بەندە ۋە بەندىچىلىك ھەققىدە سۇئال – جاۋابلار
سۇئال: بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەززە ۋە جەللەھگە بولغان مۇھاببەتىنىڭ ئىپادىسى قايسى ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ؟
جاۋاپ: بۇنىڭ ئىپادىسى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرگەننى يامان كۆرۈش، بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، توسقان ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ دوستىنى دوست، دۈشمىنىنى دۈشمەن بىلىش قاتارلىق ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئاللاس يولىدا دوستلىشىش ۋە ئاللاھ يولىدا دۈشمەنلىشىش ئىماننىڭ ئەڭ مۇستەھكەم تۇتقىلىرىدىندۇر.
سۇئال: بەندىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە نېمىگە رازى بولىدىغانلىقىنى قايسى يول بىلەن بىلدى؟
جاۋاپ: ئۇلار ئۇنى ئاللا تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، كىتابلارنى نازىل قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇشى، ياقتۇرمايدىغان يامان ئىشلاردىن توسىشىدىن بىلۋالدى. بۇ ئارقىلىق بەندىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ كەسكىن ھۆججىتى تىكلەندى ۋە چەكسىز ھېكمىتى ئاشكارا بولدى.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دۇزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق» ________ (سۈرە نىسا، 165-ئايەت).
«(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى <ئەگەر سىلەر ئاللاھ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر>» _______ (سۈرە ئال ئىمران، 31-ئايەت).
سۇئال: ئىبادەتنىڭ شەرتلىرى قانچە؟
جاۋاپ: بىرىنچى: ھەقىقىي ئىرادە، بۇ شۇ ئىشنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنىڭ شەرتىدۇر.
ئىككىنچى: خالىس نىيەت.
ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان شەرىئەت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كېلىش. بۇ ئىككىسى قوبۇل بولۇشنىڭ شەرتلىرىندۇر.
سۇئال: قانداق قىلغاندا ئىرادە مۇستەھكەم بولغان بولىدۇ؟
جاۋاپ: ھۇرۇنلۇق ۋە سۇسلۇق قىلماي، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولۇشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەندە، ئاندىن ئىرادە مۇستەھكەم بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟). سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)»_____ (سۈرە سەف، 2-3-ئايەتلەر).
سۇئال: قانداق قىلغاندا نىيەت خالىس بولغان بولىدۇ؟
جاۋاپ: بەندىنىڭ بارلىق ئاشكارا-مەخپىي سۆز ۋە ئەمەللىرىنىڭ مەقسىدى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بولغاندا نىيەت خالىس بولغان بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھ قا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھ غىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى.» ______ (سۈرە بەييىنە، 5-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) .
«ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر» _____ (سۈرە لەيل، 19-20-ئايەتلىرى).
«(ئۇلار ئېيتىدۇ) <سىلەرگە بىز ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز>» ______ (سۈرە ئىنسان، 9-ئايەت).
«كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋاپتىن) ھېچ نېسىۋە يوق.» ______ (سۈرە شۇرە، 20-ئايەت).
بۇ ھەقتە بۇندىن باشقىمۇ ئايەتلەر ناھايىتى كۆپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 11:40 AM