بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇلىدىغان، كېچىلىرى باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرىگە قارىغاندا نەپلە ناماز ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ۋە قۇرئان كەرىم كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايدۇر.
بۇ مەسچىت-جامەلەر تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئاۋاتلشىپ كېتىدىغان، ئۆيلەر زىكىر-تەسبىھلەر بىلەن جانلىنىپ كېتىدىغان، روزا تۇتۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارمۇ ھاياجانغا تولۇپ تاشىدىغان ئايدۇر.
بۇ پېقىر-مىسكىنلەرگە غەمخورلۇق قىلىنىدىغان، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشى سىلىنىدىغان ۋە غېرىپ-غۇرۋالارغا ياخشىلىق قىلىنىدىغان ئايدۇر. مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسى بۇ ئايدا ئۆتىدۇ.
قېرىنداشلار! بۇ ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن نەپسىمىزنى پاكلىساق، يەنە بىر تەرەپتىن پېقىر-مىسكىن ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى تارتىۋاتقان قىيىچىلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىز كېرەك.
بۇ ئايدا يەنە دىلىمىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن، تىلىمىز ئاللاھغا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولسۇن. قەلبىمىزنى شېرىك ئەقىدە، باتىل كۆزقاراش ۋە خاتا چۈشەنچىلەردىن پاكلايلى. كۆڭلىمىزدىن ئاداۋات، ھەسەت ۋە يامان نىيەت قاتارلىق ئىللەتلەرنى چىقىرىپ تاشلايلى!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا بەكرەك خەير-ساخاۋەت قىلىشى، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇشى، نەپلە ئەمەللەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئولتۇرسا-قوپسا ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشى بىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
قېرىنداشلار! شۇڭا بىز دىنىمىزنىڭ ئەركانلىرىدىن بىرى بولغان رامىزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇشقا ۋە بۇ مۇبارەك ئاينىڭ پۈتكۈل ۋاقىتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى!
روزا تۇتۇش تەرك ئېتىش، دېمەكتۇر. نېمىنى تەرك ئېتىمىز؟ ماددىي جەھەتتىن يېمەك-ئىچمەكنى، مەنىۋى جەھەتتىن يالغان سۆزلەشنى ۋە خاتا ئىشلارنى قىلىشنى تەرك ئېتىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمىگەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ موھتاج ئەمەس»[1] دېگەنسۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ
بۇ ئاي توغرۇلۇق كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق ئارتۇق سۆزگە كېرەك قالمايدۇ:
ئايەتلەر (نىڭ تەرجىمىلىرى):
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«رامىزان شۇنداق ئايكى، ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، توغرا يولنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، ئۇنى روزا بىلەن ئۆتكۈزسۇن. كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[2]، ئاللاھنى ئۇلۇغلىغايسىلەر ۋە شۈكۈرقىلغايسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى.
ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىم سەندىن مېنى سورىسا، بىلسۇنلاركى، مەن ئۇلارغا بەك يېقىن. مەن ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىشەنسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ»[3].
بەزىھەدىسلەر (نىڭ تەرجىمىلىرى):
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ:
«رامىزاندا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا روزا تۇتقانلارنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»[4].
«جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن پەقەت روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟ دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئۇ ئىشىك تاقىلىدۇ، باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ»[5].
«رامىزان كىرسە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
[1]- بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
[2]- يەنى، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر.
[3]- بەقەرە 2/185-186.
[4]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.
[5]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان