يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى فىلىمى ھەققىدە
يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى-ئاتاقلىق رىژىسۇر-گۇاڭ چۈنلەننىڭ بالىلار كىنوسىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، جوڭگۇ بالىلار نەشىرياتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بۇ فلىمنىڭ سىنارىستى-مايەن رىژىسۇر- گۇاڭ چۈنلەن، ئاساسلىق روللاردا:
كۆرەش-قۇربانجان مىھمان،شىرىنئاي- ئاينۇر ،لالىگۈل-خانقىز قاتارلىقلار. بۇ فىلىمدە يالقۇنتاغ باغرىدىكى بىر يېزىدا ياشايدىغان كۆرەش ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالىنىڭ داپ چېلىشقا ئۇستا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئانىسى ئاتاقلىق ئۇسۇلچى بولۇپ، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆرەش ئىزچىل ھالدا يالقۇنتاغدىكى چوڭ دادىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ. بىر كۈنى بۇ يىزىغا بىر تىياتىر ئۆمىگى كىلىپ، ئويۇن قويىدۇ. بۇ «كىچىك ئاي» بالىلار سەنئەت ئۆمىۆى بولۇپ، كۆرەشنىڭ داپ چېلىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بۇ سەنئەت ئۆمىگىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ھەمدە بىر قىسىم بالىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئارىسىدىكى ئاقكۆڭۈللۈك،پاك دىللىق خىسلىتى ئۇلارنىڭ ياخشى دوست بولۇپ چىقىشىغا تۈرۈتكە بولىدۇ. بۇ فىلىم ئۇيغۇر باللىرىنى ئاساسىي تىما قىلغان ناخشا-ئۇسۇللۇق فىلىم بولۇپ، يازغۇچى ماھىرلىق بىلەن يېڭى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىگىنى چىڭ تۇتۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايە ئۈچۈن، تىرىشىشتەك توختىماي، ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا مەدىھيە ئوقۇلغان. شۇڭلاشقا بۇ فىلىم تېخىمۇ تەسىرلىك، تېخىمۇ رەڭدار خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان.
بۇ فىلىم ئۇيغۇر باللىرىنىڭ تۇنجى قىتىم تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھىكايە فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەينى دەۋىردىكى شىنجاڭ باللىرىنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈش،خاراكتىر ئالاھىدىلىگىنى ۋە تۇرمۇش ھالىتىنى قانداق يارىتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، گۇاڭ چۈنلەن بالىلار كىنوسىنى ناخشا-ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى ناخشا-ئۇسۇل ماكانى بولغان جەمىيەت ئۈستىگە قويۇپ، ناخشا-ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنىڭ مەدىنىيەت تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.بۇ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كىيىنكى بىر ئەۋلات مۇئارىپ، تەلىم-تەربىيىسىدىكى موھىم بىر تىمىغا ئايلانغان. بالا ئارتىسلار كىنودىكى ئەڭ موھىم يورۇق نوختىغا ئايلانغان. ئۇلارنىڭ ناخشا-ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بۇ فىلىمنى غەلبىلىك تاماملاشقا يارىدەم بېرىپ قالماي، يەنە بالىلارنىڭ ساددا ۋە سۆيۈملۈك ھىسسىياتلىرى، جاراڭلىق ئاۋازلىرى تاماشىبىنلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. فىلىم ئاددى تۇرمۇشتىن تاللاپ ئېلىنغان،ئەمما ئۇستىلىق بىلەن سەنئەت ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن. فىلىمدىكى كىچىك ئارتىسلارنىڭ ناھايىتى تەبئىي جانلىق ھەركەتلىرى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، كەڭ ئۆسمۈر بالىلارنى چوڭقۇر تەربىيىگە ئىگە قىلغان. فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى، كىچىك ئارتىستلارنىڭ رول ئېلىشلىرى- بالىلارنىڭ قىزىقىش تىمىسىغا ئايلانغان. بۇ فىلىمدە بالىلار ھەم ناخشا ئېيتىدۇ،ھەم ئۇسۇل ئوينايدۇ.
بۇ فىلىمنى جوڭگۇ بالىلار كىنو سىتودىيىسى 1991-يىلى ئىشلىگەن بولۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئوبرازلىق ھالدا سۈرەتلەپ بەرگەن.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
قەشقەر، 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 21 -كۈنى
تېلفۇن:-13779894333
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 10:29 AM