سەرسانلىقتا فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1988-يىلى ئىشلىگەن) سىنارىست-ئابلىمىت مۇھەممىدى. رىژىسۇر-لى ۋېي، ئوپىراتۇر-بەختى ياقۇپ. ئاساسلىق روللاردا: قادىرھاجى......سادىقھاجى ساتتار زوھرا.......خۇرشىدە تۇردى. بەش ياشلىق يالىڭاچ بالا .....بەختىيار ئەنىۋەر جاڭدارىن ....ئابلىز مەمەت قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ فىلىمدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ سىنىپىي ۋە مىللىي زۇلۇمدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان قادىرھاجىمنىڭ دارۋازلىرى «جوڭگۇدا شىنخەي ئىنقىلاۋىي كۆتۈرۈلۈپ، خان ئاغدۇرۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپتۇ.» دەپ ئاڭلاپ، ئوتتۇرا دېڭىز ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يول بويى ئويۇن قويۇپ، بىر نەچچە يىل يول ئازابى تارتىپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ. گۈزەل دىيار ئالتۇن ۋادا ئېزىز تۇپراققا قەدەم بېسىپ، ئەركىن نەپەس ئالغاندەك بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇلار تولىمۇ سېغىنغان ۋەتىنىگە قەدەم بېسىشى بىلەن كۈتۈلمىگەن خەۋىپ-خەتەرگە يولۇقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋەتەننى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەننى،ئادالەتنى ياقىلاش،ئىنسانى گۈزەللىك ياخشىلىق-ھامان رەزىللىك،ھېلە-مىكىر،شۇملۇق ۋە جاھالەت كۈچلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئېچىش تىراگىدىيىسى باشلىنىدۇ. 1-سۈرەتتە-سادىقھاجى قادىرھاجىم رولىدا. 2-سۈرەتتە-خۇرشىدە تۇردى قادىرھاجىنىڭ قىزى-زوھرا رولىدا. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 20- ئىيۇن ،قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Abdusalam508 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 10:30 AM
|