالى ئىنكاسى ›› نى كۆرسىتىدۇ .
2. دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان نىشانى ئوخشىمايدۇ
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان نىشانى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . پۇقرالارنى دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان نىشانى ئاز سانلىق مىللەت پۇقراسى بولسىمۇ، خەنزۇ پۇقراسى بولسىمۇ بولىۋېردۇ .
3. جىنايەتنىڭ جىنايەتنىڭ ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى مۇھىم شەرتى ئوخشىمايدۇ .
پۇقرالارنىڭ دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلىپ ، زورلۇق ئىشلىتىش ، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا مەجبۇرلاش ۋاستىسىنى قوللىنىپ ، بەزى كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ، دىننىي تەشكىلاتقا قاتنىشىشىنى توسۇش ، ياكى ئۇلارنى دىندىن ۋاز كېچىشكە ، دىننىي تەشكىلاتتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلاش؛ دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى يوقۇرقى ئۇسۇللار بىلەن دىننىي پائالىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ . ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاساسلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە مەجبۇرلاش ۋاستىسى بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلغان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، ئادەتتە ئىككىلا جىنايى قىلمىشنىڭ يۈز بېرىدىغان جايىمۇ كۆپ ھاللاردا ئوخشىمايدۇ . جۈملىدىن پۇقرالارنى دىننىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتى كۆپىنچە ئىبادەتخانا ، بۇتخانا ياكى باشقا دىننىي پائالىيەت سورۇنلىرىدا يۈز بەرسە ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى بۇنداق سورۇنلاردا بەك ئاز يۈز بېرىدۇ .
4. سوبيېكتىپ جەھەتتىكى قەستەنلىكنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ .
ئىككىلا جىنايەت قەستەنلىكتىن شەكىللەنسىمۇ ، ئۇلارنىڭ قەستەنلىكىنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمايدۇ . ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى سوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقى ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنىڭ قانۇن تەرىپىدىن قوغدۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ، قانۇنسىز ۋاستىلار بىلەن ئۇلارنى ئۆرپ - ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ياكى ئۆرپ - ئادىتىگە ئارلىشىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ .سىياسى سەۋيىسى تۆۋەن بولغان ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى بىلمىگەنلىكتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلارنى بۇ جىنايەت بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ . ئەمما ئۇلارغا مەمۇرى جازا ياكى تەنقىدى - تەربىيە بېرىلسە بولىدۇ .ئالايلۇق ، بەزى مىللەتلەرنىڭ ‹‹ ئېلىپ قېچىپ نىكاھلىنىش ›› ئادىتىنى بىلمىگەنلىكتىن ، بۇنى توسۇش ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نەزىر - چىراق ئۆتكۈزۈش ئادىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، ئۇنى فىئۇدال خوراپاتلىق دەپ قاراپ بىكار قىلىۋېتىش قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ . قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشنى مەلۇم جىنايى مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى قىلغان بولسا ، ئۇنىڭغا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى بېكىتمەي ، شۇ قىلمىشتا كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئاساسەن مۇناسىپ جىنايەت نامىنى بېكىتىش كېرەك . قىلمىش سادىر قىلغۇچى جىنايەتنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخل تەرۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسى خىلمۇ خىل بولىدۇ ، بۇ جىنايەت بەزىدە ئېغىر ھالدا چوڭ خەنزۇچىلىقتىن پەيدا بولسا ، بەزىدە فىئۇداللىق ئىمتىياز ئىدىيىسى ئېغىر بولغانلىقتىن نۇپۇزىنى پەش قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ ، بەزىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىشىغا ياردەم بېرىشتەك ياخشى مۇددىئادىن پەيدا بولىدۇ . جىنايەت ئۆتكۈزۈش مۇددىئاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى جىنايەت بىكىتىشكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولسىمۇ ، بۇنى جازا ئۆلچىگەندە ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ . ( ‹‹ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان جىنايەت ناملىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشى ›› ، جىلىن خەلق نەشرىياتى ، 2000- يىل نەشرى ، 760 - بەتتىن 764 - بەتكىچە . )
مەنبە : ئىچكى خەۋپسىزلىك قوغداش ئورگانلىرى بېجىرىدىغان ‹‹ 27 خىل جىنايەت ›› دىگەن كىتابتىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 02:06 PM