«قوغۇنچىنىڭ ھىكايىسى»تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
سىنارىست-تۇرسۇن يۈنۈس.رىژىسۇر-تۇيغۇن ئەخمىدى. ئاساسلىق روللاردا: ئۆمەرجان-جۈرئەت ئۆمەر.سائادەت-گۈزەلنۇر قۇپىدىن. باقى-تاھىرھاجى.رەيھانگۈل-ئارزۇگۈل مەمەت. ئايۇپ-تۇرسۇن مامۇت.ھەسەلخان-پاتەم راھىدىن. ساجىت-ئابدەكىرىم ئابلىز.ناسىر ئاكا-ئىبرايىم ئاۋۇت قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: فىلىمدىكى باش پىرسۇناژ ئۆمەرجان بىلەن باقىدىن ئىبارەت نەۋرە ئاكا-ئۇكىلار قوغۇن تىرىپ، ئىختىسادىنى روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۆمەرجان كەسپىي مەكتەپتە ئوقىغان زىيالىي بولغاچقا ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغۇن تېرىپ، قوغۇن مايسىللىرىغا قوي مايىقى، يەرلىك ئوغۇت، كۈنجۈرە قاتارلىقلار بىلەن بىلەن بېقىپ، قوغۇننىڭ سورىتلىرىنى ياخشىلايدۇ. باقى بولسا، قوغۇن سودىگىرى-ئايۇپ بىلەن بىرلىشىپ، قوغۇن مايسىللىرىنى خېمىيىۋىي ئوغۇت بىلەن بېقىپ، ئۆستۈرىدۇ. نەتىجىدە باقىنىڭ تىرىغان قوغۇنلىرى يوغان،كۆركەم،لىكىن تەمسىز بولۇپ، باقى بۇ قوغۇنلارنى ئەرزان باھادا سېتىپ، خېلى كۆپ پۇل كىرىم قىلىدۇ. بىراق ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنلىرى ناھايىتى تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭغا خېلى كۆپ مەبلەغ سېلىنغاچقا بۇ قوغۇنلارنى قىممەترەك ساتىدۇ.شۇڭا كىشىلەر ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنىنى ئالمىغاچقا بۇ قوغۇنلار سېتىلماي، سېسىپ كىتىپ ئۆمەرجان چوڭ زىيان تارتىدۇ.مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە چەتئەللىك ئىككى سودىگر ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنى يەپبېقىپ، ئىككى دانە قوغۇننى ھەسەلخاندىن سېتىۋالىدۇ.ئۆمەرجان چوڭ ئىختىسادىي زىيانغا ئۇچرىغاندىن كىيىن چوڭ رىيازەت چېلىدۇ. باقى بولسا پۇل تېپىپ، ئەيشى-ئىشرەتتە تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. كىيىن چەتئەل سودىگەرلىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆمەرجاننىڭ قوغۇنىنى يەرمەنكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ تىرىغان قوغۇنلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋىلىش ئۈچۈن توختام تۈزىدۇ. ئۆمەرجان ئاخىرىدا ھالا ئىشلەپ پەننى ئاساستا قوغۇن تىرىغانلىقى ئۈچۈن، زور ئىجتىمايى ئۈنۈم ۋە ئىختىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، سودىگەر ۋە ئاممنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. بىراق باقىنىڭ ساختىپەزلىك قىلىپ تىرىغان قوغونلىرى گەرچە سېتىلغان بولسىمۇ كىيىن خېرىدارلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ، يۇرتىدا تۇرۇشقا ئامال يوق باشقا يۇرۇتقا جېنىنى ئېلىپ قېچىپ كىتىدۇ. بۇ فىلىمدا ئىككى قوغۇنچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەقدىرى بايان قىلىنىپ، ئۆمەرجان كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. فىلىم ناھايىتى تەسىرلىك ئىشلەنگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ يەنە بىر قىتىم كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 9-ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-21 09:05 PM
|