بىشارەت باغىقى
سۆز ئويۇنى
بىز بىلىدىغان، بىلمەيدىغان بارلىق بۇرادەرلەرگە:
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىزنىڭ بەشكىرەمدىكى باغۋەنلەرنىڭ باھادىرى بوستان بوۋاينىڭ بەش بالىسى بولۇپ،بوستان بوۋاي بارلىق بايلىقلىرىنى بەش بالىسىغا بۆلۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ بەزىللىرى بوۋىسى بەرگەن بايلىقلاردىن بەلگۈلۈك بەھىرلىنەلمىگەن. بۇنداق بولىشىدىكى بانىلار،بالىلارنىڭ بىرسى -بەك بىپەرۋا، بىغەم بولغاچقا بوۋىسى بەرگەن بايلىقنى باشقىلارغا بىكارغا بىرىۋىتىپ بەزگەكتەك بىزىرىۋالغان. بىرسى بەك بەڭۋاش بولغاچقا، بارمىسىمۇ بولىدىغان باراۋەت-بەزمىلەرگە باغاق بەرسۇن-بەرمىسۇن بېرىۋىرىپ، باھا بىكىتمەي بايلىقنى بىرىۋىرىپ بۇزىۋەتكەن. بىرسى بەك بوشاڭ،بىچىقىم بولغاچقا بوۋىسى بەرگەن بايلىقلارنى باشقىلارغا،بۇلاڭچىلارغا بىرىۋەتكەن. بىرسى بەك بايۋتچى بولغاچقا بايلىقىنىڭ باھاسىنى بىكىتمەي بىرىۋىرىپ بۇزىۋەتكەن.
بىرسى بايلىقنىڭ بەھرىنى بىلىدىغان بولۇپ بوۋىسى بەرگەن بايلىقلاردا بەركەت، بەخىت،بايلىق بارلىغىنى باشتىلا بايقاپ بەشكىرەمنىڭ بوستانلىق باغچىسىدىكى باغۋەن بۇرادەرلىرىنىڭ بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈگەچكە بەشكىرەمدە بىھىشنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈردىغان بەشكىرەمنىڭ بوستانلىق باغلىرى بىنا بولغان.
بۇرادەرلەر، بوستان بوۋايغا بېغىشلانغان بۇ بايانلار بىر بىيىتتەك بىلىنىدۇ. بەلكىم بۇ بايانلاردىكى بىشارەتلەرنى بىلدىڭلار، بىلىم بەكمۇ بەركەتلىك،بەكمۇ بەلەن باھاسىز بايلىق. بىلىم-بەخىتنىڭ، بايلىقنىڭ بىشارەت بەلگىسى.
بىلىم بولسىلا باياۋانلاردا باغۇ-بوستانلىق بەرپا بولالايدۇ. بىلىم بولسىلا بىز بالىلارنى، بالىلار بىزنى باغچىلارغا باشلىغىلى بولىدۇ.
بىلىم بىزنى بەخىت بايرىمىغا باشلايدىغان بايراق. بىلىم باشقىلار بىزگە بىرىۋاتقان بەركەتنىڭ بەيگىسى.
بىلىم بولسا باشقىلارغا، بايلارغا،بىلىمسىز باشلىقلارغا، بۇلاڭچىلارغا، بۇزغۇنچىلارغا بوزەك بولمايمىز.
بۇرادەرلەر؛ باھار بايرىمىدا بىرىنچى بولۇپ بەشكىرەمگە بېرىشقا <بەخت> باغىقى بىرىپ بەخىتنىڭ باھاردىن باشلىندىغانلىقىدىن بىشارەت بەردىم، بالىلار بايرىمىدا بالىلار بىلەن باغچىلارغا بېرىپ بالىلارغا بارلىغىمىزنى بېغىشلاشقا <بەركەت> باغىقى بەردىم، بۈگۈن بوستان بوۋاينىڭ بالىلىلىرغا بايلىق بۆلۈپ بەرگەن بايانلىرىنى بىلىۋىلىشقا <بىشارەت> باغىقى، بۇ بۇرادەرلىرىمگە باغرىمدىن بىرىلگەن بىشارەت. بەشكىرەمدىكى بوستان بوۋاينىڭ باغلىرىغا بىر-بىرىمىزنى،بولۇپمۇ بالىلىلىرمىزنى باشلاپ بەس- بەستە بارايلى. بالىلار بىلمىگەنلىرىنى بىلىۋالسۇن. بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز. بىزنىڭ بەختىمىز بالىلارنىڭ بەختى بىلەن باغلانغان.
بالىلار بىلىملىك بولالىسا؛-بوستان بوۋايدەك باغۋەن بولالايدۇ، باھاۋۇدۇن بايدەك باي بولالايدۇ، باھادىرخاندەك باھلىنالايدۇ، بىلگايدىستەك بايلارنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ بايلىقىنى باشقىلارغا بىرەلەيدۇ.
بۈگۈندىن باشلاپ بارلىق بۇرادەرلەر،باغرىمىز بولغان بالىلار بەخىتلىك بولسۇن! باغرىمىز بالىلارغا بېغىشلانسۇن!
ئاپتۇرى؛ مەخەت ئابدۇرېھىم.