مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 6

ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجەئەسى (داۋامى 3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 07:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇ ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، خەتنى مامۇتجانغا بەردى ۋە خەت يازغان ئايالنىڭ يولىغا كىتەرلىك راسخوتلارنىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مامۇتجان خەتنى ئوقۇپ چىقىپ، ھەيران قالدى. بىر نەچچە كۈنگىچە مامۇتجان بىلەن قەمبەرخان خەتتىكى ئىشلار توغرىسىدا باش قاتۇرماقتا ئىدى.

  ئەگەر قەمبەرخاننىڭ قەشقەرگە كىلىپ، ئۆزىنى تۇغقان ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخان ئۇقۇپ قالسا، ئۇلار نىمىلەرنى ئويلاپ كىتەر؟ كۆپ قېتىملىق ئويلىنىشلاردىن كىيىن، قەمبەرخان ئاخىرى قەشقەرگە بېرىپ، تۇغقان ئانىسى بىلەن دىدارلىشىش قارارىغا كەلدى. مامۇتجان زۆرۈر تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ،قەشقەرگە يولغا سالدى.

1948-يىلى كۈز پەسلى. ئىككى ئات قوشۇلغان مەپە ئابلابەگنىڭ ھەشەمەتلىك قورۇسى ئالدىدا توختىدى. بوخچا كۆتۈرۈۋالغان قەمبەرخان مەپىدىن چۈشتى. ئابلابەگنىڭ چاپارمەنلىرى ئىچكىرى سارايغا كىرىپ، ئابلابەگكە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقان ھاۋاخانغا  قەمبەرخاننىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ھاۋاخان دۇتتارنى قويۇپ، ئىشىك ئالدىغا چىقتى. ئانا-بالا ئىككىسى قۇچاقلاشتى. ئانىنىڭ 25 يىللىق ھىجران ئازابى ئاخىرى يېشىلدى. ئانا-بالىنىڭ يىغا-زارىنى كۆرگەن ئابلابەگ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى.

ئانا قىزىنى باشلاپ ئۆيگە كىردى. ئابلابەگ ھاۋاخانغا قەمبەرخاننى ئالاھىدە كۈتۈۋىلىشنى جىكىلەپ، ئۆزىنىڭ دىدەكلىرىنى بۇ ئىشقا يارىدەملىشىشكە چاقىردى. قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كىلىپ، ئۆز ئانىسى بىلەن دىدارلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سەلىمىخان، قىزى-تۇخان، ۋە ئۆمەر ئاخۇننىڭ شاگىرتى-ھەززى ھاجىنى ئېلىپ، ئۆمەرئاخۇندىن يوشۇرۇنچە، ئاۋاتقا يولغا چىقىپ، ئابلابەگنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلدى. ھاۋاخان سەلىمىخانلارنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۆيىدە يەتتە كۈن تۇرغۇزۇپ، ئوبدان مىھمان قىلدى. ئەزەل قىسمەتتە شۇنداق پۈتۈلگەنمۇ ھاۋاخان سەلىمىخانلار توغرىسىدا قەمبەرخانغا ھېچنەرسە ئېيتىپ بەرمىدى. قەمبەرخانمۇ بۇ ھەقتە ئارتۇقچە گەپ سورىمىدى. سەلىمىخانغا ھەمراھ بولۇپ بارغان ھەززى ھاجى (2001-يىلى 7-ئايدا 80 يېشىدا ۋاپات بولغان)شۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: مەن سەلىمىخان ئاچىغا ھەمراھ بولۇپ ئاۋاتقا بارغان ۋاختىمدا قەمبەرخاننى كۆرگەن. ئۇ ئۇزۇن چاچلىرى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان،قويۇق قاشلىق، ھۆسۈن لاتاپەتلىك، چىرايلىق ئايال ئىدى. ھاۋاخان قىزىنى ئېرىق بويىدا ئولتۇرغۇزۇپ، چېچىنى تاراپ، 40 تال قىلىپ ئۆرۈپ قويغان ئىدى. ھاۋاخان مېنى بىر ياققا تارتىپ: «بالام،بۇ سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار بولىدۇ، تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمىتىدىن بۇ قىزىمنى مەن باقالماي قالغان. ھازىر ئۇ ئۈرۈمچىدە ئارتىست.»-دېگەندى...

سەلىمىخاننىڭ ئۆزىدىن يوشۇرۇنچە مەمەتئېلىنىڭ قىزى-قەمبەرخان بىلەن كۆرشۈپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئۆمەرئاخۇن سەلىمىخانغا كايىپ كەتتى:

-بۇ گەپنى ماڭا دېسەڭ بولمامدۇ؟ مەمەتئېلىمۇ سەن بىلەن بىرگە بېرىپ، قىزىنى كۆرۈپ كىلەتتى ئەمەسمۇ؟

قىزىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەمەتئېلى ئاۋاتقا ئىزدەپ بارغان بولسىمۇ قەمبەرخاننىڭ ئىدارىسىدىن رۇخسەت سورىغان ۋاختى توشۇپ، ئۈرۈمچىگە كىتىپ بولغان ئىدى. مەمەتئېلى قاتتىق ئازاپلىنىش ئىچىدە چۇمبۇسقا قايتىپ كەلدى.

                              6

ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ھاۋاخاننىڭ قىزىنى بىر كۆرۈش ئارزۇسى بارغانچە كۈچۈيۈشكە باشلىدى. قەمبەرخاننىڭ ئاۋاتتا تۇرغان ۋاختىدىكى ئۇنتۇلماس مىنۇتلار ھاۋاخاننىڭ كۆز ئالدىدىن خۇددى كىنو ئىكرانىدەك، ئۆتمەكتە ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەممىلا يەردە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ، باي-پومىشچىكلارنىڭ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىندى. ئابلابەگ ئىنتايىن ئادالەتپەرۋەر بەگ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكىمەت ئۇنىڭغا كەڭچىللىك قىلىش سىياسىتىنى قوللاندى. ئابلابەگ گەرچە ھاۋاخاننى ئىنتايىن قەدىرلەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كىيىنكى خوتۇنلىرى ھاۋاخاننى پاتۇرماي، ھە دىسىلا ئۇنى يەكلەپ تۇردى. بۇ دەرت-ئەلەمنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ھاۋاخان ئابلابەگنى خەۋەرلەندۈرمەيلا 20 نەچچە يىل ھايات كۆچۈرگەن بۇ قورۇدىن ئايرىلىپ،ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

ئۆز ئىدارىسىدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مامۇتجان بىرسىنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرۋازا ئالدىغا چىقتى. دەرۋازا ئالدىدا بىر ئايال ئۆڭسۈلى ئۆچكەن ھالدا غەمكىن تۇراتتى. ئىككەيلەن تىنچلىق-ئامانلىق سورۇشۇپ، ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن قەمبەرخانمۇ ئىشتىن قايتىپ كەلدى. ئانا-بالا دىدارلىشىپ، قىزغىن مۇڭداشتى. ھاۋاخان قەمبەرخاننىڭ ئۆيىدە قىزغىن كۈتۈۋىلىندى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخانمۇ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  ھۆكىمەت خادىملىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى. قەمبەرخان ھەمراخانغا تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن، بالدۇر لەغمەنگە تۇتۇش قىلدى. ھاۋخان بىر تەرەپتە خېمىر يۇغۇرىۋاتاتتى. سىرىتتىن سەي ئېلىپ كىرگەن قەمبەرخان ھاۋاخانغا قاراپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ قالدى.

-نىمىنى ئويلاپ قالدىلا، قىزىم؟-دىدى ھاۋاخان.

-سىلىدىن بىر ئىشنى سورىيالماي كىلىۋاتىمەن، ئانا. سورىسام كۆڭۈللىرىگە كىلەرمۇ؟،-دىدى قەمبەرخان تەمكىنلىك بىلەن.

-نىمە گەپ بولسا، سوراۋەرسىلە، قىزىم. –دىدى ھاۋاخان.

-بىر چاغلاردا مەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن «تىگى-تەكتىنىڭ تايىنى يوق.»دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قىلىپ، گاڭگىراپ قالغان ئىدىم. مەن سىلىدىن سوراپ باقاي، مېنىڭ دادام كىم؟ ئۇ قەيەردە؟-دىدى قەمبەرخان.

بۇگەپنى ئاڭلىغان ھاۋاخاننىڭ پۇت-قولى بوشاپ كەتتى. خېمىر يۇغۇرىۋاتقان قولى ھەركەتتىن توختىدى. ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دېرىزە ئالدىغا كەلدى.ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بىر ئاز سوغۇق  

بولۇپ، ئاسماننى بۇلۇت قاپلىۋالغان. ئەتراپ ئىس-تۈتەكلەر بىلەن پۇرقىراپ تۇراتتى. ھاۋاخان ئاغزىنى ئۆمەللەپ، بىر نىمىنى دەي دەپ تۇرىشىغا، ئىشىك ئېچىلىپ ئىسمايىل ئەسكەر بىلەن ھەمراخان كىرىپ كەلدى.قەمبەرخان ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. «رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ.» دېگەندەك ئىسمايىل ئەسكەر،ھەمراخانلار بىلەن ھاۋاخان بۇ ئۆيدە ئۇچرىشىپ قالدى.

ھەمراخان ھە دىسىلا زەھەرلىك نەشتىرىنى ھاۋاخانغا سانجىپ، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى.قەمبەرخانغا بولسا:«ھاۋاخان دېگەن ئەينى ۋاقىتتا ماتىتەيگە بۇزۇلغان بۇزۇق، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا سېنى تاشلاپ، تىتەينىڭ ئوردىسىغا قېچىپ كەتكەن. بىز سېنى ئۆيىمىزگە قايتۇرۇپ كىلىپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە چوڭ قىلدۇق. ئۇ نومۇسسىز يەنە سېنىڭ قېشىڭغا كەپتۇ.»دەپ  ھاۋاخاننى  تىنماي چېقىشتۇردى.ھەمراخاننىڭ گەپلىرىدىن يەنە بىر قىتىم ئازار يېگەن ھاۋاخان بۇ ئۆيدىن ئاستىغىنە سۇغۇرلۇپ چىقىپ، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى. (شۇ چاغدا ھاۋاخان بۈگۈردىكى ئىنىسى-مەمەتجاننىڭ ئۆيىگە كىلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن.)

                              7

1958-يىلى ئىستىل تۈزۈتۈش ھەركىتى باشلانغان مەزگىلدە سەنئەت كۆكىدە توختىماي، پەرۋاز قىلىۋاتقان مەشھۇر سەنئەتكار قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ قانىتى سۇندى. ئۇ كۆك قەھرىدىن ھاڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئاتۇش مەشھەتتىكى پىشقەدەم سەنئەتكار ئەمەت ئىلھام شۇ ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش كۆرىشى باشلانغان ۋاقىتتا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدىنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى- نىياز ئۆمەر ‹ئەكسىيەتچىل ئوڭچىل ئۇنسۇر› ،دەپ تارتىپ چىقىرىلغان ئىدى.

ئىلگىرى قەمبەرخان ‹نىياز ئۆمەرنىڭ قوللىغۇچىسى›دېگەن قالپاق بىلەن سەھنە ھاياتى بىەلن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى....

مەشھۇر سەنئەتكار قەمبەرخان ئىسمايىل ئۆزىنىڭ 67 يىللىق ھاياتىدا قانچىلىغان بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كۆچۈردى. ئۇ ھاياتىدا ئۆز دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي، ئارمان بىلەن مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى.

قەمبەرخان ئىسمايىلنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيىسى ماتىتەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردىكى مۇدھىش جەمىيەتنىڭ ئۇنتۇلماس يادنامىسى بولۇپ قالدى. ماتىتەي زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كاساپىتىدىن يەنە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئېغىر دەرجىدە خانىۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىئەجەل ھاياتىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ بولمايدۇ.

خاتىمە

مەن كىچىك چاغلىرىمدا دادام مەمەتئېلى ئاخۇندىن بىر ئاچامنىڭ بارلىغىنى پات-پات ئاڭلاپ قالاتتىم. كىچىك بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن، دادامنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەن ئىكەنمەن. 1988-يىلى مەن قاراشەھەر ناھيىسىگە بېرىپ، تاغامنىڭ باللىرى بىلەن دىدارلىشىپ، 15كۈن تۇرۇپ قايتىپ كەلدىم. مەن قاراشەھەردىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئەينى ۋاقىتتا قەمبەرخان ئاچىمىز بىلەن كۆرۈشكەن بىر نەۋرە ئاكىمىز-ھەززى ھاجى:

-ئۇكام، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئىزدەيدىغان ياخشى ئادەتلىرى بار ئىكەن. دادىللىرى مەمەتئېلى ئاكىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم توي قىلغان ئايالىدىن تۇغۇلغان بىر قىزى بار ئىدى. شۇنىڭ ئىز-دېرىگىنى قىلىپ باققان بولسىلا،-دىدى. ۋە ئەينى چاغدا ئاۋاتتا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئېيتىپ بەردى. شۇئان مەندە شۇ ئاچامنى بىر كۆرۈش ئىستىگى تۇغۇلۇپ، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە كىرىشتىم. ئالاھىزەل ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن قەدىرلىك ئاچام –قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تاپتىم. 1991-يىلى 7-ئايدا مەن قەمبەرخان ئىسمايىلنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا كىلىپ، ئاچامنىڭ يولدىشى-مامۇتجان ئاكام بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەپسۇس،ئاچام قەمبەرخان ئىسمايىل 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. تەقدىر-قىسمەت ئاچام بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمىگەن ئىدى. مانا ئالدىمدا بۇ مەشھۇر سەنئەتكارنىڭ يارقىن سىماسى گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭ ئاچامنى سېغىنىشلىرىم بىر نەچچە ۋاراق قەغەز يۈزىدە قالدى، خالاس.

ئاپتۇر-قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى.

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى يېزىلدى.قەشقەر   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 08:04 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 07:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تورغا يېڭىلا كىرگەنلىگىم ئۈچۈن ماقالىنى تەستە يوللاپ قالدىم. كەچۈرگەيلا .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 12:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 09:47:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىدىكى ۋەقەلەر ھەقىقىي رىياللىقتا بولغان ئىشلار..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 30 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3643
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 10:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىتەينىڭ ئوردىسىغا نىمىشقا قىچىپ كىتىپتىكەن ھاۋاخان.

نىمىشقا ھاۋاخان، قەمبەرخانغا ئۆز دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئىيتىپ بەرمەيدۇ؟ بۇنىڭدا چوقومكى بىر سىر بارغۇ؟

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28541
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4868
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 10:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاۋاخاننى ئىلىپ قىچىپتىكەن ماتىتەي...باكادىن بىرۋالامدۇ بىر كىشى خەقنىڭ قىشىغا...يا باشقا سەۋپ بامىدۇ؟؟
؟

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا !!!!

كېيىنكى ئەۋلاتل

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13201
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4527 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 10:46:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ  بىر ياخشى تارىخى ماتىرىيال ئىكىن

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23375
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 3964 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 01:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇ بىلەن مەزمۇننى بىرلەشتۈرەلمىدىمغۇ؟قەمبەرخان بىلەن ماتىتەينىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟يا بولمىسا ماتىتەي ھاۋاخانغا زورلۇق قىلغان بولسا كېيىنچە ھاۋاخان قەمبەرخاننى تۇغۇپ ئىسمائىل ئەسكەرلەرگە بېرىۋەتكەنمۇ-يا؟ۋەقەلىكى تەسىرلىك بىراق مەزمۇنى پۈچەك ئەسەركەن-بۇ!

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش