مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1610|ئىنكاس: 2

سۈرىيە مەسىلىسىگە خەلىق گېزىتى نىمە دەيدۇ.  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 07:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيە ۋەزىيىتى يېقىنقى بىر قانچە كۈندىكى ھۆكىمەت ئارمىيسى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن قاتتىق تۇقۇنىشلار نەتىجىسىدە تېخىمۇ كەسكىن بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى.19-ئىيۇل خەلىقئارا خەۋىپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە كىرزىسىنى پەسەيتىدىغان ئىككى تۈرلۈك قارار لاھىيسىنى ماقۇللىدى. روسىيە خەۋىپسىزلىك كىڭشىگە
سۈرىيە كىرزىسىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشقا پۇرسەت يارتىپ بىرىش ئۈچۈن 90كۈن ئىچىدە سۈرىيەگە يەنە بىر قېتىم كۈزىتىش ئۆمىكى ئەۋەتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى.ئەنگىليە قاتارلىق بىر قىسىم  دۆلەتلەر سۈرىيەدىكى تۇقۇنىشۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپكە جازا يۈرگىزىشتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەتتىنچى نۇمۇرلۇق قارارنامىسىگە ئاساسلىنپ خەلىقئارا بىخەتەرلىك ساقلاش قىسىمىنىڭ قۇراللىق مۇداخىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەمىليەتتەخەلىقئارا خەۋىپسىزلىك كىڭىشىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىككى تۈرلىك قارار لاھىيسى سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا خەلقئارا جەمىيەتتە ئوتتۇرغا قۇيۇلۋاتقان ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھەل قىلىش چارىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بۇلۇپ،بۇ قارار لاھىيىسى سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ئالاھىدە ئەلچى كوفى ئاننان ئوتتۇرغا قويغان "ئاننان پىلانى" نىڭ ئىجرا قىلنىشىغا تىخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارتىپ بىرىش ياكى تىنىچلىق پىلانىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ كىرزىسنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلماستىن بەلكى مەجبۇرى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش پىكىرى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرنىڭ يادرولىق مەركىزى بۇلۇپ قالدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەتتىنچى نۇمۇرلۇق قارارنامىسىگە ئاساسلانغاندا ، توقۇنىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش نامىدا ھەر ئىككى تەرەپكە ئىقتىسادى جازا بىرىلدۇ ،ئەگەر بۇنىڭمۇ ئۈنىمى بولمىسا خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىخەتەرلىك ساقلاش قىسىملىرى قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزسە بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. لىكىن ئەمىليەتتە غەرىپ دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەۋىپسىزلىك كىڭشىنى ئۆزلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلىشىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بىرىشكە ئاساس تېپىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئوتتۇرغا قويغان قارار لاھىيىسىنى تەستىقلاشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ.
سۈرىيە ۋەزيىتى بىر يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. خەلقئاراجەمىيەت  ۋاستىچىلىكنى كۈچەيتكەنسىرى ئۆكتىچىلەر چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ھۆكىمەتكە قارشى نۇرغۇن قۇراللىق ھەركەتلەرنى سادىر قىلدى.19-ئىيۇل سۈرىيە مىللى مەجلىسىنىڭ ئىش بىجىرىش بىناسىنى پارتىلتىشنى نىشان قىلغان ئۈزىنى قۇشۇپ پارتىلتىش ۋەقەسىدە سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى،مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ياردەمچىسى قاتارلىق سۈرىيەنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن بەشىر ھاكىميىتى تەرەپدارلىرى ئۆلدى. بۇ قېتىملىق پارتىلتىش دەل خەۋىپسىزلىك رامكىسى ئىچىدە سۇرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىشتكى خەلىقئارا جەميەتنىڭ بەس مۇنازىرسى كەسكىن بىر باسقۇچقا كىرگەن ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بۇلۇپ،بۇ پارتىلتىش خەلىقئارا جەميەتنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوراللىق ئارلىشىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
خەۋىپسىزلىك كىڭىشى18-ئىيۇل سۈرىيەگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق كۈزەتچىلەر ئۆمىكىنى ئەۋەتىش قارارىنى ئاۋازغا قۇيۇش ۋاقتىنى كىچىكتۈرىشنى بىكىتكەن بۇلۇپ ، ھەممە دۆلەتلەر بىردەك خەۋىپسىزلىك كىڭىشى سۈرىيە كىرزىسىنىڭ زورىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كىرەك دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامرىكا،ئەنگىليە، فىرانسىيە،گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇش يۇقرى پەللىگە چىقتى، ئەمدى بۇ كىرزىسنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن خەلىقئارا جەمىيەت ئۆتكۈنچى ھۆكىمەتنىڭ خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلۇماتىيە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىشى كىرەك دىدى. شۇ كۈنى روسىيە زۇڭتىڭى پۇتىن بىلەن ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما  تىلفۇندا كۈرىشىپ، سۈرىيە ۋەزيىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زوراۋانلىق تۇقۇنىشىنى چەكلەش، سۇرىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋدىلەنگەن ئورتاق نىشاننى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى سىياسى يۆتكىلىش خىزمىتىنى قوللاشتا بىرلىككە كەلدى. لىكن سۈرىيەنىڭ ئەمىلى ۋەزيىتىدە
كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىشلار كۈرۈلمىدى.
جۇڭگو ھۆكىمىتى سۈرىيە كىرزىسىنى سىياسي يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى ئومۇمى يۈنىلىشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن
كوفى ئاننان كۆرسەتكەن ئىجابي تىرىشچانلىقلارغا ماسلىشىپ سۈرىيەدىكى خەلقئارا كۆزەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ، سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوراللىق ئارلىشىش ئۈچۈن
ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئاتالمىش "قوغداش مەسئۇليىتى" گە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ۋاكالىتەن ھاكىميەت ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولمىسا بۇ قىلمىشنىڭ خەلىقارا ئالاقىدە خەۋپى چوڭ بولغان ھەربى يۈنىلىشنى پەيدا قىلىپ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا زور زىيان كەلتۈردىغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن سىرىت بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلىكىگە تەھدىد سالىدىغانلىقىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن خەلىقئارا جەمىيەت "قوغداش مەسئۇليىتى" گە قارىتا ئىھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇش كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىگە ئاساسلانغاندا ، سۈرىيە خەلقىنىڭ ھاياتى،مال -مۈلىكىنى قوغداشنىڭ ئاساسى شەرتى" كىرزىسنى ھەل قىلىشتا  سىياسي ۋە دىپلۇماتىيە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىش" دىن  ئىبارەت.
جۇڭگو ئىزچىل تۈردە كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى،سۈرىيە خەلقىنىڭ
مەنپەتىنى قوغداشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بەشىر ھاكىميىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئەمەس بەلكى"ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىنىڭ دەرىجىسىنى يەڭگىللىتىش" بۇلىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا قوراللىق ئارلىشىپ سۈرىيەنى ئوت دىڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇپلا كىيىن دولەتنى قايتا قۇرۇشقا ياردەم بىرىشتىن ۋاز كىچىشى ھەرگىز سۈرىيە خەلقىنىڭ مەنپەتىنى قوغدىغانلىق بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەۋىپسىزلىك كىڭىشىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئالدىراقسانلىق بىلەن قارار چىقىرىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
                                    مەنبە:خەلىق گېزىتى ئەرەپچە خەۋەرلەر تورى.
                                    تەرجىمە قىلغۇچى: ئىسلام ئوغلى1566


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 07:34 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
daniyaer + 10 بىچارە باشقۇرغۇچىلار
zanjir34 + 10 پوخ يىگەن ماڭقۇرتلا!!!
yawaat0998 + 50 مىلتىق!مىلتىق!
MY_Dreām + 10 شىنخۇا خەۋەرلىرى
altun + 108 دۆلىتىمىز نىمىنداق مۈ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 188   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 07:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي بۇ  تېمىنى تەھرىرلەپ قويساڭلا بوپتىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 07:17:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەقەت جۇڭگوچە خەۋەر.  كۈرۈپ قويساڭلالا بولدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش