ئۆلسەكمۇ تىز پۈكمەيمىز
(بۇ فىلىم 1967-يىلى ئالبانىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، 1969-يىلى شاڭخەيدە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.2008-يىلى قەشقەردە ئۇيغۇرچىغا تەجىمە قىلىندى.)
سىنارىس-پ.داداۋ،گ.ئەلبال،پ.مىركال قاتارلىقلار
ئاساسلىق روللاردا:
مىلاكىلامى-كومىنىست ئوقۇغۇچى قىز.
ئاربىتا-پارتىزان قىز (مىلانىڭ دوستى)
بىرلا-ئىككى يۈزلىمىچى، توخۇ يۈرەك يىگىت
شاجالى- خائىن
دۈشمەن گىنرالى ۋە بىر مۇنچە گىرمان ئەسكەرلىرى
فىلىمنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە چۈشەنچە:
فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش تىمىسى دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ يارقىن نوختىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى ھەم بۇ ھەقتە دۇنيادىكى ھەر قايسى كىنو شىركەتلىرى تەرىپىدىن كۆپلىگەن نادىر فىلىملەر ئىشلەندى. 1970-يىللاردا يۇگۇسىلاۋىيەدە ئىشلەنگەن «كۆۋرۈك»،«ۋولتىرنىڭ سارايىۋۇنى قوغدىشى»،قاتارلىق فىلىملىرى بىلەن بىر قاتاردا ئالبانىيەدە ئىشلەنگەن «ئۆلسەكمۇ تىز پۈكمەيمىز»ناملىق فىلىممۇ تاماشىبىنلار كۆرۈپ قانمايدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسىدىكى فىلىم بولۇپ كەلدى. «ئۆلسەكمۇ تىز پۈكمەيمىز» فىلىمى 1969-يىلى شاڭخەي كىنو سىتودىيىسى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كىيىن، ئېلىمىزدە كەڭ كۆلەمدە قويۇلۇپ، بىر ئەۋلات كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ كەڭ ياشلارنىڭ ئېدىيىسىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. فىلىم ۋەقەلىكى مۇنداق:
1942-يىلى 2-دۇنيا ئۇرىشى پارتلاپ، گىرمانىيە، ئىتالىيە ئارمىيىسى ئالبانىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، قەبىي فاشىستلىك ھەركەرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. ئالبانىيەدىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى،كومپارتىيە ئەزاسى-مىلا كىلامى ئۇرۇشتا يارىلانغان پارتىزان قىز ئاربىتانىڭ يارىسىنى داۋالايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، چەتئەل تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرلىشىدۇ. مىلانىڭ ساۋاقدىشى بىرلا مىلانى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بىراق بىرلانىڭ ئىنقىلاپ قىلىش ئىرادىسى ئاجىز بولغاچقا مۇھەببەتتىن يۈز ئۆرۈپ، خائىن شاجالى ئارقىلىق، مىلانى دۈشمەنلەرگە تۇتۇپ بېرىدۇ. دۈشمەنلەر قۇراللىق ھالدا مىلانىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، مىلا بىلەن ئاربىتانى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىش ئۈچۈن، يۇمشاق-قاتتىق ۋاستىلارنى ئىشلىتىدۇ. ھەتتا ئاربىتانى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ، يالغاندىن كۆرنۈش ياساپ، مىلانىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماقچى بولىدۇ. ئۇلار مىلانى .ئىگىز بىنانىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۇرۇت-مەھەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئائىلسىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقان مىلانىڭ ئېدىيىسى تەۋرىنىشكە باشلايدۇ. بىراق ئۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ بىر كىچىك بالا بىلەن بىر بوۋاينى ناھەق ھالدا ئۆلتۈرۋەتكەن ئېچى نىشلىق كۆرنۈشنى ئەسلىگىنىدە تاجاۋۇزچىلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى قايتىدىن ئۆرلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۈشمەن ئوفىتسىرىنى غەزەپ بىلەن تىللايدۇ. مىلا بىلەن ئاربىتانىڭ ئاغزىدىن ھېچقانداق جاۋاپ ئالالمىغان دۈشمەنلەرنىڭ كاتتىبېشى ئىككى قىزنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازاتلىقى يولىدا مىلا بىلەن ئاربىتا دۈشمەننىڭ سىرىتمىقى ئارقىلىق دارغا ئېسىلىپ، مەرتلەرچە قۇربان بولىدۇ.
فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى جىددى، كۆرنۈشلىرى تەسىرلىك بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىگىگە تولىمۇ ماسلاشتۇرۇپ كىرىشتۈرۈلگەن ئاساسلىق ناخشىسى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ.
يازغۇچى-قەشقەر شەھەر16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 10:05 PM