كاج كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ سىرى
غالىب خۇجىئابدۇللا
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كاج كىشىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. كاج كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان ھەر قانداق كىشىدىن سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەقتە ئازدۇر - كۆپتۇر كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كاج كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۇلاردىن كۆڭلى قالغانلىقىنى ئەسلەپ بېرەلەيدۇ. بىز بەزىلەرنىڭ كاج كىشىلەرنى نېمە ئۈچۈن ياقتۇرمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلساق، كاجلار خاتا بولسىمۇ ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، كاجلار بىلەن ئەپ ئۆتمەكنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەمما، بىز كۆڭۈل قويساقلا ئۇنداقلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ ئۇسۇلىنى چوقۇم تاپالايمىز.
ئات فېرمىسىدا بىر ئات ئېغىلدىن قېچىپ چىقىپتۇ. ئات باقار ئۇنى ئېغىلغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر قانچە تارتسىمۇ، ئات تىرەجىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئات باقار ئىككى ئاغىنىسىنى ياردەمگە چاقىرغان بولسىمۇ، ئات كۈچلۈك بولغاچقا، چامى يەتمەپتۇ. ئات باقار ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، يوچۇن بىرەيلەن كېلىپ ئات باقارنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئاپتۇ - دە، ئاتنى سىرتقا يېتىلەپتۇ. بۇ چاغدا ئات تىرەجەپ تۇرۇۋېلىپ ئېغىلغا تارتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتنى ئېغىلغا سولىۋاپتۇ.
بىز بۇ ھېكايىدىن تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئاشۇ ئاتقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا چوقۇم پەم ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كاجلارنىڭ جاھىللىقىنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر بىز كاجنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇلارمۇ بىزنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىقى ھېكايىدىكى يوچۇن ئادەمدەك كاج كىشىلەرگە پەم ئىشلىتىپ مۇئامىلە قىلساق، ھەتتا ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالساق، ئېھتىمال ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
تۇرمۇشتا بەزى كاج كىشىلەرنىڭ كاجلىق دەرىجىسى يېنىك، بەزىلەرنىڭ ئېغىر بولىدۇ. ھەتتا بەزىلەر كاجلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى پەقەت روھىي كېسەل دوختۇرخانىلىرىدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بىز تۇرمۇشتا مانا مۇشۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى كاجلىق كېسىلى بار كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ چاغدا بىز تېخىمۇ ياخشى پەم ئىشلەتسەك، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتەلەيمىز.
مەشھۇر پىسخولوگىيە ئۇستازى ئەركسىن كاجلىقتا چېكىگە يەتكەن بىر ئاغرىقنى داۋالىماقچى بولۇپتۇ. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنچە كېسەلخانىدىن سىرتقا چىقماي، تامغا توختىماي مىخ قاقىدىكەن. ئۇنىڭ خىيالىچە شۇنداق قىلسا، ئۇ بىخەتەر بولىدىكەن. دوختۇر - سېسترالار ھەر قانچە قېلىپمۇ ئۇنى سىرتقا چىقىرالماپتۇ. ئەركسىن ئۇنى تامغا مىخنى جىق قېقىشقا يېتەكلەپتۇ. ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تامغا مىخ قېقىپتۇ. ئۇلار تامغا مىخ قېقىپلا قالماي، پولغا، ياغاچلارنىڭ ئارىسىدىكى دەزلەرگىمۇ مىخ قېقىپتۇ. ئەركسىن ئاغرىققا «مۇشۇنداق قىلساق بىز پۈتۈنلەي بىخەتەر بولىمىز» دەپتۇ. ئاغرىق ئەركسىندىن خوش بولۇپتۇ. ئەركسىن ئاغرىققا يەنە «بىز ئۆزىمىزنى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز لازىم. سىرتقا چىقىپ دوختۇرخانىنىڭ سىرتقى تېمىغىمۇ مىخ قېقىشىمىز لازىم، شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بىخەتەر بولىمىز» دەپتۇ. ئاغرىق ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقىپتۇ. ئەركسىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئاغرىقنى نورمال داۋالاش كۈنتەرتىپىگە بويسۇندۇرۇپتۇ. دوختۇر - سېسترالار ئەركسىننىڭ بۇ پاراسىتىدىن ھەيران قاپتۇ.
بۇ ھېكايىدىن ئايانكى، دوختۇر - سېسترالار قىلالمىغان ئىشنى ئەركسىن پەم بىلەن قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەركسىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى سىر شۇكى، ئۇ ئاغرىقنىڭ تەپەككۇر لوگىكىسىنى ئىنكار قىلمىغان، بەلكى ئۇنى قوللىغان. ئاغرىقنىڭ جاھىللىقىنىمۇ بىر خىل كېسەل قاتارىدا كۆرمەي، ئۇنى ھۆرمەت قىلغان. ئەركسىن ئاغرىقنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ، ئاندىن ئاستا - ئاستا پەم ئىشلىتىپ، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققان. ئەركسىننىڭ بۇ پاراسىتى، كاجلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز ھەققىدە بىزگە ئوچۇق دەرس بولالايدۇ.
كاجلىق بەزى كىشىلەرگە كېسەل، بەزى كىشىلەرگە مىجەز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىدە بىزنىڭ يېقىن دوستلىرىمىز، ئاتا - ئانىلىرىمىز، بالا - چاقىلىرىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت ئۆزىمىز يولۇققان كاج كىشىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلساقلا، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتەلەيمىز.
مەنبەسى: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-22 01:40 AM