  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					بەيسى ھىكىم بەگ مازىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن  يۇقىرىغا قاراپ 70 - 80 قەدەملەرچە ماڭغاندىن كىيىن يەنە قەبرىگاھ ئۇچرىدى .  
                                                                   چىلتەن مازار 
چىلتەن مازار -  چىلتەنلىرىم ، ياكى ھەپتئى مۇھەممەدان  دەپمۇ ئاتلىدىكەن ، مازار تۆت چاسا شەكىلدە ياسالغان  بولۇپ ئۈستى قىسىمىدا  گۈمبەز يوق ئىكەن ،سىرىتقى قىسىمىغا گۈللۈك كاھىشلار مۇ چاپلانماپتۇ ، مازارنىڭ سول تەرىپىگە بىر مەسچىت يانداشتۇرلۇپ سىلىنغان بولۇپ ،تاۋاپ قىلغۇچىلار نىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ياسالغان بولسا كېرەك . مازارغا بىر شەيىخ قارايدىكەن . مەن چىلىتەن مازار توغۇرلۇق ئازراق بولسىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولاي دەپ ، شەيىخ بىلەن سۆھبەتتە بولغان بولساممۇ ، بۇلارنىڭ 40 چىلتەن ئىكەنلىكىنى ،ئۆز ۋاقتىداچەتئەللەدىكى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن  دىيارىمىزغا كىلىپ ئىسلامىيە ئۈچۈن خىزمەتتە بولغانلىقىنى  قىياسەن ئاران ئىيىتىپ بىرەلىدى ، مەن سۆھبەت ئارقىلىق بۇ مازارنىڭ قايسى دەۋىر  ياسالغانلىقىنى ، مازارغا دەپىن قىلىنىغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرىسدا ئېنىق مەلۇماتقا ئىرىشەلمىدىم .
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
يۇقارقى رەسىمدىكى كىشى ، چىلتەن مازىرىنىڭ شەيخى بولۇپ ، ئوچۇق يورۇق ، پاراڭخۇمار ئادەم ئىكەن ، مەن بۇيەر دە بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ئولتۇرغان بولدۇم ،شۇ جەرياندا مازارغا كىلىپ - كىتىپ تۇرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى ، كەلگەنلەرنىىڭ بىرسىمۇ  قۇرۇق قول ئەمەس ، نان ، نەخ پۇل ، ئاشلىق ، گۈرۈچ، ھەتتا تىرىك توخۇلارنىمۇ  نەزىرىلىك ئۈچۈن ئىلىپ كىلىپ ، شەيىخكە تاپشۇرۇپ ، دۇئا قىلىپ قايتىپ كىتىدىكەن. شەيىخ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ  پۇل- مال ،نەزىرىلىىك  بەرگەن تاۋاپچىلارمۇ نائىل بولالمايدىغان پۇرسەت يەنى مازارنىڭ ئىچىكى قىسىمغا كۆرۈش پۇرسىتگە ئىرىشىپ قالدىم . ئىخلاسمەنلەرنىڭ مازارلاغا يىپىۋەتكەن ئەن رەخلەرىنىڭ قىلىنلىقىدىن  قانچە قەبرە شەكلى بارلىقىنى بىلگۈلىمۇ بولمايدىكەن .  مازارنىڭ تورىسى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ۋاسىجۈپ  قىلىپ يىپىلغان ئىكەن .  
                                      يەكەن سىپىلى خارابىسى 
باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق   يەكەن سىپىلىنىڭ  ئازراق بولسىمۇ ئىزناسىنى  سۈرەكە تارتىۋالدىم . بۇ سىپىل قايسى دەۋىرگە تەۋە بۇنىسى ماڭا نامەلۇم    . 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەۋقىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 02:43 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |