|
|
|
|
خوتەنگە ساياھەتنىڭ داۋامى چىلتەن مازاردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ، يەكەن ناھىيىسىنىڭ باشقا يەرلىرىنىمۇ ئايلىنىپ بىقىش نىيىتىدە بولغان بولساممۇ ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ، بۇ نىيىتىمنى كىيىنكى قېتىملىق سەپىرىمگە قالدۇردۇم . شۇنداقتىمۇ دوستۇمنىڭ ئۆيىگە قايىتىقۇچە بىر قانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالدىم .
تورداشلارنىڭ خوتەن ساياھىتىمنىڭ داۋامنى كۆرۈشكە بولغان قىزغىنلىقى سەۋەبىدىن يەكەن توغۇرلۇق تەپسىلاتلارنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇشنى لايىق تاپتىم . يول خوتەنگە
ئەتىگەندىلا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتىگە چىقىساق ، چۈش سائەت 12 نىڭ ئاپتۇبۇسى بار ئىكەن ، ئامال يوق ساقلاشقا توغرا كەلدى . مانا سائەت 12مۇ بولدى بىز ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ئورۇن ئالدۇق ، ئاپتۇبۇس قاغلىق ناھىيەسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن قۇم شىغىللىق چۆللۈك ئىچىگە كىرىپ كەتتتۇق ، شۇڭىلاشقىمۇ بۇ سەپەر بەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى . گۇما تەۋەسىگە كەلگەن بولساقمۇ ناھىيە بازىرى دۆلەت يولىدىن خىلى ئىچىكرىسىدە بولغاچقا كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بوللالمىدىم .
داۋامى بار ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شةۋقصي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 12:32 PM
|
|
|
|
|
|