مۇھەببەت ئوتى
قارا تۈندە چېقىلغان چاقماق،
بىر ئاشىقنىڭ مۇھەببەت ئوتى.
قارا بۇلۇت باسقان يۈرەكتە،
كۆيدى يەنە سۆيگۈنىڭ ئوتى.
مۇز قاپلىغان جانسىز يۈرەكلەر،
ئايلانغاندا نۇرلۇق قۇياشقا.
ئۆلۈپ كەتكەن ئەشۇ روھىمنى،
چاقىردىڭ سەن قايتا ياشاشقا.
قەلبىمدىكى مۇھەببەت ئوتى،
چاقماق بولۇپ چاقتى كۆزۈمدىن.
بىر ساڭىلا كۆيىدۇ يۈرەك،
شەكلەنمىگىن زىنھار سۆزۈمدىن.
ساڭا كۆيدى بۇ يۈرەك جانان،
سۆيدۈم سېنى مەڭگۈ تائەبەت.
كۆزلىرىمدىن كەتمىگىن ئۇچۇپ،
قەلبىم ئەسىر ساڭىلا پەقەت.
مەنبە : ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 04:44 PM