تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ۋە «گۈلبىكە» فىلىمى ھەققىدە
ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىردىن مۇنەۋۋەر فىلىم ئىشلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
2005-يىلى«گۈزەل ماكان»فىلىمىنى، 2006-يىلى«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»فىلىمىنى، 2007-يىلى قارلىق تاغدىكى بۆرەئىزى» فىلىمنى،2008-يىلى «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى» فىلىمىنى،2009-يىلى «ئەزىم دەريا» فىلىمىنى 2010-يىلى «گۈلبىكە» فىلىمىنى ئىشلىدى. «گۈلبىكە» فىلىمى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىنىڭ «گۈزەل ماكان»،«قارلىق تاغدىكى بۆرە ئىزى»
دىن كىيىنكى قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش مەدىنىيىتىنى تىما قىلغان نادىر فىلىم. بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-بېيجىڭ كىنو سىتودىيىسىنىڭ ئەدىبىيات فاكۇلتىت جۇرىنى-خۇاڭ دەن، جاڭ بۇلېي يازغان. فىلىمگە شىرزات ياقۇپ رىژىسۇرلۇق قىلغان.
«گۈلبىكە » فىلىمىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ فىلىمدە بىر قازاق ناخشىچى قىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىي بايان قىلىنغان بولۇپ، فىلىمدىكى گۈلبىكە يايلاقتا قۇربان ھېيىت كۈنى تۇغۇلىدۇ. يەرلىك قائىدە بويىچە، ئۇ چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولىدۇ. گۈلبىكە بەش ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا سۆزلەشنىمۇ بىلمەيتى. پەقەت ئۇنىڭ چوڭ دادىسى قىش كۈنى ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتىلا ئاندىن ئازاپلانغانلىقتىن ئېغىز ئېچىپ سۆزلەيدۇ ھەم چوڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن ۋاقىتتا چوڭ دادىسى ياقتۇرىدىغان ناخشىنى ئېيتىدۇ. گۈلبىكە چوڭ بولغاندىن كىيىن ئۆزى بىلەن بىر دىمەتلىك ناخشىچى-ئاكىن قادىرخان بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. تۇرمۇش ۋە غايە جەھەتتە ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. كىيىن ئانىسىنىڭ كىسەل بولىشى تۈپەيلىدىن چارۋۇچىلار ئىچىدىكى دوختۇر-سۇلتان بىلەن توي قىلىدۇ. بىراق بۇ ئىككەيلەنىڭ بەختلىك كۈنلىرى ئۇزاققا بارمايدۇ. سۇلتان ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. تۇرمۇشتىكى جاپا-مۇشەققەت ئالدىدا گۈلبىكە قوسىقىدىكى بالىسى ئۈچۈن، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ، يايلاقتا خەلق مۇزىكىللىرىنى تارقىتىدىغان مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلىنىدۇ. سۇلتان گۈلبىكىگە مۇزىكا توپلاپ بېرىش جەريانىدا قۇربان بولىدۇ. گۈلبىكە كىيىن يايلاقتا ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يېتىلىدۇ.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
قەشقەر، 2012-يىلى 18--ئىيۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 08:12 PM