گۈلەمخان
بۇ ۋەقە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىلى دەرياسى بويىدىكى «ئويمان بۇلاق» دېگەن يەردە يۈز بەرگەن. مۇزىكىلىق تىلۋىزىيە تىياتىرى-«گۈلەمخان»مۇشۇ ۋەقە ۋە ناخشىللىرىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن. بۇ مۇزىكىلىق تىلۋىزىيە تىياتىرى 1997-1998-يىللىرى مەمىلكەت بويىچە بەش بىر قۇرلۇش مۇكاپاتى، جوڭگۇ مەدىنىيەت مۇكاپاتى،ئالاھىدە تور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇرچە ئوپىرا«گۈلەمخان»غا ئاساسەن ئىشلەنگەن.
بۇ مۇزىكىلىك تىلۋىزىيە تىياتىرىدا ھەققانىيەت، ياخشىلىق، گۈزەللىك مەدىھلىنىپ، ساختىلىق، ياۋۇزلۇق، رەزىللىك قامچىلىنىدۇ. گۈلەمخان، ئەختەم قاتارلىق ياشلارنىڭ چىرىك ھۆكىمەت، رەزىل كۈچلەرگە قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ، يورۇقلۇق، ئەركىنلىك، بەخت، پاك مۇھەببەت ئۈچۈن، قۇربان بەرگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.
ئاپتۇر-جاپپار خالىق. رىژىسۇر-خۇرشىدە غوپۇر،ئۆمەر سايىم.
ئاساسلىق روللاردا:
گۈلەمخان-گۈزەلنۇر قۇربان. ئەختەم-ئابلەت ئابلىز.
دىلەمخان-گۈلسۇمئاي روزى. ھېدل-سەيدەخمەت ئەخمەت.
زىلەمخان-مۇيەسسەر. زەينەل-تاشمەمەت.ئەنگە-شەمشىدىن نەسرۇللا قاتارلىقلار
بۇ تىلۋىزىيە تىياتىرىدا كەمبىغەل دىھقاننىڭ قىزى-گۈلەمخان مەھەللىدىكى ياش يىگىت-ئەختەم بىلەن بىر مەھەللىدە چوڭ بولۇپ، بىر بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇلار ئۆمۈرلۈك ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇش ئۈچۈن، قەسەم قىلىشىدۇ. بىراق بۇ يۇرۇتتىكى زومىگەر ئەنگە گۈلەمخاننىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، بۇ ئىككى ياشنى بىر –بىرىدىن ئايرىپ، ئۆز ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن، ھىلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ. ئۇ گۇماشتىللىرىنى ئىشقا سېلىپ، گۈلەمخانلارنىڭ ئۆكۈزىنى ئوغۇرلاپ، «ئەختەمنى ئوغۇرلىدى،»دەپ قارا چاپلاپ، ئەختەمنى زىندانغا تاشلايدۇ. ھەمدە گۈلەمخاننى ئېلىش ئۈچۈن، توي تەييارلىقىغا ئالدىرايدۇ.
توي كىچىسى ئەختەم دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە زىنداندىن قېچىپ چىقىپ، تىۋىپنىڭ سىياقىدا ياسىنىپ، گۈلەمخاننى يولۋاس ئۇۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا قوغلاپ كەلگەن يالاقچىلار بۇ ئىككى ياشنى تۇتۇۋىلىپ، ئەختەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. گۈلەمخان ئەختەمدىن ئايرىلغاندىن كىيىن ئەلەمگە چىدىماي، ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ تىلۋىزىيەتىياتىردا ئۆتمۈش كونا جەمىيەتتىكى يۇرۇت زومىگەرلىرىنىڭ ئەمگەكچى خەلىقنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئاچكۆز، زالىم، رەزىل،پىخسىق خاراكتىرى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى يېزىلدى.قەشقەر
A
B
C
( كېيىنكى قېتىم يوللىغاندا فىلىملىرى بىلەن قۇشۇپ يوللىسىڭىز)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-21 04:03 PM