مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 28

مىسرانىمدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ چىقاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن~

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10903
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7107
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسرانىم مۇنبىرىنى چۈشىنەمسىز ؟...


ئەسسالام تور دۇنياسىدىكى ئەزىزلەرنىڭ دىلكەش دوستى ،سىردىشى، كۆڭۈل سىرلىرىنى ، پىغانلىق ھېسلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان جانجىگەرى ،جاھاندىكى ئەڭ يېڭى ئىشلارنى دەل ۋاقتىدا بىلەلەيدىغان جاھاننامە ئەينىكى شۇنداقلا ئانا ماكانىمىز شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان مەردانە، مىجەزلىك ، مۇلايىم ،سۇمباتلىق قەلىبداش دوستلار توپلاشقان سۈيۈملۈك ئىللىق ئائىلە مىسرانىم .
كەلگۈسى ھايات مۇساپەڭدە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ياشنىغايسەن، كامال تاپقايسەن.

2010-يىلى مۇنبەرلەر قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن، مىسرانىم ئەزا سانى كۆپىيىپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ سەركىسى بۇلۇپ قالدى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۈكسەلگۈسى، ئەتىسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى ...مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر قايسىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، شۇڭا ئازراق كۇتۇلداپ باقايمىكىن دېدىمغۇ... ئالدى بىلەن باشقۇرغىچىلاردىن باشلاي.

باشقۇرغۇچىلارغا:   

مۇنبىرىمىزنىڭ ئارقا سەھنىسىدە تۇرۇپ مۇنبەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقان باشقۇرغۇچى دوستلار ، جاپا چەكتىڭلار،ئەجرىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر.   
ئىجتىھاتلىق ئەمگىكىڭلارنىڭ خاسىيىتىدىن مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.مەن بۇ يەردە سىلەرگە ھىچقانداق تەكلىپ بەرمەيمەن. بەلكى سىلەرگە مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار ۋە ئۆزەم نامىدىن ئەڭ ئالىي ئېھتىرام يوللايمەن. بۇندىن كىيىن تور بەتلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشى ۋە ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىشى ،بەلكىم مىسرانىم مۇنبىرىگە كەسكىن بىر رىقابەت ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.چۈنكى ھەممە ئەڭ ئېسىلىنى ، سەر خىلىنى تاللايدۇ ئەمەسمۇ؟!...   
بۇ سىلەردىن بۇندىن كىيىنكى خىزمىتىڭلارنى تېخىمۇ جان كۆيدۈرۈپ ، ئەستايىدىل ئىشلىشىڭلارنى ، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ دىققەت قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.شۇڭا باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتى جەريانىدا جاپا كۆپرەك بولسىمۇ چىداپ مۇنبەرنىڭ ۋە مىسرانىم تور بېتىنىڭ چولپان تور بەت ۋە مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى، سەرخىلى، سەركىسى بۇلۇشى ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.


كەڭ تېما يوللىغۇچى دوستلارغا :   


تېما ئىگىسى ھۆرمەتلىك دوستۇم ، مىسرانىم مۇنبىرى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىپ ، دوستلارغا سۇنغان تېمىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر.مۇنبەر دەل سىزدەك ئىزدەنگۈچى ، يېڭىلىقنى بايقىغۇچى جەڭگىۋار ئەزىزلەرگەمۇھتاج . مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە جەمىيتىمىزدىكى خىرىس - رىقابەت بىزدىن بۇرۇنقىدەك بىخارامان ئۇخلاپ ياتماي ئىزدىنىشنى ، تىرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى مىسرانىم مۇنبىرىدە ئىجاد قىلغان ھەر بىر ئەسەرلىرىڭىز بەلكىم كىيىنچە شۇ ساھەدە نەتىجە قازىنىشىڭىزنىڭ دەسلەپكى ئاساسى ، بىخى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىز مۇنبەرنى ئىچىڭىز پۇشقاندا كىرىپ ئايلىنىپ چىقىپ كىتىدىغان تاللا بازىرى ياكى خەلق باغچىسى قىلىۋالماڭ.ئۇ ئىزدەنگۈچى ، تىرىشچان ،خۇشچاقچاق ھەر بىر ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بىلىم ئۆگىتىدىغان ، مىللىي روھىغا ئۇل سالىدىغان ،ئەزىز دوستلىرى بىلەن جەم قىلىدىغان، خوشاللىق ۋە قايغۇسىغا تەڭ شىرىك بۇلىدىغان سۆيۈملۈك ئانا مەكتىپىدۇر...  
شۇڭا تېمىسنى يېزىپ بۇلۇپ مۇنبەرگە يوللاش ئالدىدا تۇرغان قەدىرلىك دوستۇم ، سەل ساقلاڭ ، ئالدىراپلا « يوللاش » كونۇپكىسىنى باسماڭ.
مەن سىزگە تۆۋەندەبىر قانچە تەكلىپ بېرەي ، مۇمكىن بولسا تېمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ چىققان بولسىڭىز .


  
1.يازغان ئەسىرىڭىزنىڭ ژانىرىنى چۇقۇم مۇنبەرنىڭ ماس كېلىدىغان سەھىپىسىگە قۇيۇڭ . ماس كەلمىسە ھىچقىسى يوق، باشقۇرغۇچىلار يۆتكەپ قۇيىدۇ دىگەن كۆز قاراشتىن ساقلىنىڭ.ئۇلارمۇ ئادەم ،ماشىنا ئەمەس.ئۇلارنىڭ مۇنبەردىكى ۋەزىپىسى يالغۇر سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى يۆتكەش بىلەنلا ئۆتمىسۇن ،كۆزى ئارام ئالسۇن، ئۆزىمۇ نادىر تېمىلارنى ، ئەسەرلەرنى يازسۇن ، جەمىيەتتىكى ، ئائىلىدىكى باشقا ئىشلىرىنى قىلىۋالسۇن،ئۇلارنىمۇ بىردەم ئارامىغا قۇيايلى...

2.ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ .مىنىڭمۇ ئىملايىم ئالاھىدە توغرا بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن . ئەلۋەتتە ئانچە - مۇنچە خاتالىقنىڭ بۇلىشى تەبىئىي.لىكىن ئېغىر ئىملا خاتالىغىدىن ساقلىنىڭ.باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى سىزنىڭ ئىملايىڭىزنى تۈزىتىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتمىسۇن.ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنىڭ ھەرپ ئورۇنلاشتۇرىشىنى پىششىق بىلمىسىڭىز چۇقۇم قايتا - قايتا مەشىق قىلىڭ . بىرەر پارچە بېسىپ چىقىرىپ كومپىيۇتېر ئۈستىلىڭىزگە قۇيۇپ قۇيۇڭ.   


3.ناۋادا تېمىڭىز ئىلىم - پەن ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ، پەن - تەتقىقات يېڭىلىقلىرى ۋە مۇشۇ ساھەگە ئالاقىدار تېمىلار بولسا ئىنتايىن دىققەت قىلىڭكى ماقالىڭىزنىڭ كىلىش مەنبەسى ۋە دەلىل - ئىسپاتلىرى چۇقۇم ئىشەنچىلىك ، قايىل قىلارلىق بولسۇن. مۇشۇنداق بولغاندىلا مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقى تەشەككۇرىغا نائىل بۇلالايسىز ...  


4.تارىخىي ۋەقەلەر ، شەخىسلەر ، قەدىمىي يادىكارلىقلار غا ئالاقىدار تېمىلارنى يوللىغاندا پايدىلانغان ماتىرياللىرىڭىز ئىشەنچىلىك بولسۇن،تارىخنى بۇرمىلاشقا ئورۇنماڭ.ئىشەنچىسىز ، بۇرمىلانغان خەۋەرلەرنى مۇنبىرىمىزگە سۆرەپ كىرىپ مۇنبەردە ئورۇنسىز مۇنازىرە ۋە كۆڭۈل ئاغرىقىغا سەۋەپ بۇلۇپ قېلىشتىن بەكمۇ ئىھتىيات قىلىڭ...


5.شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى ، مىللىتىمىزنڭ ئومۇمىي ھالىتى ، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەت - قانۇنلىرى ۋە مىللىي غۇرۇرىڭىزغا تەسىر قىلغان ئىشلارنى ئامال بار مۇنبەرگە ئېلىپ كىرمەڭ.پەقەت كۆڭلىڭىزدە بىلىڭ. يەنىمۇ بەكراق ئەسكەرتىپ قوياي دوستۇم ، كوچا - كويلاردا ھەرگىزمۇ قالايمىقان سۆزلەپ يۇرمەڭ.مەنمۇ شۇ تاپتا سۆزلەي دىسەم ئىچىمدا بىر پاتمان گەپ ،لىكىن ئامال يوق.چىداڭ ، غەيرەتلىك بۇلۇڭ...ھازىر ۋەزىيەت بەك كەسكىن ،بىز بىر قېرىندىشىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قېلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز . شۇنداقلا بۇ مۇنبەرگە يامان ناملارنىڭ قالپاق بۇلۇپ كىيىلىپ قېلىشىنى تېخىمۇ خالىمايمىز ئەلۋەتتە...

6.جەمىيتىمىزنىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىدىكى بەزىبىر ئەخلاق كىرىزىسىدا تېڭىرقاۋاتقان ، ھاياسىز قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى تۇتقا قىلۋېلىپ بارلىق ئاياللارنى ھاقارەتلەشتىن ساقلىنىڭ.قىسمەنلىك ئۇمۇمىيلىققا سىموۋۇل بۇلۇپ قالمىسۇن.ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . مىنىڭ ئانام ، سىزنىڭ ئانىڭىز شۇنداقلا مۇنبەردىكى بارلىق دوستلىرىمىزنىڭ ئانىلىرى ۋە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىمىز يەنىلا شۇنچىلىك ئەخلاقلىق ۋە سۈيۈملۈكتۇر.


7.ناۋادا تېمىڭىز چاقچاق تېمىسىدىكى ئەسەر بولسا ئەلۋەتتە قىزغىن ئاۋاز قۇشىمىز .چۈنكى كەچكىچە ئازابلىنىپ ، خىيال سۈرۈپ يۈرگىلى بولمايدۇ-دە...
بىردەم - يېرىمدەم چاقچاقلىشىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلساق ، ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە ئۆلۈپ كىتىدىغان جانغا بىردەم بولسىمۇ ئېچىلىپ كۈلسەك ياخشى ئەمەسمۇ ؟ لىكىن دوستۇم ئىشلەتكەن سۆز - ئىبارىلەرگە دىققەت قىلىڭ . ھەركىمنىڭ مىجەزى ھەر خىل .شۇڭا چاقچاقلىرىڭىز ئەخلاق - ھايا چىگىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىسۇن.يۇمۇرلۇق سۆزلەرنى ئىشلىتىڭكى ، تېتىقىسىز سۆز ئېبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن،شۇنداقلا ھەزىللەردىن ساقلىنىڭ.


8.بىرەر مۇنبەردىن ، مەتبۇئاتلاردىن ئېلىنغان ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ، ئاپتۇرىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ. سىز باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلسىڭىز ،باشقىلارمۇ سىزنىڭ ئىجاد مىۋېلىرىڭىزنى قەدىرلەيدۇ.


9.يۇمشاق دېتال ۋە كومپىيۇتېر تېخنىكىسى توغرىسدىكى تېمىلارنى يوللىسىڭىز چۇقۇم چۈشۈرۈپ ، ئورتاق پايدىلانغىلى بۇلىدىغان ، ئەمەلىي قوللىنىدىغان بىلىملارنى ئاساس قىلىڭ.ئىسىڭىزدە بولسۇن ، يېشىل مەھسۇلات يوللاڭكى، ۋېروس بار ياكى كومپىيۇتېرنىڭ باشقا سېستىمىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان نەرسىلەرنى يوللاپ باشقىلارنىڭ مال - مۈلىكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماڭ، بۇنداق غەرەزلەرنى كۆڭلىڭىزدىن ساقىت قىلىڭ...


10.باشقۇرغۇچى ياكى بىرەر ئەزالارغا پىكىرىڭىز بولسا ياكى ھاقارەت - كۆڭۈل ئاغرىقى توغرىسدىكى گەپلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئىنكاس شەكىلدە تېما ئاستىغا يېزىپ قويماڭ. ئۇچۇر يوللاڭ ياكى مۇنبەر مەسئۇلىغا ئىنكاس قىلىڭ. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ كىشلىك ئىززەت - ھۆرمىتىگە ئېتىبار قىلىڭ.  
شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئىززىتىڭىزنى ساقلاڭ،ئىناقسىزلىق ، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىپ ئۇرۇنسىز جىدەلنىڭ مەنبەسى بۇلۇپ قالماڭ، يۇرتۋازلىق قىلماڭ.

11.ئىنكاس يازغاندا « رەھمەت ، ياخشكەن، جاپا چىكىپسىز ......» دىگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى ئازراق ئىشلىتىڭ . تېما ئىگىسىگە ۋە شۇ تېمىغا بولغان ھەقىقى كۆز قارىشىڭىزنى يېزىڭ .تېما ئىگىسىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ.ئۆزىڭىزنىڭ باشقىچە كۆز قارىشىڭىز بولسا ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، ساغلام مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىڭ. بىر قۇرمۇ خەت يازماي قۇنچاق چىقىرىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ، ئۇ قونچاقلار چاقچاق تېمىسىغا ئەڭ ماس كىلىدۇ.شۇ بۇ جەھەتتە بەكرەك دىققەت قىلىڭ...


12.مىسرانىم مۇنبىرى كېچىلىك ئارامگاھ ياكى قەھۋەخانىنىڭ ئايرىم خانىسى ئەمەس.شۇڭا مۇنبەردە بىرەرسىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ ياكى كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس شەكىلدە پاراڭلاشماڭ. ئۇنداق ئايرىم ، شەخسى پاراڭلىرىڭىزنى چ چ ياكى مۇنبەرنىڭ  قىسقا ئۇچۇر ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ يوللاڭ. مۇنبەر ئەھلىدە مۇنبەرگە قارىتا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويماڭ.ئىنكاس شەكىلدە ئۇرۇشماڭ ، خەقنى چىشلەپ تاتماڭ...

  
ھۆرمەتلىك تېما ئىگىسى دوستۇم ، مۇشۇ دىگەنلىرىم كۆڭلىڭىزگە ياققان بولسا خاپا بولماي تېمىڭىزنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز ...  
قەدىرلىك دوستلار ، مەن پەقەت ھېس قىلغانلىرىمنى يازدىم . لىكىن ئۇشبۇ مۇنبەر يالغۇز مۇنبەر مەسئۇلى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭلار ئەمەس، مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزانىڭ يۈكسەك تىرىشىشى ۋە ئىزدىنىشى ئارقىلىق روياپقا چىقىدۇ ...
شۇڭا مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ  ئالدىغا قاراپ يۈكسىلىۋاتقان  مۇشۇنداق خاسىيەتلىك دەملەردە مۇنبەردىكى كەڭ دوستلارغا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سوئال قۇيۇشنى لايىق تاپتىم .بىرلىكتە مۇنبەرگە بولغان ئەڭ ئىسىل تەكلىپ - پىكىر ۋە گۈزەل تىلەكلىرىمىزنى قالدۇرغان بولساق ...  

1. سىز مىسرانىم مۇنبىرىنى ياخشى كۈرەمسىز ؟ نىمە ئۈچۈن ؟  
2.سىز مۇنبەردىكى ھازىرقى تېمىلارغا قانداق قارايسىز ؟ قايسى خىلدىكى تېمىلارنى بەك ياقتۇرىسىز ؟  
3.باشقۇرغۇچىلارغا قانداق يېڭى پىكىر - تەكلىپلىرىڭىز بار؟  
4.مىسرانىم مۇنبىردە بۇندىن كىيىن قانداق تېمىلارنىڭ كۆپرەك ، قايسى خىلدىكى تېمىلارنىڭ ئازراق ئېلان قىلىنىشىنى خالايسىز ؟  
5.سىز مۇ نىمە ئۈچۈن بىرەر ئىجادىي ئەسەر يېزىپ باقمايسىز ياكى باشقا مەزمۇندىكى بىرەر تېما يوللاپ باقمايسىز ؟ ئۆزىڭىزگە ئىشەنمەمسىز يا ؟   
6.مۇنبەرگە يەنە قانداق ئىقتىدارلارنىڭ قوشۇلۇشىنى ، قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كىرەكلىكىنى خالايسىز ؟  
7.مۇنبەر توغرۇلۇق يەنە قانداق باشقا پىكىرىڭىز بار ؟ ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قۇيۇڭ . چۈنكى ئادەم ئەينەككە قارىغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەكسىنى كۆرەلەيدۇ.بەلكىم مەن ۋە باشقىلار ھىس قىلمىغان نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكنى سىز ھېس قىلغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ...

قېنى دوستۇم بۇ گۈزەل ، ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتى كۈچ چىقىرايلى...  


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YuzarSif + 99 بارىكاللا
kizzik99 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
Qabiljan + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مەلىكە + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
zvmrat + 120 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
katran + 101 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hokumran + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
kurdax + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
rizwangul0995 + 50 تەپەككۇرى كۈچلۈك
huxqiray + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1364   باھا خاتىرىسى

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋەئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئامىن!!!

ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6650
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4707 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىمىزنىڭ ئاساسەن كۆز قارشى ئوخشاشكەن ...

سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەي ھە !!!
1-سۇئالغا .ياخشى كۆرمەن چۈنكى مەن ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرۇپ ھەممە مۇنبەرلەرنى ئارلاپ چىقىمەن تىمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ھەم شۇ تىمىغا چۈشكەن تېتىملىق ئىنكاسلارنىڭ سانى جەھەتتە مىسرانىم ئەڭ ئالىنقى ئورۇندا ئىكەن ...
2.مۇنبەردىكى تىمىلارغا كەلسەك شىېئرى تىمىنىڭ سانى سەل  كۆپىيىپ قالدى.مۇشۇنىڭغا سەل چەك قويسا ،تۆت مىسرانى بىر يەرگە ئەكەلسىلا شېئىر بولمايدۇ ئەلۋەتتە .بولسا مۇشۇ مەزگىللەردە دىنى تىمىلار سەل كۆپەيتىلسە...
ئاندىن كۆڭۇل ئاچىدىغان تىمىلار جىقىراق بولسا ...يېڭى خەۋەر ئاجايىپ غارايىپ ئىشلار توغرىسىدىكى تىمىلار كۆپىرەپ بولسا دەپ ئويلايمەن
3.يېڭى چىققان باشقۇرغۇچىلارغا قارسام 2كۈندىن بىرى شۇنداق ئاكتىپ ،ھەم قىزغىن ...بولسا مۇشۇ خىل ھالەت ساقلاپ قېلىنسا.مەن باشقۇرغۇچى دەپ ئارقا بەتتىن چىقمماي ئولتۇرۋالماي تىمىلارغا ئىنكاس يېزىپ تۇرسا ،ھەم بەزى تېتىقسىز ئىنكاس قورچاقلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرسا .بولۇپمۇ 1بەتتىكى كىرەكسىز ئىنكاسلار ۋاختىدا تازلانسا .ھەم بىر ئىككى باشقۇرغۇچى مەخسۇس ئىنكاس باشقۇرسا
4-سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ بوپتىمەن
5.مۇنبەرگە تىمىنى يوللاپ تۇرۋاتىمەن ئىجادى بولمىسىمۇ قىسمەن پايدىلىق تەرپى بار تىمىلارنى ..قىسمەن تىمىلار ئۆچۈرۈلسىمۇ توغرا چۈشەندىمغۇ ئەمدى
6-مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارنى قوشۇشنىڭ گىپى بولۇندى .ئۇقىشىمىزچە بۇرۇنقى مۇنبەر سىستىمىسىدا تىما يوللىغاندا سىناپ كۆرۈپ بېقىش دەپ بىر يەر بار ئىدى بۇ  سىستمىڭ ئەزەلدىن يوق ئىكەن .شۇڭلاشقا ھازىرقى بەت سىستىمىسىدىن شۇنداق رازى.
8...باشقا پىكىرلەرگە كەلسەك تىمىنىڭ يوللانغان ۋاقتى بىلەن تەستىقلانغان ۋاقىتىنىڭ پەرقى بەك چوڭ ...تىمىلار ئارقا بەتتە بەك جىق سىياسى ئۈگىنىش قىلامدۇ قانداق ....شۇنداق ئۇزاقتا چىقىدۇ ....مۇشۇ يەرگە باشقۇرغۇچىلار دىققەت قىلىپ كەتسە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېمپىراتور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 04:20 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
赛乃木江 + 10 10كوي كەتتى!خو

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3258
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا چۇقۇم ئورۇنداشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن

مەن مىسرانىمنى ياخشى كۆرىمەن ،تېمىلىرى سەرخىل دىنىمىز تۇغۇرلۇقمۇ ناھايتى ياخشى تېمىلار

بار ،چۇشكەن بەزەن بىر ئىنكاسلارمۇ ھەتتا تېمىدىنمۇ ئارتۇق مول بىلىملەرگە ئىگە

بۇلالايمىز،ئۇستىدىكى تورداش دىگەندەك يىقىندىن بۇيان شائىر لىرىمىز سەل كۆپىيىپ

قالدى،مەنغۇ شئېر يازالمايمەن لىكىن  ئەھمىيەتلىك شئېرلار بولسا تەستىقلىساڭلار

باشقۇرغۇچلارمۇ تېما ئۇچۇرگەندە ئىگىسىگە ئەسكەرتمە بېرۋەتسەڭلار ،مۇشۇ تۇغۇرلۇقمۇ

كۆپ تورداشلارنىڭ نارازلىق پىكرى بار ئىكەن.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rizwangul0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 12:39 PM  


ياخشىلىق قىل قولوڭدىن كەلسە
                 --------- مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىردىن

ھەي جۇڭگۇچىلىق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6650
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4707 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rizwangul0995 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 12:30 PM
بەك ياخشى تېيما يوللاپسىز ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا چۇق ...

كەچۈرۈڭ رىزۋانگۇل ...مىسرانىمنىڭ بەت سىستىمىسى شۇنداق بولغانچا تىما ئۆچۈرۈلگەندە تىما ئىگىسىگە ئۇچۇر بارمايدىغۇ دەيمەن ...

سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ياراتقۇچىمىز ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن ....دىنىمنىڭ ئىسلام بولغىنىدىن ئالامچە سۆيۈندۈم

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2270
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22490
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4355 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ قالغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى .
كونىرىشىپ قالدۇق ، بۇ تىما ۋە سۇئاللىرىڭىزغا ئارتۇقچە ئىنكاس يازغۇم يوق .

تۆۋەندىكىلەرگە نەزەر سالايلى !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ياخشى يازغان بىر شېئىر بار ئىدى ..  تېما  قىلىپ   يوللاي   دېسەم   نىمىشقا  يوللىغىلى   بولمايدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 18491
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2248 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 12:49 PM
بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ قالغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى .
كون ...

   شۇ ئەمەسمۇ  ،  پىشقەدەملەر  يېڭىلارنىڭ  خىزمەتكە  بولغان  كۆز  قاراشلىرىنى ۋە  ئىپادىسىنى  كۆرۈپ  باقايلى.  

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 1196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3258
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 776 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-7-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AYGUZAL007 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-20 12:55 PM
مەن  ياخشى يازغان بىر شېئىر بار ئىدى ..  تېما  قىلىپ   يول ...


ئەسكەرتىش ئۇچىرىغا ئوبدان قاراڭ ،ماۋزو قويماپ سىز دەمدۇ  نىمە دەيدۇ شۇنۇڭغا قارتا ئىش كۆرىڭ

يەنە قىلالمىسىڭىز ماڭا ئۇچۇر يوللاڭ ئۇگۇتۇپ قۇياي

ياخشىلىق قىل قولوڭدىن كەلسە
                 --------- مۇھەممەدجان راشىدىن شېئىردىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ    تېما   يوللاش   ھوقۇقىڭىز   يوق   دەمدۇ    شۇ...........   بولمايۋاتىدۇ

بىز ھەممىمىز قايتقۇچىلارمىز !!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 697
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10070
تۆھپە نۇمۇرى: 1359
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ھەممىڭلارغا مۇنبەردېشىڭلار بارچۇق 8تىن ئالىي سالام .ھەممىڭلارنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ بەخىتلىك بولىشىنى، ئەزىز تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىنى ، قىلىۋاتقان ياخشى ھەرىكەتلىرىڭلارنىڭ بەرىكەتلىك بولىشىنى يىگانە اللة ئىگەمدىن تىلەيمەن .





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئېمپىراتور تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 04:21 PM  


ئىگىز ئۆسكەن دەرەخمۇ خالىي ئەمەس پۇتاقتىن ،
تۇغۇلسىكەن مىللىتىم پەقەت بىرلا قوساقتىن .!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش