خارۋاردتىكى ئۇيغۇر قىزى-ماھىنۇر مەتتوختى
تاھىر ئىمىن
(شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى مۇئاۋىن باش دىرىكتورى،جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات ئىلمى جەمئىيتىنىڭ تەرجىمانى،‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى›› تەشەببۇسچىسى ،‹‹ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ پىلانلىغۇچى )
1-ئەسلەتمە
2-ماھىنۇرنىڭ قسقىچە ماتېريالى
3-ئىلمى ماقالىلىرى تىزىملىكى
4- ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى:
5- ئاكادىمىك پائاليەتلىرى:
6-بىر قىسم سۈرەتلىرى
ئەسلەتمە
2012-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك ‹‹ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى››دا نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار ئوتتۇرىغا چىقتى.ئالدى بىلەن 9 نەپەر قىزنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنى 9 خىل تىلدا ئىلان قىلىشى،پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بىر قىسم ئورۇن ۋەكىللىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك ۋە نادىر نۇتۇقلىرى، بالىلىرىنى ئالى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن كۈر مىڭلىغان جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەككەن ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئالقىش سادالار ۋە تەسرلىك كۆز-ياشلار ئىچىدە تەقدىرلىنىشى،نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ئون نەچچە نەپەر قىزنىڭ شەرەپ مۇكاپاتىغا،مۇرەككەپ تەبئى پەنلەردە ئۇتۇق قازانغان ،ئىجتىمائى پەنلەردە نەتىجىسى يۇكسەك 20نەپەر قىزنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە لەۋھەلەر بىلەن مۇكاپاتلىنىشى، ئەمدىلەتىن يتىلىۋاتقان مىللى سەنئەت بىخلىرىغا سەھنىلەردىن ئورۇن بىرىلىپ نادىر مىللى مۇزىكىلارنى ئورۇنلىشى....
بۇلار ئىچىدە ئىسمىزدە قالىدىغان بىر مۇكاپات ساھىبى:تېببى پەنلەردە نەتىجىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان،خارۋادتتا دوكتۇرلۇقتىن كىينكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر قىز ماھىنۇر مەتتوختىمۇ بار.يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۇچلۇك تەلىۋى، ماھنۇرنىڭ قوشۇلۇشىغا ئاساسەن كەڭ جەمئىيەتكە ماھىنۇرنىڭ ئىلمى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسدىدە ‹‹ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى›› خىزمەت گۇرۇپپىمىز مەزكۇر ماتېريالنى تەييارلىدى.باشقا مۇكاپات ساھىپلىرىنىڭ ماتىريالىمۇ تەپسلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
خارۋادتىكى ئۇيغۇر مەلىكىسى -ماھىنۇر مەتتوختى
ماھىنۇر مەتتوختى خوتەندە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كىچىكىدىنلا نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ ، 2001-يىلى ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىدا ۋىلايەت ئەلىيۇلئەلاسى بۇلۇپ، شىنجاڭ تىببىي ئونۋىرىستىتىنىڭ كىلىنكا ۋە مىدىتسىنا كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ياخشى بولغاچقا، شىنجاڭ تىببىي ئونۋىرىستىتى ماھىنۇرغا بىر يىل ئاتلاپ ئوقۇش پۇرسىتى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قارار يۇقىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەسىپ ئوقۇشنى باشلىغان. 5 يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە "مۇنەۋۋەر ئۇقۇش پۈتتۈرگۈچى" بۇلۇپ باھالىنىپ، شىنجاڭ تىببىي ئونۋىرىستىتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان. ماھىنۇرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بولغاچقا، شۇ يىلى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك پەن- تېخنىكا ئونۋىرىستىتىغا ئاسپىرانىتلىققا ئىنتاھان بىرىپ ئۆتكەن ۋە ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئاياللار ئۆسمە كىسەللەر كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ماھىنۇر ماگىستىر ئاسپىرانتلىق مەزگىلىدە تولىمۇ تىرىشىپ ئوقۇش بىلەن بىرگە تەتقىقات نەتىجىسى دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. ماھىنۇرنىڭ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئاسپىرانىت ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى ئۇنىڭ ئۆتكۈر زىھنىگە ۋە تىرىشچانلىق روھىغا ھەقىقەتەن قايىل بولغان ۋە تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇسا چوقۇم تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ ئويلاپ، مەكتەپتە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2010-يىلى ماھىنۇرنى ئىمتاھانسىز دوكتۇر ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلغان. ماھىنۇر ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە مۇئەللىمىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئارزۇسىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىپ دوكتۇر ئاسپىرانىتلىقنىڭ تۇنجى يىلىدا مەكتەپنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانىتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرىشىگە قويغان تەلىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 2011-يىلى يەنە مەكتەپنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانىتلار يېڭىلىق يارىتىش فوندىغا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا 7 پارچە، چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق ژورناللاردا 3 پارچە جەمئىي 10 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىكى كەسپداشلار ئۇنىڭ ئىلمى نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئىيتىدۇ. يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېقىندىن ياردەم بېرىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن ماھىنۇر 2011-يىلى 9- ئايدىن باشلاپ چەتئەلدىكى مەكتەپلەرگە زىيارەتچى دوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بولغان خارۋارد ئونۋىرىستىتىدىن چاقىرىقنامە تاپشۇرىۋالغان. ئۇنىڭ ماقالىسى 2011-يىلى 11-ئايدا پارىژدا ئوتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئاياللار كىسەللىكلىرى يىغىنىغا ۋە 2012-يىلى 2-ئايدا دۇبەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق دورا تەتقىقات يىغىنىغا قوبۇل قىلىنغان بۇلۇپ، خارۋاردقا ماڭىدىغان ۋاقىتقا توقۇنۇشۇپ قالغاچقا بۇ يىغىنلارغا قاتنىشىشقا ئىمكان بولمىغان. ماھىنۇر 2011 –يىلى12-ئايدا خارۋارد تىببىي ئونۋىرىستىتىغا بارغاندىن كىيىن، داڭلىق ۋول تەجىربىخانىسىدا زىيارەتچى دوكتۇر بۇلۇپ ئىشلەپ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن ۋە 2012-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ خارۋارد تىببىي ئونۋىرىستىتىنىڭ 2 يىللىق دوكتۇر ئاشتىلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ھازىر خارۋارد ئونۋىرىستىتىنڭ ئوقۇتۇش دوختۇرخانىسى تببىي مەركىزىنىڭ پاتولوگىيە بۆلىمىدە ئۆزىنىڭ ئۆسمە كىسەللىكلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ماھىنۇرنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەريانىدا ئىلان قىلغان ئىلمى ماقالىلىرى تىزىملىكى:
1. Mayinuer Maitituoheti , Yan Li, Ding Ma, Shixuan Wang. AAV mediated local delivery of LIGHT suppresses tumorigenesis in a murine cervical cancer model . Journal of Immunotherapy (IF=3.67). 2011 Oct; 34(8):581-587.
2. Yang S, Luo A, Hao X, Lai Z, Mayinuer M, Wang S. Peroxiredoxin 2 inhibits granulosa cell apoptosis during follicle atresia through the NFKB pathway in mice. Biol Reprod (IF=3.869). 2011 Jun;84(6):1182-9.
3. Lingfei Han, Wei Wang, Yong Fang, Zuohua Feng, Shujie Liao, , Mayinuer Maitituoheti, Shixuan Wang, Ding Ma. Soluble B and T lymphocyte attenuator possesses antitumor effects and facilitates heat shock protein 70 vaccine-triggered antitumor immunity against a murine TC-1 cervical cancer model in vivo. The Journal of Immunology(IF=5.744).2009, 183:7842 -7850.
4. 马衣努尔•买提托合提,马丁,王世宣. 携带HVEM的重组腺相关病毒载体的构建及鉴定,《华中科技大学学报(医学版)》2010,39(2)179-183.;
5. 马衣努尔•买提托合提,王世宣. 心脏瓣膜置换术后妇科手术的围手术期处理,《华中医学杂志》. 2009年第33卷第5期,240-242.
6. 杨润峰, 马衣努尔•买提托合提, 吴章颖, 王 恬, 汪雯雯, 栗 妍, 王世宣 .吸烟与子宫内膜异位症发病风险的Meta 分析. 《中国循证医学杂志》. 2012年01期, 68-73 .
7. 董虹,马衣努尔•买提托合提,王世宣. 合并肾功能不全妇科患者围手术期处理,《华中医学杂志》. 2009年第33卷第5期,237-239.
8. 周志刚,马衣努尔•买提托合提,王世宣.腔隙性脑梗死患者妇科手术的围手术期处理, 《华中医学杂志》. 2009年第33卷第5期,232-233.
9. 韩凌斐,王薇,廖书杰,马衣努尔•买提托合提.小鼠CD160胞外段真核表达载体的构建和表达, 《华中科技大学学报(医学版)》2010, 38(6) 748-751.
10. 韩凌斐,王玲,邱伟民,马衣努尔•买提托合提. 小鼠BTLA胞外段腺相关病毒载体的构建和表达,《华中科技大学学报(医学版)》2010,39(2) 232-235.
ماھىنۇر ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە تۆۋەندىكىدەك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن:
دوكتۇر ئاسپىرانتلىق مەزگىلى:
ئوتتۇرا جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى "دوكتۇر ئىجاتچانلىق فوندى" تەرىپىدىن ئادەتتىكى قوللاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن
2010-2011 :ئوتتۇرا جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى"گۇاڭخۇۋا'ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ماگىستىر ئاسپىرانتلىق مەزگىلى:
2008-2009: ئوتتۇرا جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى"گۇاڭخۇۋا'ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
2007-2008: ئوتتۇرا جۇڭگۇ پەن-تىخنىكا ئۇنۋىرسىتىتى"گۇاڭخۇۋا'ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئالى مەكتەپ مەزگىلى:
2006-يىلى:شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى تەرىپىدىن "مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچى"بولۇپ باھالانغان.
2004-2005 شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى "1.دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇش مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن.
2003-2004 شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتىتى"2.دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇش مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن.
2002-2003 "دۆلەت 1.دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن.
2001-2002 شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرسىتى "2.دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇش مۇكاپاتى"غا ئىرىشكەن.
ماھىنۇرنىڭ بىر قىسم ئاكادىمىك پائالىيەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن11.كۇنىگىچە شىنجىندا ئىچىلغان "2011.يىللىق بىئولوگيەلىك ئۇچۇر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى"غا قاتناشقان.
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 16-17-كۇنلىرى شاڭخەيدە ئىچىلغان" ئاسىيا گىن گۇرۇپپىسى تەتقىقات ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى Pan-Asia GWAS "غا قاتناشقان.
2011.يىلى 11.ئاينىڭ 17.كۇنىدىن 20.كۇنىگچە پارىژدا "14.نۆۋەتلىك دۇنيا ئاياللار-تۇغۇت ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى"ئىچىلغان بولۇپ .يىغىننىڭ تەشۋىقات بىتىگە ماھىنۇرنىڭ شۇ توغرىسىدا يازغان ماقالىسى بىسىلغان، ئامرىكىغا چىقىدىغان ئىشلىرنى بىجىرىش ئۇدۇل كىلىپ قالغانلىقتىن، بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغان.