مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 940|ئىنكاس: 3

ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجەئەسى (2-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 07:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ماتىتەي دەۋرى ۋە قەمبەرخان پاجەئەسى (2-قىسىم)






جاۋاپسىز قالغان سۇئال

4

1935-يىلى ئاتۇشتا بەگلىك تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ، يېڭىدىن ناھيە تەسىس قىلىنىپ، پەيزىۋات ناھيىسىنىڭ باشقۇرشىدىن قەشقەر دوتەي يامۇلىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزىۋىلىندى. ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسى قەشقەرنىڭ باشقۇرشىدىن ئاتۇش ناھيىسىنىڭ باشقۇرشىغا ئايرىپ بېرىلدى. قەشقەر دوتەي يامۇلىدىن ئەۋەتىلگەن قاسىم دېگەن كىشى ئاتۇش ناھيىسىگە ھاكىم بولدى. شۇ يىللاردا يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى-مەمەتئېلى توختاجى(تەۋپىق)ئەپەندىنىڭ تۈرۈتكىسى بىلەن ئاتۇشتا مەدىنىي ئاقارتىش ھەركىتى كەڭ تۈردە ئەۋج ئېلىپ كەتتى.ئۇزاق ئۆتمەي ئاتۇش ناھيىلىك مەدىنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاتۇش ناھيىلىك سانايى نەپىسە قۇرۇلۇپ، ئابدۇكىرىم ئىمىن سانايى نەپىسەگە مەسئۇل بولدى. شۇ چاغدا سانايى نەپىسەگە قۇربان ئىبرايىم، مىرەخمەت سىيىت،ئەمەت ئىلھام قاتارلىق بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار توپلاشتى. ئاتۇش مەشىھەتتىكى پىشقەدەم سەنئەتكار ئەمەت ئىلھام قەمبەرخاننىڭ سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغان ۋاختىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

-مەن قۇربان ئىبرايىم، ئابدۇكىرىم ئىمىن ،مىرەخمەت سىيىت قاتارلىق بىر نەچچەيلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ، سانايى نەپىسەگە ئارتىست قوبۇل قىلماقچى بولدۇق. مەشھەت كەنتىگە كەلگىنىمىزدە يىراقتىنلا بىر قىزنىڭ دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيىتقان يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى. بىز دوقمۇشتىن قايرىلىپ قارىساق، بىر قانچە قىز ئورىۋالغان قەمبەرخان ئېرىق بويىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋىتىپتۇ. مەن شۇ چاغدىلا قەمبەرخاننىڭ سەنئەت جەھەتتە تالانتى بار بىر قىز ئىكەنلىكىنى سەزگەنىدىم. .....

ئاتۇش ناھىلىك ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتقان ئىسمايىل ئەسكەر  قىزى قەمبەرخاننى ناھىيىلىك سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاچچىقلانغىنىدىن قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كەتتى. دەسلەپتە ئۇ قىزىنىڭ ئارتىست بولىشىغا زادى قوشۇلمىدى. ئابدۇكىرىم ئىمىن،قۇربان ئىبرايىم قاتارلىقلارنىڭ قايتا-قايتا خىزمەت ئىشلىشى ئارقىسىدا ئىسمايىل ئەسكەر قەمبەرخاننىڭ ئارتىستكا  بولىشىغا قوشۇلدى.

قەمبەرخان سانايى نەپىسەگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ دۇتتار چېلىش، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىكى تالانتىنى نامايەن قىلىپ، خەلق ئىچىگە تىزلا تونۇلدى. شۇ چاغدا ئاتۇش سەھنىللىرىدە «غېرىپ-سەنەم»،«رابىيە-سەيدىن»،«تاھىر زوھرا» قاتارلىق درامما، ئوپىرالار كەينى-كەينىدىن ئوينالغان بولۇپ، قۇربان ئىبرايىم، مىرەخمەت سىيىتلەر غېرىپ، تاھىر، سەيدىن قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئالغان بولسا، قەمبەرخان ئىسمايىل سەنەم، رابىيە، زوھرالارنىڭ رولىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئويناپ، ئاتۇش ناھيىسىدىكى كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بىراق گۈلنىڭمۇ تىكىنى بار دېگەندەك، قەمبەرخان ئىسمايىل كەڭ خەلق تەرىپىدىن ئالقىشلىنىۋاتقان كۈنلەردە قەمبەرخان توغۇرلۇق بەزى ئەپقاچتى گەپلەر كىشىلەر ئارىسىدا ئاندا-ساندا پەيدا بولۇپ قالدى:

-قەمبەرخاننى ئىسمايىل ئەسكەر بېقىۋاپتىكەن.

-ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن.

-ئۇ داڭلىق سەنئەتچى بولغان بىلەن تىگى-تەكتىنىڭ تايىنى يوقكەن.

-ئۇنى تېخى ماتىتەينىڭ پۇشتى دەمدۇ،ئەيتاۋۇر....

بۇنداق پىتنە-پاسات گەپلەر قەمبەرخاننىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىپ ئۈلگۈردى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماسقا سېلىپ، شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ لىكىن بۇ پىتنە-پاسات گەپلەر ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋىلىپ، زادى ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئاشۇنداق پىتنە-پاسات گەپلەرنىڭ كاساپىتىدىن قەمبەرخان ئىسمايىل تۇرمۇشتا ئېغىر بەخىتسىزلىككە دۇچار بولدى. ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، روزى قۇربان، ئاريپ قاتارلىقلار بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولسىمۇ لىكىن بۇلار قەمبەرخان توغۇرلۇق ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىپ كىتىپ، قەمبەرخاننى ئۆيدىن قوغلىۋەتتى. شۇ چاغدا ئاتۇش ناھيىلىك ھۆكىمەتتە ئەمەلدار بولۇپ ئىشلەۋاتقان مامۇتجان ھېيىت قەمبەرخاننىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەمدىن ئېچىنىپ، پىتنە-پاسات گەپلەرگە پىسەنت قىلماي، قەمبەرخان ئىسمايىل بىلەن توي قىلدى.شۇنىڭ بىلن قەمبەرخاننىڭ يېڭىچە ھاياتى باشلاندى. قەمبەرخان شۇ چاغدىلا پىتنە-پاسات گەپلەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىسمايىل بىلەن ھەمراخاندىن سۈرۈشتە قىلماقچى بولدى-يۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، دەرت-ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. بولدى، ئۇ مامۇتجان بىلەن ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتىدۇ. مامۇتجان ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەدىرلەيدۇ.قانداق تەلىپى بولسا، بىجاندىل ئورۇندايدۇ. شۇنداق ئىكەن قەمبەرخاننىڭ يەنە ئىلگىركى ئىشلارنى كوچىلاپ يۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى؟

ئاتۇش مەشھەتتىكى مەرھۇم تاھىرھاجىم قەمبەرخان ئىسمايىلنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:

12 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك، ئاتۇش ناھيىلىك نەپىسەدىن مېنى ئارتىستلىققا قوبۇل قىلغىلى كەپتىكەن، چۈنكى، شۇ چاغدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىنىڭ كەنتلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان بىر درامما ئوينىلىدىغان بولۇپ، مەن شۇ دراممىدا كەنتتىكى بىر كىچىك بالىنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقتىم. قەمبەرخانمۇ شۇ دراممىدا رول ئېلىپ چىققان. ئۇ ھەقىقىتەن تالانتلىق سەنئەتكار ئىدى. كىيىن مەن قەمبەرخاننى مەشھەتتىكى ئۆيىگە كەلگەندە پات-پات كۆرۈپ تۇرغانتىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شۇنچىلىك ئېغىر-بېسىق، كەمسۆز ئەدەپ-دىيانەتلىك ئايال ئىدى. دائىم دېگۈدەك يەردىن بېشىنى كۆتەرمەي يۈرەتتى. لىكىن سەھنىدە دۇتتار چېلىپ، ناخشا ئېيىتقان ۋاقىتتا،كىشىلەر ئۇنىڭغا ھاڭۋىقىپلا قاراپ قالاتتى.....

1947-يىلى كۈزدە قۇربان ئىبرايىمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئاتۇش ناھيىلىك سانايى نەپىسەدە ئىشلەۋاتقان قەمبەرخان ئىسمايىل بىلەن تاجىنسا خانىم شىنجاڭ ئۆلكىلىك سەنئەت ئۆمىگىگە تاللىنىپ كەتتى. شۇ چاغدا مامۇتجان قەمبەرخان بىلەن بىرلىكتە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلدى. مامۇتجان ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىگە يۆتكەلدى.

ئۆز قىزىنىڭ پىراقىدا ھىجران ئازابى تارتىۋاتقان ھاۋاخان پات-پات ئاتۇشقا چىقىپ، قىزىنىڭ ئىز-دىرىگىنى قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ،لىكىن قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىشنى راۋا كۆرمىدى. ئۇ قەمبەرخاننىڭ كۆڭلىنى ئايايتى. قىزىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىشنى خالىمايتى. ئۇ پەقەت قەمبەرخان بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرسىلا خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىسىلا شۇنىڭغا رازى ئىدى. ئۇ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىنى قەمبەرخانغا سۆزلەپ بەرسە، قەمبەرخاننىڭ ئىسمايىل ئەسكەر ۋە ھەمراخانلاربىلەن ھاۋاخان ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قىلىپ، ئازاپلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ قىزىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىدىغان مۇۋاپىق پەيىتنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. قەمبەرخاننىڭ ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ھاۋاخان قىزىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش توغرىسىدا ئۇزاق ئويلاندى. «قەمبەرخان ھازىر ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئەمدى قەمبەرخانغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشنىڭ پەيتى كەلدى. قەمبەرخان مېنىڭ باغرىمنى يېرىپ چۈشكەن يۈرەك پارەم تۇرسا، ھەقىقىي ئەھۋالنى قاچانغىچە يوشۇرۇپ يۈرۈيمەن.»ھاۋاخان ئويلىغانلىرىنى ئابلابەگكە ئېيتىۋىدى، ئابلابەگ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، قەمبەرخاننىڭ يول خىراجىتىگە يىتەرلىك راسخوت ئىبەرتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھاۋاخان قىزى-قەمبەرخانغا خەت يازدى.     

5

«قىزىم، توقۇز ئاي، توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ، سىزنى تۇغقان ئانىڭىز بولساممۇ،بىراق تەتۈر پەلەكنىڭ قىسمىتىدىن سىزنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قىتىممۇ ‹قىزىم› دەپ باغرىمغا باسالمىدىم. سىزنىڭ دىدارىڭىزغا قانالمىدىم. 20 نەچچە يىللىق ھىجران ئازابى مېنى تولىمۇ قىينىماقتا. يۈرىگىم ئاشۇ ھىجران ئازابىنىڭ دەستىدىن بارغانسىرى زەئىپلەشمەكتە. بەلكىم، مېنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان كۈنۈم ئاز قالغاندۇ، شۇڭا سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۈتىدىغىنىم-سىز ئېغىر كۆرمەي بىر قەشقەرگە بىر قىتىم كەلگەن بولسىڭىز. سىزنى قىزىم، دەپ بىر قىتىم باغرىمغا بېسىۋىلىپ،ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.»

  خەتنى ئوقۇپ قەمبەرخان بىر ھازاغىچە بىر نوختىغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى. بۇ خەتتىكى ئىشلارنىڭ چۈشى بولۇپ قېلىشىنى، بىر دەملىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ كىتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بىراق بۇ كۆز ئالدىدىكى رىياللىقنى قوبۇل قىلماسلىققا ئامالسىز قالدى.

داۋامى بار....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شةۋقصي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 08:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81715
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 07:34:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ھازىر يوللاپ بېرەي، رەسىمىنى ئەتە يوللاي، شارائىت يار بەرمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23375
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 3964 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 01:14:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاي ھاي مۇنبەرداشلار ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالايلى.ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلايلى.كىم نىمە دىگۈسى كەلسە دەۋەرمىسۇنمۇ؟ئەمدى مۇنازىرە مۇنبىرىدىمۇ ئۆز-ئار بىر-بىرىمىزنى چەكلىشىپ گەپ قىلغىلى قويماي يۈرىيمىزمۇ؟بۇ دىگەن مۇنازىرە مۇنبىرى.سىلىق،ئىلمىي مانازىرە قىلىشساق بولىدۇ.بىر ئادەم بىلەن يەنە بىر ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى،قىممەت قارىشى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.شۇڭا ‹‹ھەەمە ئادەم مەندەك تەپەككۈر قىلىشى كېرەك...››دەپ يولسىزلىق قىلماي،باشقىلارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئەركىن ئوتتۇرىغا قويۇشىغا چات كېرىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3940
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 07:44:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تارىخى ئەسلىمىنى ئوقۇپ ئارتىس بولالمىغان قىز دىگەن فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئىسىمگە كىلىپ قالدى دىسە .

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش