|
|
|
|
ئانا يۇرت چولپانلىرى بۈگۈن غۇلجىغا يېتىپ كېلىدۇ
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى ، ئۇيغۇر ئوغلانلىرىمىز بۇلتۇرمۇ شەندوڭغا بېرىپ مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە بېرىپ قوش لوڭقىنى قولغا ئالغان ئىدى. بۇ يىلمۇ قوش لوڭقىنى قولغا ئېلىپ، ئىسپانىيەگە ئوخشاش رىكورت ياراتتى ! بۇلار ھەقىقەت ئۆز ئانا يۇرتىدىكى نەچچە مىليون خەلقىنىڭ ئۇمىىنى ئاقلىدى. ئۇلار سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن مۇشكىلاتلارنى چەكسىمۇ، تاماق ۋە ھاۋاغا كۆنەلمەي، ئاغرىق ئازاۋىنى تاتسىمۇ، مۇسابىقىدە يارىلاسىمۇ، ھېرىپ چارچاشتىن پۇت قوللىرى سۇنغاندەك ئاغرىسىمۇ، ئۆمۇلەپ قوپۇپ ھۇررا ! دەپ دەس تۇردى. نەتىجىدە قوش لوڭقىنى قولغا ئالدى. پۇتكۈل ئانا يۇرت خەلقى ئۇلارغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ!
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى يۇرتىغا قاراپ 18- چېسلا يولغا چىقىپ بۈگۈن ساق سالامەت ئۇرۇمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ ، غۇلجىغا ماڭغان پويىزغا چىقىپ غۇلجىغا يول ئالدى. خۇدا خالىسا ئۇلار بۈگۈن يەنى 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى جۈمە كەچ سائەت 7 يېرىمدا غۇلجا ۋوگزالىغا چۈشىدۇ. ( جىنەن _ ئۇرۇمچى پويىزى كېچىككەنلىگى ئۈچۈن ۋوگزال سىرتىغا چىقىش پۇرسىتى بولمىدى )
تۆۋەندىكىلەر بولسا مۇسابىقە ۋە قايتىش سەپىرىدىكى خاتىرە رەسىملەر .
|
|
|
|
|
|