مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1108|ئىنكاس: 18

ئۆزىنى ئالىيجاناپ چاغلايدىغانلار باشقىلارنى ئوڭاي ھاقارەتلەيدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشىمەن ...

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20758
يازما سانى: 2233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10075
تۆھپە نۇمۇرى: 705
توردا: 7798 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 01:04:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىندىستاننىڭ قانۇنىدا مۇنداق دىيىلگەن ؛قىشنىڭ سوغۇق، يازنىڭ ئىسسىق بولىدىغانلىقى شۇبھىسىزدۇر.ئوخشاشلا يامان ئادەمنىڭ يامان ياشايدىغانلىقى .ياخشى ئادەمنىڭ ياخشى ياشايدىغانلىقى شۇبھىسىزدۇر. ئادەم ئۇۋاللىققا ئۇچىرسىمۇ جەڭگى- جېدەل ۋە بوزەك قىلىش ئادەمنىڭ ھەقىقىي بەختىنى زايە قىلىۋېتىدۇ.
غەزەپلىنىشنىڭ ھەقىقىي بەختنى زايە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام باشقىلار بىلەن ئۆچەكەشمىگەن ھەم بۇرۇنقىدەك ئۆزۈمنىڭ غەزىپىدىن خۇشاللانمىغان ،پەخىرلەنمىگەن غەزىپىمنى تېخىمۇ ئۇلغايىتمىغان ،ئۇنى ئاقلىمىغان ،ئۆزۈمنى ئالىيجاناپ ۋە ئەقىللىق چاغلاپ باشقىلارنى ئەرزىمەس-چۈشكۈن ،ئەقىلدىن ئازغان ئادەم دەپ قارىمىغان بولاتتىم ؛غەزىپىم ئالدىدا تىز پۈككەنلىكىمنى ئويلاپ يەتكەندە ،خاتا قىلغان كىشىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان ،ئۆچەكەشكەن ئادەم بىلەن يارىشىپ قالغان بولاتتىم.
ئەمما بۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئەمەس .ناۋادا مەن غەزىپىمنىڭ روھىمدىكى ئىللەت ئىكەنلىكىنى بىلسەم ،مېنى يامانلىققا باشلىغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇراتتىم .مەن مېنى يامانلىققا باشلىغان نەرسىنىڭ ئۆز ۋۇجۇدۇمدا ،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىم . ھازىر كۆردۈمكى ،مېنىڭ باشقىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىم ۋە باشقىلاردىن ئۆزۈمنى ئۈستۈن چاغلىشىم باشقىلار بىلەن دۈشمەنلىشىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن. كەچمىشلەرنى ئەسلەپ شۇنى كۆرۈپ يەتتىمكى  ،ئۆزۈمدىن تۆۋەن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەرزىمەس ھەركەتلىرىمۇ مىنىڭ ئۇلارغا غەزەپلىنىشىم ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلىشىمگە سەۋەپ بوپتۇ،شۇڭا ئۆزۈمنى ئۇلاردىن ئالىيجاناب چاغلاپتىمەن ،ھە دېسىلا ئۇلارنى يەڭگىللىك بىلەن ھاقارەت قىپتىمەن؛ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئورنىنى پەس دەپ ئويلىغان چاغلىرىمدا ،مۇشۇ ئوينىڭ ئۆزىلا ئۇلارنى ھاقارەتلىشىمگە سەۋەپ بوپتۇ.




                                               نەيرەڭ ئىشلىتىڭ ئەمما قالايمىقان ئشلىتىۋەرمەڭ

ئادەم نەيرىڭى تۈپەيلىدىن خۇش بولماسلىقى ،ماختانماسلىقى كېرەك .ئومۇمەن بارلىق زېرەكلىك ،بولۇپمۇ نەيرەڭ يوشۇرۇن بولۇشى كېرەك .چۈنكى ، نەيرەڭ ھەممە ئادەم نەپرەتلىنىدىغان نەرسە. ئادەملەر دائىم بىر-بىرىنى ئالدايدۇ .بىز بۇنىڭدىن ھوشيار بولىشىمىز كېرەك. بىراق،مۇنداق پەخەسلىكىمىزنى چاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك ،چۈنكى ئۇ ئوڭايلا ئىشەنمەسلىك،ئاۋارىچىلىك ،ئۆچمەنلىك ،ھەتتا ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ چوڭ بەخىتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.خىزمەت ۋاقتىدا پەخەس بولۇشنىڭ پايدىسى كۆپ شۇنداقلا بۇ سىزدە ئەقىل-پاراسەت بارلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دەلىلى. ھەرقانداق ئىشتىكى ئەڭ زور ماھارەت ئىشنى تاماملىغاندا ئىپادىلەنگەن تولۇق رازىمەنلىك.

مەنبە؛ئەقىل -پاراسەت جەۋھىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 01:53 PM  


ماڭماي تۇرۇپ ماڭالمايمەن دىمە!

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 02:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەپ ئىنكاس يېزىشىمنى بىلمەيلا قالدىميا؟گەپنىڭ راستىنى دىسەم ھىندىستانغا بارغۇم كەلدى.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 02:17:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ئالىجاپ كىشىلەر، باشقىلارنى ھاقارەتلىمەيدۇ.
ھەقىقى دىندار ئۆلىمالار، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە قەتئى، قىلچىلىك ئازار بەرمەيدۇ.
ھەقىقى بىلىملىك كىشىلەر، بىلىمىنى كوز-كوز قىلمايدۇ، بەلكى تىرىشىپ  نەتىجە قازىنىشقا  ئاتلىنىدۇ.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 02:30:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دىگەندەك نەدەبىر بىلىمسىز كىشلەرنىڭ بەك گىپى چوڭ تېخى،  توۋا

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 03:57:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subhinur يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 02:30 PM
يېرىم چىلەك سۇ بەك شالاقشىيدۇ دىگەندەك نەدەبىر بىلىمس ...

سىز تېمىغا قارىتا يازدىڭىزمۇ؟ ئىنكاسقىمۇ؟ ئەگەر ئىنكاسقا قارىتا بولسا، شۇ يېرىم چىلەك سۇ شالاقشىتىۋاتقان سىزچە كىمدەك قىلىدۇ؟  »ئۆزىنى ئالىجاناپ چاغلايدىغانلار باشقىلارنى ئوڭاي ھاقارەتلەيدۇ«، دەپ يوغان تېمىنىڭ يېزىقلىق تۇرغىنى بولمىسا. ئەگەر خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام، ئالدىن ئۆزرە قويىمەن.
بەزىلەر تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا گەپ قىلىۋەتسە ئاجايىپ تۇرۇدىكەن.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 03:57 PM
سىز تېمىغا قارىتا يازدىڭىزمۇ؟ ئىنكاسقىمۇ؟ ئەگەر ئىنك ...

سىز خاتا چۈشنۋالدىڭىزمۇ قانداق ؟  مىنىڭ يازغان ئىنكاسىم سىزگە نىمانچىۋالا تەسىر كۆرسىتىپ كەتتى. مىنىڭ باشقىچە نىيتىم يوق،خاتا چۈشەنمەڭ

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:34:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ يېرىم چىلەك سۇ دىگىنىم ھىچقانداق نەرسىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقلارغا ئىش ئۈگتىدىغان كىشلەرگە مىسال قىلىنغان،ئەگەر خاتا سۆزلەپ كۆپچىلىكنى نارازى قىلىپ قويغان بولسام ئەپۇ سورايمەن.

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subhinur يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 04:28 PM
سىز خاتا چۈشنۋالدىڭىزمۇ قانداق ؟  مىنىڭ يازغان ئىنكاس ...

خاتا چۈشىنىۋالغان بولسام، مەن ناماقۇل،
لېكىن سىزنىڭ  ئىنكاسىڭىز مېنىڭ كەينىمدىن چۈشۈپتۇ، ھەم مەندىن باشقا ئىنكاس يازغان ئادەم يوق ئىكەن، شۇڭا مەنمۇ سىزدىن سورىدىمغۇ، تېمىغا قارىتا يازدىڭىزمۇ، ئىنكاسقىمۇ دەپ؟
ئىنكاسىڭىزنى ئېنىقراق يازسىڭىز، خاتا چۈشۈنۈش بولمايدىغۇ، ئەمىسە سىز شۇ ئىنكاسىڭىزنى نىمىگە قارىتا يازدىڭىز ؟ بۇنىڭغا رەنجىمەي چۈشەنچە بېرەلەمسىز؟

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

اللاھ بىر

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4042
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7979
تۆھپە نۇمۇرى: 487
توردا: 2149 سائەت
تىزىم: 2010-7-15
ئاخىرقى: 2013-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:40:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئىنكاسنى مۇقەررەر ھالدا تېمىغا ياكى سىزگە ۋە ياكى باشقا دوستلارغا قارىتا يازمىدىم . پەقەت ئۆزەمىنڭ كۆز قارشىمنىلا ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم . بەلكىم سىزمۇ بىلسىڭىز كىرەك ئەتراپىمىزدا يا دىندىن يا پەندىن ساۋاتى يوق تۇرۇپ باشقلارغا دەرس سۆزلەپ ،كىشىن بىئارام قىلىدىغان كىشلەر ئاز ئەمەس. مەن پەقەت شۇ خىل كىشلەرگە قارىتا ئۆز قارىشىمنى يازغان ئىدىم،قىلچىلىك باشقا نىيەت يوق.

مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:56:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ:
ھەرقانداق ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئاچچىقلانماسلىقىمىز كېرەك.
باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى تۈپەيلى، ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈپ ھاقارەتلىمەسلىكىمىز كېرەك.
باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى بولسىلا ئۆزىمىزنى ئۇلاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ ئۆزمىزنى-ئۆزىمىز ئالىجاناپ سانىماسلىقىمىز كېرەك.(بولمىسا بۇ بىر ئاخمىقانىلىق)

بۇ يەردىكى نەيرەڭ ئىشلىتىشنى، توغرا چۈشەنسەك، ئەقىل-پاراسەت ئىشلىتىشنى كۆرسۈتىدۇ.
بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋىرگە نىسبەتەن ، بەزى ئىشلاردا ئەقىل-پاراسەت ئىشلىتىشنى، نەيرەڭ ئىشلىتىش بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىپادىلىگەن بولۇشى مۈمكىن.
شۇڭا شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش دىگەندەك، ئۇ گەپلەرنى تۈپ-تۈزلا چۈشۈنىۋالماي، توغرا مەنىسى بىلەن چۈشۈنەيلى.
تېما ئىگىسى تېخى كىچىك (ئەمدى 16 ياشقا كىرگەن) بولسىمۇ ، لېكىن سىز بىز چۈشەنمەيدىغان ئىشلارنى توغرا چۈشۈنۈش ئىقتىدارى بار، شۇڭا تېما يوللىغۇچىغا مەدەت بېرەيلى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 05:03 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش