«ئەل قىساسى » دراممىسى توغرىسىدا
(بۇ دراممىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى 1982-يىلى ئورۇنلىغان ئۈچ پەردە بەش كۆرنۈشلۈك مۇزىكىلىق درامما،) ئاپتۇرى-توختى ئايۇپ. رىژىسۇر-ئىسلامجان. ئابدىرشىت ئىمىن ئاساسلىق روللاردا: باتۇر-ھېكىم تىيىپ. رەنا-شىرىنگۇل. رىھيىم بوۋاي-يارئېلى ئوسمانبەگ-ئابدۇرەخمان. مىڭبېشى-ئىسلامجان.شۇڭگۈەن- ئەخەت مۇسا.زوھرا-باھارگۇل قاتارلىقلار دراممىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: ئەل قىساسى –ناملىق مۇزىكىلىق درامما ئىنقىلاۋىي رىيالىزىم بىلەن گۈزەل پانتازىيە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن كۈلكۈلۈك ھەجۋىي دراممىدۇر.بۇنىڭدا 1940-يىللىرى كۇچاتىڭ مەلۇم بىر يىزىسىدا يۈز بەرگەن ئۆتكۈر سىنىپىي كۆرەش ئەھۋالى مەزمۇن قىلىنغان. دراممىدا باتۇر، رەنا، رەھىم بوۋاي قاتارلىق نامرات ئەمگەكچىلەرنىڭ جەسۇر، ئەقىل-پاراسەتلىگى نامايەن قىلىنىدۇ. زالىم ئوسمانبەگنىڭ ۋەھشى قانخورلىقى پاش قىلىنىدۇ. دراممىدا ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ ۋەكىلى-باتۇر ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى ۋە چىۋەرلىگى بىلەن ئوسمانبەگ بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىپ، ئۆزىنىڭ سۆيگىنى-رەنانى زالىم ئوسمانبەگنىڭ چاڭگىلىدىن ئەپچىللىك بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئۈچۈن، قىساس ئالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دراممىنىڭ ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، كومىدىيە تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇ دراممنىڭ ۋەقەلىكى جەلىپ قىلارلىق، كۆرگەن كىشىنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ بىر قىتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-21 11:46 PM
|