مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 7

«چىن مودەن» دراممىسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

         «چىن مودەن» دراممىسى توغرىسىدا



(بۇ دراممىنى شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى 1985-يىلى ئورۇندىغان ئالتە پەردىلىك مۇزىكىلىك درامما.)

يازغۇچى-شاھىدىن گۆھىرى، تۇسۇنجان لىتىپ.

رىژىسۇر-مەخمۇت ھامۇت. كومپۇزوتۇر-ھېكىم ھەسەن.

             ئاساسلىق روللاردا:

چىن مودەن-گۇلباھار ھامۇت. مەردان-ئەخمەت ئابلىمىت.

زوھراخېنىم-مىنەۋەر مەمەت. لەيلىخان-ھۆرۈلقا ئىبرايىم.

قۇمۇل ۋاڭى-تۇرسۇن توختى. تەيجى بەگ-مۇھەممەت شىرىپ.

ئاپپاق خېنىم-مەرپۇغە ھېزىم. ھاشىر دورغا-قادىر قۇتلۇق.....

دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ دراممىداكەمبىغەل دىھقاننىڭ قىزى-گۇلخان(چىن مودەن)

باتۇر، جاسارەتلىك، گۈزەل قىز بولۇپ، ئۇ مەھەللىسىدىكى مەردان ئىسىملىك يىگىت بىلەن بىر-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. چىن مودەننىڭ گۈزەللىگىدىن خەۋەر تاپقان قۇمۇل ۋاڭى چىن مودەننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، بۇلارنىڭ ئارىسىغا قاپقان قۇرۇپ، مەرداننى «ئوردىنىڭ ئېتىنى ئوغۇرلىدى.»دەپ تۆھمەت چاپلاپ، ئۇنى زىندانغا تاشلايدۇ. چىن مودەننىڭ ئائىلسىدىكىلەرگە زوراۋانلىق قىلىپ، ئانىسىنى ئۆلتۈرۋىتىپ، چىن مودەننى مەجبۇرى ھالدا ئوردىغا ئەكىرىۋالىدۇ. ۋاڭ  چىن مودەننى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن، توي تەييارلىقى قىلىدۇ. توي كىچىسى ۋاڭنىڭ ئاقكۆڭۈل قىزى-زوھرا خېنىم بىلەن لەيلىخان ئانىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ۋاڭنىڭ چاپارمىنى ئاپپاق خېنىمنى مەست قىلىپ قويىدۇ.

مەردان دوستلىرى ۋە زوھراخېنىمنىڭ ياردىمى بىلەن زىنداندىن قېچىپ چىقىپ، ئوردىغا نىقاپلىق كىرىدۇ ھەمدە چىن مودەننى ئەرەنچە ياساندۇرۇپ، بۇ تۆمۈر قەپەزنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. چىن مودەن بىلەن لەيلىخان ئانا «چىن مودەننى قاچۇرغان» دەپ جازاغا تارتىلىدۇ. ۋاڭ لەشكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاتلىق ھالدا ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ، باغراش كەنتىگە يېقىن جايغا كەلگەندە مەردان بىلەن چىن مودەن ۋاڭنىڭ چىرىكلىرى بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، مەرتلەرچە قۇربان بولىدۇ.

بۇ دراممىنىڭ ۋەقەلىكى تەسىرلىك، ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئۆزگىچە بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ.

  يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر.      

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-22 01:28 PM  


ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8621
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5004 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 12:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ناخشىسى ئوخشايدۇ


مانا بۇ يىلمۇ يەنىلا ھېيت بولدى . ياخشىغىمۇ يامانغىمۇ ، ئوڭغىمۇ ساراڭغىمۇ بايغىمۇ گادايغىمۇ  ياكى مەندەك مۇسا ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 01:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يوللىغان كىنو ، ئوپىرا . دىرامىلار بەك كۆپكەن . لىكىن فىلىم مەزمۇنى يوق . بىز فىلىم مەزمۇنىغا قىزىقىمىز . چۈشەندۈرىشىگە ئەمەس

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3815
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 01:19:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1miskal يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 01:00 PM
سىز يوللىغان كىنو ، ئوپىرا . دىرامىلار بەك كۆپكەن . لىكى ...

گەرچە فىلىم ۋە كىنونىڭ ئۆزىمۇ بولمىسىمۇ ، شۇ چۈشەندۈرۈلىشىمۇ بەك مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئەي قىز! ئازغىشىپ ئالا-يېشىل كىيىم، ئۇپا-ئەڭلىكتىن گۈزەللىك ئىزدەپ يۈرمە.ئەگەر گۈزەل بولۇشنى ئىستىسەڭ، ئالدى بىلەن موماڭ ئىزىن بېسىپ «ئۇيغۇر قىزى» بولۇشنى ئۆگەن. ئەنە شۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزغا ئايلانمىغىنىڭنى كۆر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3192
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 02:51:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قەشقەر دىرامما ئۆمىكى ئورۇنلىغان نۇسخىسىنى كۆرگەن.............................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82569
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 04:47:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىژگان يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 01:19 PM
گەرچە فىلىم ۋە كىنونىڭ ئۆزىمۇ بولمىسىمۇ ، شۇ چۈشەندۈر ...

راس دەيسىز ، بىر خەق كۈنۈپ كەتتۇق ! ئەمىلىيەتنى كۆرمەي قۇرۇق سۆز ئاڭلاپ راسلا شۇنداقكەن دەپ ئولتۇردىغان .

رامىزان ئېيىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ! ئۈشبۇ ئۇلۇغ ئايدا ھەربىر مۇسۇلمان قېرىنداشلانىڭ زۇلۇمدىن خالى بۇلۇشىنى ئۇغۇغ ئاللادىن تىلەيلى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3815
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 254 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 05:11:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MY_Dreām يوللىغان ۋاقتى  2012-7-22 04:47 PM
راس دەيسىز ، بىر خەق كۈنۈپ كەتتۇق ! ئەمىلىيەتنى كۆرمەي ...

شۇ،  بۇ تورمۇشىمىزغا شۇنداق سىڭىپ كەتتىكى، غەيۋەت-شىكايەتلەر بىر چەتتە تۇرسۇن، ئادەتتىكى پاراڭلىرىمىزدىمۇ ھۆكۈمران بولۇۋاتىدۇ.

ئەي قىز! ئازغىشىپ ئالا-يېشىل كىيىم، ئۇپا-ئەڭلىكتىن گۈزەللىك ئىزدەپ يۈرمە.ئەگەر گۈزەل بولۇشنى ئىستىسەڭ، ئالدى بىلەن موماڭ ئىزىن بېسىپ «ئۇيغۇر قىزى» بولۇشنى ئۆگەن. ئەنە شۇ چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزغا ئايلانمىغىنىڭنى كۆر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67136
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3400
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2011-11-27
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 04:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تېما قىلىپ يوللىسام باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمىدى ،بولماي ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويدۇم ، چىن مودەن توغۇرسىدىكى بۇ كەمتۈك تېمىنى تەستىقلايدۇ  يۇ     ،مېنىڭ  چىن مودەن بىلەن مەرداننىڭ  ھاياتى  تونۇشتۇرۇلغان  ئەينى ۋاقىتتىكى زالىملارنىڭ ئەبتى بەشىرسى ئېچىپ بېرىلگەن             بۇ تېمىنى  تەستىقلىمىدى     ،                       


  
                                 چىن مودەن تىراگىدىيسى


                                       (1740-1760 )

  

     خانلىق يۈسۈپ بەگنى ۋاڭلىققا ئۆستۈرۈش بىلەن كىبىرسى بىراقلا ئۆسۈپ ، ئۆز تۆھپىلىرىگە تەمەننا قويۇش ئارقىسىدا كەڭ ئاممىدىن يىراقلاپ كەتتى . كەيىپ –ساپا ، ئەيىش –ئىشرەتكە بىرىلىپ ، رەھىمسىز بىشەمگە ئايلاندى .

قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ باغداشتىكى‹‹تۆمۈر چارۋا ›› باققۇچىسى – تاشپولات مىراقۇلنىڭ قىزى شەرۋانوم ‹‹ ياقۇپ قىزى چىن مودەن ››تىراگېدىيسى مانا مۇشۇ يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئېغىر قانلىق تارىخى جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسىدۇر .
    مىلادى 1760-يىلى ، باھار پەسلى . باغداشقا چىققان ساناقچى بەگلەر ، ۋاڭنىڭ  <<تۆمۈر چارۋا >>سىنى باقىدىغان مىراقۇل تاشپولاتنىڭ 20 ياشلىق قىزى شەرۋانەمگە *( بەزى تارىخى ماتىرياللاردا گۈلخان ياكى گۈلبانۇ دوپ ئېلىنغان ) كۆزى چۈشۈپ قالدى . شەرۋانەم ئاي دىسە ئاي ئەمەس . كۈن دىسە كۈن ئەمەس ، گۈزەللەكتە تەڭداشسىز ساھىپجامال بولۇپ ، ئەقىللىق ، زېرەك ، ناخشا - ئۇسۇلغا ماھىر ، لاتاپەتلىك ، بەئەينى پۈرەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك ،نەپىس ياسالغان جانان چىندەك  شەرم - ھايالىق ، ئەدەپ - ئەخلاقلىق قىز ئىدى . يىراق - يېققىندىكى نى- نى يىگىتلەر ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار ئىدى . قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ قىلدەك تولغىناتتى، ئۇلار ئۈچ ۋاق غىزا ئورنىغا دەردۇ - پىراق يىيىشەتتى ، ئاھۇ -ھەسرەت چىكىشەتتى . گويا دەرۋىشلەردەك سەۋدايا بولۇپ ، ياقا يىرتىپ يىغلىشاتتى ، كۆكرەكلىرىنى مۇزدەك يەرگە يېقىپ ، كۈن - تۈنلەپ يېتىشاتتى . ئەنە شۇ يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا مەردان ئىسىملىك باتۇر بەرنا يىگىت بار ئىدى . ئۇلار كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، قەلپ رىشتىسى بىر بىرىگە باغلانغان ، ئۆمۈرلۈك مەشۇق بولۇشقا ئەھدىلەشكەن - ئاشىق مەشۇق ، لەيلى - مەجنۇنلاردىن ئىدى .گويا تىپتىنىچ كۆل سۈيىدە لەرزان ئۈزۈپ يۈرگەن ئاققۇلاردەك بىر بىرىگە زەپمۇ يارىشاتتى .ئۇلارنىڭ بىرى باغداش بېغىنىڭ گۈلى بولسا ، يەنە بىرى بۇ باغنىڭ سادىق باغۋىنى ، باتۇر قورۇقچىسى ئىدى.

          مانا  مۇشۇ گۈلگە يۈسۈپ  ۋاڭنىڭ كۆزى چۈشتى . ساناقچى بەگلەرنىڭ قىزنى سۈپەتلەپ تەرىپلەپ ئېتقان قەسىدە - قوشاقلىرى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ - ھەۋەس ئوتلىرىنى قۇتىرتىپ، يۈرىكىدە چايان قاتىراتتى .شۇنىڭ بىلەن قۇدىرەتلىك بىر قول رەزىللىك ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ گۈلگە تاشلاندى ، باغلار خازان بولدى ، كۈن بىلەن تۈننىڭ ئورنى ئالماشتى ، ئاي يۈزىدە قارا داغلار پەيدا بولۇپ ، كۆز ياشلار دەريا - دەريا بولۇپ تاشقىنلىدى ...  
       يۈسۇپ ۋاڭنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 20 نەچچە نەۋكەر شەرۋانومنى ئوردىغا ئالغىلى باغداشقا چىقىدۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مىراقۇل تاشپولات ئارزۇلۇق قىزى شەرۋانومنى تۇتقىلى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ئونى شۇئان تاققا قاچۇرىۋەتكەنىدى ...

        شۇ چاغ شەرۋانوم باغداش تاغلىرى ئارىسىدا گاھ يىقىلىپ ، گاھ ئۆمىلەپ قېچىپ كىتىۋاتاتتى .بىر توپ ئاتلىق نەۋكەرلەر  گويا چىل بۆرىدەك ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاپ كېلىۋاتاتتى . قاچا – قاچا باغداش تېغىنىڭ ئېلىش بېششى ( باغداشنىڭ شىمالىدىكى جاي ئىسمى ) دىگەن يېرىگە كەلگەندە نەۋكەرلەرنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى . نەۋكەرلەر قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى بولمىغان شەرۋانۇمنى چەمبەرچەس باغلاپ ئاتقا غانجۇغىلاپ ئارتتى . شەرۋانۇم يۇلقۇنۇپ تىركەشتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ -  نەپرەت ئوتلىرى  قېتىپ قالغانىدى . قەلبىدە ‹‹ ئۆلسەممۇ باش ئەگمەيمەن ›› دىگەن بىر ئىستەك لاۋۇلداپ يانماقتا ئىدى .  
       نەۋكەرلەر شەرۋانۇمنى ئېلىپ ماڭدى . ئەل – يۇرت ، ئاتا- ئانا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئامال قانچە ؟ ....كىشىلەر كەينىدىن تولايتى ئېغىز *( باغداشنىڭ جەنوبىدىكى جاي نامى ) غىچە ئەگىشىپ  يىغا – زارە بىلەن ۋىدالاشتى .
      نەۋكەرلەر شەرۋانۇمنى ۋاڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىپ ئىنىكئانا لەيلىخانغا تاپشۇرىدۇ . بۇ چاغ شەرۋانومنىڭ ئۈستى-بېششى قانغا بويالغان ، چاچلىرى چۇۋۇلغان ، كىيىملىرى يىرتىلغان ، ئاۋالقى گۈزەل رۇخسارى قاپقارا چاڭ – تۇزان ، لايلارغا مىلەنگەن ھالەتتە ئىدى .ئىنىكئانا لەيلىخان شەرۋانۇمنى ھاممامدا يۇيۇپ ، ئۈستى بېششىغا چىرايلىق كىيىم – كېچەكلەرنى كىيگۈزدى – يۇ ، ھاڭ – تاڭ قالدى ، چۈنكى ئاي دىسە ئاي ئەمەس ، كۈن دېسە كۈن ئەمەس پەرىشتە سۈپەت ساھىپجامال بۇ قىزنى كۆرۈپ ، .ئىنىكئانا لەيلىخان ئىختىيارسىز ھالدا :

-     قىزىم ، ئۆزلىرى ئادەمزات ئەمەس ، پەرىشتە ئىكەنلا ، مودەنگۈلگە ئوخشايدىكەنلا دەۋەتتى .( بەزى ماتىرياللاردا ۋاڭ كاتىپى ( چىن  ) شەرۋانۇمنى كۆرۈپ ‹‹ ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن ، مودەنگۈلگە ئوخشايدىكەن ›› ) دەپ تەرىپلىدى .شۇندىن ئېتىبارەن ‹‹ چىن مودەن ›› دىگەن بۇ ئىسىم ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈپ ، مەڭگۈلۈك يالداما بولۇپ قالدى .
        شەرۋانومنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۆزىنى كۆرگەن ۋاڭنىڭ كىچىك تىللىرى چاككىلداپ ، تاقىتى –تاق بولدى ، شۇئان ئۇنى ئەمرىگە-توقاللىققا ئالماق بولۇپ ئالدىرىدى .، بىراق  چىن مودەننىڭ ۋاڭغا مەيلى ، قارار كۆزى يوق ئىدى ، يۈرىكىدە ‹‹مەردان ، مەردان !...›› دېگەن بىرلا ئوي غەلىيان كۆتىرەتتى . ئۇ زالىملارغا بوي بەرمەس قەيسەر قىز ئىدى ، ئۆلۈشكە رازىكى ، يۈسۈپ ۋاڭغا بېقىنماس ئىدى . ئۇ دائىم ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىگىز سېپىلى ئۈستىگە چىقىپ ، باغداش تاغلىرىغا تەلپۈلۈنۈپ ، قان – زار يىغلايتتى ، قوشاق ئېيتاتتى :




ئىچىم توشتى دەرتلەرگە ،
قان يىغلايمەن سەھەرلەردە .
ئۇچقىلى قانات بەرسە ،
تۇرمايمەن قۇمۇل شەھرىدە .


باغداش تاغنىڭ باغرىغا ،  
ئاقتى يامغۇر تامچىسى .  
  سىز بىلەن مېنى ئايرىغان ،
يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قامچىسى .




چىن مودەن كېچە – كۈندۈز قوشاق ئېيتاتتى ، كۆزلىرىدىن قار – يامغۇر تۆكىلەتتى ، زالىملارغا غەزەپ – نەپرەت ياغدۇراتتى . ئىنىكئانا لەيلىخاننىڭ قىزغا ھېسداشلىقى قوزغالدى ،گويا ئۆز قىزىدەك چىن مودەننى باغرىغا بېسىپ يۇم – يۇم يىغلىدى .  


مەن ئۆلسەم ئۆلۈكۈمنى ،

تاغدا قويۇڭلار.

تاغ يولى يىراق كەلسە ،

باغدا قويۇڭلار .

يۈزۈمنى قىبلى سايان ،

ئاچىپ قويۇڭلار .

بېششىمغا بىر دەستە گۈل ،

سانچىپ قويۇڭلار .

شۇچاغ باغداش تاغلىرى باغرىدا ، ئاشىق مەردان ( ۋاڭنىڭ گۇماشتىلىرى شەرۋانۇمنى تۇتۇپ ماڭغاندا ، مەردان تاغ ئارقىسىغا ئات باققىلى كەتكەنىدى ) جۇدالىق ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئېقىپ ، كۆكرىكىنى مۇزدەك يەرگە يېقىپ ، دەريا – دەريا ياش تۆكمەكتە ، ئاھ ئۇرماقتا ، قوشاق ئېتماقتا ئىدى :


شەرۋانومنى كۆرەرمەنمۇ ،

لېۋىگە سۆيەرمەنمۇ .

يېنىدا كىشى بولسا ،

دەرت تارتىپ يانرمەنمۇ .

سۇلار شاقىراپ ئاقسا ،

تۈگمەننىڭ نۇرى دەڭلار .

شەرۋانۇم ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم ،

ئۆزۈمنىڭ شورى دەڭلار ...

مەرداننىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىدىن پۈتكۈل باغداش تاغلىرى ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدى . ئاۋالقى نۇرلۇق قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇپ ، زىمىننى كۆڭۈلسىز قاراڭغۇلۇق قاپلىدى . ھەممە ئادەم ، ھەممە قەلپ  ئاشىق مەردانغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىشتى . ئەنە شۇ كىشىلەر ئارىسىدا ھادى قاتارلىق بىر قانە باتۇر ، پالگان يىگىتلەر بار بولۇپ ، مەرداننىڭ جان جىگەر دوستلىرى ئىدى . ناھەق ئىشلارنى كۆرسە چىدىيالماي ئۇتتۇرىغا چۈشەر ئىدى . ئۇلار ئاشىق مەرداننىڭ ھالىغا ھال ، مۇڭىغا مۇڭ ئىدى .شۇ كۈنى كېچىسى دوستلار يىغىلىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى ، شەرۋانەمنى ۋاڭنىڭ تۆمۈر چاڭگىلى ئاستىدىن قۇتقۇزماق بولۇپ ، كېچىلەپ قۇمۇل شەھرىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى .قۇمۇلغا بارغاندىن كېيىن ، ۋاڭ ئوردىسى يېنىدا مۆكۈنۈپ ياتتى .

   ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتتى ، بىراق شەرۋانەمدىن ھېچبىر ئىز – دېرەك بولمىدى . چۈنكى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىگىز سېپىلىدىن ، ھىم يېپىلغان ھەيۋەتلىك سېپىل قوۋۇقلىرىدىن ، جېسەكچىلەرنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدىن ئادىمىزات ئەمەس ، ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتمىكى بەسى مۈشكۈل ئىدى . كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئاشىق مەردان مۇڭ ھەسىرەتتىن ئۆرتىنىپ ، تىت – تىت بولۇشقا باشلىدى . ئۇ ھەر كېچىسى دەرۋىش سۈپەت ياسىنىپ ، ۋاڭ ئوردىسىنى ئايلىنىپ ، قوشاق ئېيتاتتى :


ئاللىيەي شەرۋانۇم ،

ھازىر بولۇڭلار .

كەلسە دۈشمەنلەر ،

ھوشيار تۇرۇڭلار .

ئاتلارنى توقۇپ قويدۇق ،

قوش ئولاننى بىز تارتماي.

بۇ دەرتلەرنى كىم تارتسۇن ،

سىزنىڭ بىلەن مەن تارتماي .

بىر كۈنى كېچىسى، ئىنىكئانا لەيلىخان قوشاق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى – دە ، دەررۇ سېپىل ئۈستىگە چىقىپ توۋەنگە كۆز يۈگۈرتۈپ ، دەرۋىش سۈپەت بىر ئادەمنىڭ قارىسىنى غىل – پال كۆرۈپ قالدى . ئۇ ئادەم ئۇزۇن ھاسسىسىنى توكىلدىتىپ ، مۇڭلۇق ئاۋازدا قوشاق ئېتقىنىچە قاراڭغۇلۇق ئارىسىدا غايىپ بولدى .  
بۇ ھالەت ئۇدا بىر قانچە كۈن داۋاملاشتى . ئۇخشاش بىر ئادەم ئوخشاش بىر قوشاقنى توۋلاپ ، سېپىل ئەتىراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەكتە ئىدى . ئىنىكئانا لەيلىخاننىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى، شۇئان بۇ ئەھۋالنى چىن مودەنگە مەلۇم قىلدى .بۇنى ئاڭلاپ شەرۋانوم :
-  مەردان ! ... ئاھ ، جېنىم مەردان !... – دەپلا ھوشىدىن كەتتى .
     ئۇ ھوشىغا كېلىپ ئىنىكئانا لەيلىخاننى قۇچاقلىغىنىچە قار – يامغۇر يىغلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھازىر بولغانىدى ، شۇ دەقىقە ئۇ قانات ياساپ ، سۆيگىنى مەرداننىڭ قۇچىغىغا ئۆزىنى ئېتىشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلدى . بىراق ، رەھىمسىز رىئاللىق بۇنىڭغا رۇخسەت قىلمايتتى ، تەڭسىز پەلەك بۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنى گويا پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمچى قىزدەك بىر - بىرىدىن جۇدا قىلغانىدى .  
     چىن مودەن گاھى –گاھىدا ھوشىدىن كىتىپ ، زار – زار يىغلىدى ، سۆيگۈنى مەرداننىڭ ۋىسالىغا بىقارار بولۇپ ، مىڭ ئۆلۈپ ، مىڭ تىرىلدى . بۇنى كۆرۈپ ئىنكئانا لەيلىخاننىڭ ھېسداشلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى ، سەۋر قاچىسى توشتى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنى ۋىسالىغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلدى . ئۇلارغا ياردەم قىلماق بولۇپ تەۋەككۈل كەمىرىنى بېلىگە چىڭ باغلىدى .
-   چاپسان بوسلا ئاي خېنىم ، مودەن قىزىم !...- دىدى ئۇ توساتتىن بىر كېچىسى ئەل ياتقۇدىن ئاشقاندا تېز – تېز نەپەس ئېلىپ ، - مەردان ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشتۈم ، ئۇ ... ئۇلار سىزنى سىرتتا ساقلاپ قالدى ! ... ئېھ ! جېنىم قىزىم ، ئالتۇن تەنلىرىنى ئېلىپ بۇ زىنداندىن ئۇچۇپ كەتسىلە ! ئىككىلىرلا يىراق – يىراقلارغا پەرۋاز قىلىشسىلا !...  
     ـ ئاھ ، جېنىم ئانا !... سىلىگە سىلىگە رەھمەت ، سىلىدەك پەرىشتىنى ماڭا ئۇۋىراتقان ئۇلۇغ ئاللاھقا رەھمەت ! سىلىنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ئەبىدىلئەبەد ئۇنتۇمايمەن !...  
    ئىنىكئانا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئۇزۇن ئاغامچا بىلەن چىن مودەننى سېپىل تېمىدىن پەسكە شۇڭغۇتتى ( بەزى ماتىرياللاردا ئەرەنچە نەۋكەر كىيىمىنى كىيگۈزۇپ تۈن نىسبىدە ئارقا ئىشىك بىلەن قاچۇرغان دىيىلىدۇ ) .  
      ئاشىق مەشۇقلار ئاخىرى جەم بولدى ، ۋىسال باغلىرى شەربەت بۇلاقلىرىدىن سۇ ئىچىپ قايتا ياشاردى ، جۇدالىق ئۇتلىرى زاۋال تېپىپ ، مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى گۈلخان كەبى چاراسلاپ يانغاندەك بولدى . ئۇلار لەڭگەرنىڭ چېچەك ئاۋات ئارقىلىق قارمۇقچا ، سايبۇلاق بىلەن يوقىرى ئۆرلەپ ئارىتامنىڭ غەربىدىكى جىگدە بۇلاقتا ھاردۇقلىنىدۇ .

چىن مودەننىڭ قاچقانلىق خەۋىرى يۈسۈپ ۋاڭغا مەلۇم بولدى . ۋاڭ غەزەپتىن ئۆپكىدەك ئېسىلىپ ، دىر – دىر تىتىرەپ كەتتى ، كۆزلىرىگە قان تولدى . ئىنىكئانا لەيلىخان قاتتىق قىيىن قىستاققا ئېلىندى . بىراق ئۇ مىت قىلىپ قويمىدى ، ئاخىرى دەھشەتلىك قىيىن -قىستاققا  بەرداشلىق بىرەلمەي ، ئۆز تىلىنى چايناپ ئۈزىۋەتتى . ۋاڭ 30 نەۋكەر بىلەن بىر ئىزچىنى ئۇلارنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئەۋەتتى . نەۋكەرلەر ئاخىرى ئۇلارغا يىتىشىۋالدى . قاچا – قاچا ئۇلار ئاخىرى بىر ئىگىز تاغنىڭ بېششىغا چىقىۋالدى . نەۋكەرلەر بۇ تاغنى قاتمۇ قات قورشىۋالدى ، قانلىق ئېلىشىش باشلاندى ...  
  يىگىتلەر قولىغا چىققان تاش – داڭگاللارنى چىرىكلەرنىڭ باش كۆزىگە ئاتتى ... چىن مودەن قەيسەرلىك ،  پالگانلىقتا  يىگىتلەردىن قېلىشماتتى ، ئۇ پۈتۈن قەھر – غەزىپى بىلەن نەۋكەرلەرنىڭ باش كۆزىگە تاش بوران ياغدۇرماقتا ...
      بىر قانچە نەۋكەر  تاغدىن تېزەكتەك دۇمىلاپ چۈشتى ، قىيا – چىيا ئەۋجىگە چىقتى ، جەڭ ئەنە شۇ تەرىزىدە بىر مەھەل داۋاملاشتى . نەۋكەرلەرنىڭ قاچقۇنلارنى تىرىك تۇتۇش خىيالى سۇدىكى كۆپۈكتەك بەربات بولدى-دە ، مىلتىقلىرىدىن ئوق ئۈزۈشكە باشلىدى . يىگىتلەر ئارقا – ئارقىدىن يەرگە يىقىلدى . بىر تال ئوق ۋىژىلداپ ئۇچۇپ كىلىپ ، چىن مودەننىڭ كۆكرىگىگە قادالدى ، چىن مودەن  ‹‹ ئاھ !... ›› دەپلا يەرگە يىقىلدى .
      ‹ شەرۋانەم!...ئاھ، شەرۋانەم !...›› ئاشىق مەردان ھۆركىرگىنىچە ئۆزىنى شەرۋانەمگە ئاتتى ، كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياشلار تۆكۈلدى . چىن مودەننىڭ ھالسىز كۆزلىرىدە بىلىنەر بىلىنمەس بىر كۈلكە ‹‹لىپ›› قىلىپ ئۆچتى ، تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن سۆيگۈنى مەرداننىڭ يۈزىنى سىلىدى ، قانسىز لەۋلىرى بوشقىنە قىمىرلىدى :


مەن ئۆلسەم ئېتىم ئۆچەر ،

بېششىمدىن شامال ئۆتەر .

مېنى دىگەن دوستلىرىم ،

يېنىمدىن يىغلاپ ئۆتەر .


         چىن مودەن ئاداققى نۆۋەت يىگىتىگە تەلمۇرۈپ قارىدى – دە ، كۆزلىرى بوشقىنە يۇمۇلۇپ ، بېششى بىر يانغا لەسسىدە  قىيسىلىپ قالدى ... ئەنە شۇ دەقىقىدە ، ھاۋا تۇيۇقسىز گۈلدۈرلەپ ، زىمىن گويا چاقماق زەربىسىدىن پارە – پارە بولۇپ كەتكەندەك بىلىندى . نۇرلۇق قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرنۇپ ، ئەرىراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ، گويا كۆزدىن تۆكۈلگەن كۆز ياشلاردەك يامغۇر تامچىلىرى يەر يۈزىگە تاراسلاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى . ‹‹ شەرۋانەم !..،ئاھ! شەرۋانەم ...›› مەردانىڭ ئازاپلىق نالىسى گۈلدۈرماما كەبى گۈلدۈرلىدى ، بۇ ئاۋاز تۈپەيلى زىمىن يەنە بىر نۆۋەت تەۋرىنىپ سىلكىلىنىپ كەتكەندەك بولدى . مەردان ئورنىدىن دەست تۇردى – دە ، ئەتىراپقا كۆز يۈگۈرتتى . يىگىتلەر ھەممىسى شېھىتلىك شارابىنى ئىچكەن بولۇپ ، پەقەت پالگان يىگىت ھادىلا ئۆزى تەنھا ھالدا نەۋكەرلەر بىلەن ئېلىشماقتا ئىدى . ئۇنىڭ بىر قانچە يېرىگە ئوق تەككەن بولۇپ جاراھات ئاغزىدىن قان ئاقماقتا . نەۋكەرلەر بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە  ئىدى . ئاشىق مەردان خەنجىرىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ نەۋكەرلەرگە تاشلاندى . ‹‹پاڭ! پۇڭ ! ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ، زىمىن ئاداققى نۆۋەت تەۋرىنىپ سىلكىلىنىپ كەتتى ، ئارقىدىنلا كىشى تېننىنى شۈركەندۈرىدىغان ئېغىر تىمتاسلىق پۇتكۈل ئەتىراپنى ئۆز قوينىغا ئالدى .

        ئەلقىسسە ، چىن مودەن بىلەن مەردان ساپ مۇھەببەت يولىدا  ، ئادالەتسىز جاھان ئۈچۈن قارشىلىشىش ئارقىسىدا شىھىتلىك شارابىنى ئىچتى ، باغلار خازانغا ئايلاندى ، بۇلبۇللار خەندان ئۇرۇپ سايرىماس بولدى ، قەلىبلەر مۇسىبەتكە چۈمدى . شۇ يىلى مەردان 21 ياش ، چىن مودەن ئەمدىلا 20 ياشتا ئىدى.

      چىن مودەن بىلەن مەرداننىڭ قەبرىسى باغداش بېغىدا ھېلى ھەم ساقلىنىپ تۇرماقتا
       قومۇل سەنئەت ئۈمىكى ئورۇنلىغان چىن مودەن ناخشىسى


http://choghlan.com/showmusic.asp?dj_id=491

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 04:41 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش