مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2641|ئىنكاس: 30

2012- يىل رامىزانلىق ئىمساك، ئىپتار ۋاقىت جەدىۋىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3902
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6045
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2012- يىلرامىزان ئېيىدىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەتلەرنىڭ رامىزانلىق ئىمساك، ئىپتار ۋاقىت جەدىۋىلى



























ئەسلى رەسىمنى تاپالمىدىم


مەنبە : "سىرداش" تورى

******************************************************************

باشقۇرغۇچىغا : بىر ئوبدان تىما يوللىسام نىمىشقا ئۆزگەرتىۋېتىسىز؟



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ishench تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 11:43 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
natik + 300 جاپا چىكىپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

پۇرسەت + ئەقىل + تىرىشچانلىق = مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3902
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6045
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ۋە ئىمساك، ئىپتار ۋاقىتلىرى   
ئەھمەد مەخسۇم خاقانى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن


  1. روزا تۇتۇشنىڭ باشلىنىشى بولسا، شەئىبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كەچتە رامىزان ئېيىنىڭ ھىلالىنى (يېڭى ئېيىنى) كۆرۈشتۇر، روزىدىن چىقىشتىمۇ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ھىلالىنى (يېڭى ئېيىنى) كۆرۈشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن» (سۈرە بەقەرە 185- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دەپ رامىزان ئېيىنى كۆرۈپ روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رامىزان ئېيىنىڭ تولۇق كىرىشىنى كۈتىشىمىز لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدىكى روزا ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەر تاكى ھىلالنى (يېڭى ئاينى) كۆرمىگىچە روزا تۇتماڭلار، ھىلالنى (يېڭى ئاينى) كۆرمىگىچە يېمەڭلار (روزىدىن چىقماڭلار). ئەگەر بۇلۇت ئاينى توسۇۋېلىپ، كۆرەلمىسەڭلار، ھېسابلاپ كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار» ( بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى). شۇڭلاشقا ھىلالنى كۆرگەن كىشىلەردىن بىر كىشى مەن ئاينى كۆردۈم، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتۇش لازىم بولىدۇ. لېكىن ئاينى كۆرەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە ئىمكان قالدۇرۇپ ئايلارنى ھېسابلاش ئارقىلىق شەئىباننى 30 قىلىپ تۇتۇشنى كۆرسەتتى. شۇڭا بىز بىر يىللىق ۋاقىتنى تولۇق ھېسابلاپ چىقىشىمىز، ھىجرىيە ھېسابىدا بىر يىلنىڭ 354 كۈن ياكى 355 كۈن بولىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز لازىم.
    2. رامىزان روزىسىنىڭ رۇكنىلىرى
  رامىزان روزىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ رۇكنىدىن تەركىب تاپىدۇ:
  1) نىيەت: ئۇ قەلبنىڭ ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ياكى ئاللاھ تائالاغا يېقىنچىلىق ئىزدەپ روزا تۇتۇشقا ئىرادە تىكلەشتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق» (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: «كېچىسى روزىنى نىيەت قىلىپ ئورنىدىن تۇرمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا ئەمەستۇر» (تىرمىزى رىۋايىتى). شۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ يورىغىچە يىمەك- ئىچمەكنى توختىتىش لازىم.
  2) ئىمساك: يىمەك، ئىچمەك، جىمادىن ئىبارەت روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىنى چەكلەشتۇر. بۇنىڭ ۋاقتى بولسا، كۈن چىقىش تەرەپتە ئۇپۇق بويلاپ يورۇقلۇقنىڭ سوزۇلۇشقا باشلىشى بىلەن ئىمساك ۋاقتى كىرىدۇ. بۇ سائەتتە ئۇپۇققا قارىغان كىشى بىلەن ئۇپۇق ئارىسىدىكى يەر قارا سىزىققا ئوخشاش بولۇپ، ئاسماننىڭ يۈزى يورۇشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇپۇق سىزىقى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. روزا تۇتىدىغان كىشى بۇ سائەتتىن ئېتىبارەن يىمەك، ئىچمەكنى توختىتىش لازىم. بۇ بامدات (تاڭ) نىڭ ئالدىنقى ۋاقتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىزگە كۆرسەتمە بېرىپ: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار» («سۈرە بەقەرە 187- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دەپ ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى.
  سوھۇرلۇقنى كېچىدە يىمەستىن تاڭغا يېقىن يىيىشنىڭ ياخشىلىقى كۆپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھەر تامىقىدا بەرىكەت بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. سوھۇرلۇقنى توختىتىش ۋاقتى بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارىلىقىنى بېكىتىشتە تۆۋەندىكى ھەدىسكە ئاساسلىنىمىز: زەيىد ئىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سوھۇرلۇقنى يەپ بولۇپ، ناماز بامداتقا تۇراتتۇق» دېۋىدى، «سوھۇرلۇق بىلەن ناماز بامداتنىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتەتتى؟» دەپ سورالغاندا، زەيىد: «50 ئايەت ئوقۇغۇدەك ۋاقىت ئۆتەتتى» دېدى (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى). ئابدۇللا ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: تاڭ ئىككى بولىدۇ، بىر تاڭدا تاماق يىيىش ھارام، ناماز ئوقۇش ھالال، بىر تاڭدا تاماق يىيىش ھالال، ناماز ئوقۇش ھارام (يەنى ناماز بامداتنى) (ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايىتى).
  3) زامان: يەنى بىر كۈنلۈك روزىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى، تاڭ يورۇغاندىن تارتىپ كۈن پاتقۇچە بولۇپ، كۈن پاتقاندىن كېيىنلا ئېغىز ئېچىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاندىن كېيىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار» (سۈرە بەقەرە 187- ئايەتنىڭ بىرقىسمى)، يەنى كۈن كىرگەنگە قەدەر روزىنى تاماملاش بىلەن كۈن كىرگەندىن كېيىن ئېغىز ئېچىش لازىم. بۇ ھەقتە ئەبۇ ئىبراھىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە سەپەرگە چىقتۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىدار ئىدى. كۈن ئولتۇرىشىغىلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرسىگە: «ھەي پالانچى، چۈشكىن بىزگە تالقان چېلىپ بەرگىن» دېدى. ئۇ كىشى: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تېخى كەچ كىرمىدىغۇ؟» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «چۈشكىن، بىزگە تالقان چېلىپ بەرگىن» دېدى. ئۇ كىشى: «تېخى كۈندۈز تۇرىدىغۇ؟» دېۋىدى، «بىزگە تالقان چېلىپ بەرگىن» دېدى. ئۇ كىشى چۈشۈپ تالقان چېلىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تالقاننى ئىچىپ بولۇپ، «مۇشۇ تەرەپتىن كەچ كىرسىلا روزا تۇتقان ئادەم ئىفتار قىلسا بولىدۇ» دەپ قولى بىلەن شەرق تەرەپنى كۆرسەتتى (بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى). ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكىنىدەك شەرق تەرەپتە قاراڭغۇلۇق باشلانسا ئىفتار قىلىشقا بولىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئېيتىدۇ: «بەندىلىرىمنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم- ئۇلارنىڭ ئىفتارغا ئالدىرىغانلىرىدۇر» (تىرمىزى رىۋايىتى). يەنە سەھل ئىبن سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئىفتارغا ئالدىرىغان كىشىلەر داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ» (تىرمىزى، ئىبن ماجە رىۋايىتى). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىفتار قىلىپ تاماق يىمىگۈچە، ھېچبولمىغاندا سۇ ئوتلىۋالمىغۇچە ناماز شامنى ئوقۇمايتتى» (تىرمىزى رىۋايىتى). شۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتقۇچى قېرىنداشلىرىمىز ئىفتار ۋاقتىغا دىققەت قىلىشى، تۇتقان روزىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى كېمەيتىۋەتمەسلىكى كېرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ishench تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-19 11:40 PM  


پۇرسەت + ئەقىل + تىرىشچانلىق = مۇۋەپپەقىيەت

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4155 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىىشىم چوڭ ئىشتىن بىرنى ئاسان لاشتۇرىپسىز ئۇلۇق اللاھ ئەجرىڭىزنى كوپقىلغاي رەخمەت.

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 781
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9657
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4918 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  رەھمەت ، بېسىپ چىقىرىۋالدىم .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قۇرۇق شوئار توۋل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4754
تۆھپە نۇمۇرى: 845
توردا: 2975 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن... بەكمۇ لازىم ئىدى!

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قىرىندىشىم ..ئىزدەپ يۇرەتتىم ...

دەرت-ئەلەم كەلمىگىچە، بەندە خۇدا دەپ يىغلىماس! ـــــــــــــــ جودا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82601
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2012-7-22
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-7-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي!  


«ئىمساك» دىگەن ھېلىقى بىر دورىنىڭ ئىسمىغۇ ھە!

سوھۇر ۋاختى دەپ يازغان بولسىچۇ!!

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ رەھمەت.

ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51478
تۆھپە نۇمۇرى: 504
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-7-22
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىدىكى ۋاقىت پەرقى بىلەن ئاۋۇ تېمىدىكى ۋاقىت پەرقى ئوخشىمايدىكەن يا؟https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83137-1-1.html  
باشقۇرغۇچىلار ۋاقتىدا ئوڭشاڭلار، بولمىسا جىق چاتاق

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://blog.sina.com.cn/neyze
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش