|
|
|
|
خوتەنگە ساياھەت
بىر قانچە يىللاردىن بۇيانقى خىزمەت جىددىيچىلىكى ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتا يۇلۇققان ھەرخىل شەكىلدىكى بىسىملار مىڭە نىرىپلىرىمغا تەسىر قىلىپ ، ئاخىرى مىنى چارچاتتى ، بىرەر ئىش قىلىش خوشياقماس بولۇپ قالدى ، كاللام قۇپقۇرۇق ، نەچچە كۈن شۇنداق ئارام ئالغۇم كىلىپ كەتتى . ئىلىگىرى مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ، مۇنبەرگە يوللىغان << ساياھەتنامە >> لىرىنى ئۇقۇپ ، شۇچاغلاردا مەندىمۇ ساياھەتكە چىقىش ئىستىكى تۇغۇلغان ئىدى. ئەپسۇس مۇشۇ << بوسۇغا داۋان>>دىن ئاتلىيالماي ، بۇرۇختـۇرما بولۇپ كەلگەن ئىدىم . شۇڭا مۇشۇ تەستە ئىرىشكەن ئارام ئىلىش پۇرسىتىمدە چارچىغان نىرىپلىرىمنى ئارام ئالدۇرغاچ ، يۇرت كۆرۈپ ، ساياھەت قىلىپ كىلىش مەقسىتىدە ، ئۆزىمىزگە يىقىن ھەم خوشنا بولغان يىپەك يولىدىكى موھىم ئۆتەڭ بولغان ، ئەتلەس ، گىلەم ، قاشتىشى يۇرتى دەپ نام ئالغان خوتەن دىيارىغا سەپەر قىلىشنى ئىختىيار قىلىپ قالدىم ۋە تىزدىن سەپەر تەييارلىقلىرىمنى كۆرۈشكە باشلىدىم . ئەزەلدىن يالغۇز سەپەرگە چىقىش بىلەن خوشۇم يوق بولغاچقا يەكەن ناھىيسىدىكى دوستۇم بىلەن ئالاقىلشىشىپ ، بىرگە سەپەرگە چىقىشقا كىلىپ قويدۇم . 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 2- كۈنى قەشقەر دىن يەكەن ناھىيسگە قاراپ يولغا چىقىتىم ، قەشقەردىن قاغلىق ناھىيىسگىچە يۇقىرى سۈئەتلىك تاشيول ياسالغاچقا مەن چىققان يولۇچىلارئاپتۇبوسى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلەۋاتاتتى.تېز سۈئەتلك تاشيول ۋاقىتىنى تىجەپلا قالماستىن ، ئادەمگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرىدىكەن ، سەپەردىكى چارچاشمۇ بەك بىلىنىپ كەتمەيدىكەن .
دوستۇم مىنى يەكەن ناھىيىلىك يولۇچىلار بىكىتىدە كۈتىۋالدى، يەركەندە بىر كۈن تۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە سەپەرگە ئاتلىنىش تەكلىۋىنى بەردى ،مەن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدىم . ۋە ۋاقىتىنى بىكار ئۆتكۈزمەسلك ئۈچۈن قەدىمىي جايلارنى ئايلىنىپ كىلەيلى دىدىم ، بىز ئايلىنىپ << ئالتۇن دەرۋازا>> ئالدىغا كىلىپ قالدۇق .
يۇقارقى رەسىملەر ئالتۇن جامە ئالدىدىكى مەيدان ۋە مۇقامشۇناس شائىرە، خانىش ئامماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى ئىكەن ، يەكەنگە كەلگەن ھەرقانداق بىر ساياھەتچى بۇيەرگە كەلمەي كەتمەيدىكەن . ئالتۇن مازار ئالتۇن مازار بولسا - يەكەن سەئىدىيە خانلىقى خاقانلار قەبرىگاھى بولۇپ، 1533- يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى خاقانى سۇلتان سەئىدخاننىڭ دەپنە قىلىنىشى بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن .
ئالتۇن مەسچىت
داۋامى بار ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شةۋقصي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 05:55 PM
|
|
|
|
|
|