|
|
|
|
بىر تال تاماكا تەركىبىدە 4000 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا بار، بۇنىڭ ئىچىدە 69 خىل ماددىنىڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان
تامچە ساپ نىكوتېن ئېغىرلىقى 180~200 كېلوگىرام كېلىدىغان ئاتتىن 3 نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن. 1 دانە پاپىرۇس ياكى ئۈچ تال سىگارت تەركىبىدىكى نىكوتىننى ئادەمنىڭ ساپ تۇمۇرىغا ئۇرسا 3~5 مىنۇتقىچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىدىكەن. ئادەتتە كىشلەر تاماكا چەككەندە، كۆپ قىسىم نىكوتىنلار كۈيۈپ، ھاۋاغا تارقىلىپ كېتىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئىس-تۈتەكلەر تەركىبىدىكى يەنە بىر خىل زەھەرلىك ماددا فورمالىن تەرىپىدىن نېيتىراللىنىدۇ. ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرىدىغانلىرى %20 نى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا تاماكىدىن جىددى خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپ قىسىم ئەھۋال ئاستىدا، ئاستا خاراكتىرىلىك زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاماكا ئىسى ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاۋادا تارقىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن تاماكا چەكمىگۈچىلەرمۇ ۋاستىلىك زەھەرلىنىدۇ. تۈرلۈك تەتقىقات ماتىرىياللىرىدا تاماكىنىڭ ئادەم ئورگانىزىمىدا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. %90 تىن ئارتۇق جىگەر راكى تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن ھەر 6 سېكونتتا 1 تاماكا چەككۈچى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىكەن، ئۇنداقتا شۇنچىلىك زىيانلىق تاماكىنى تاشلىماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟
تاماكا كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىغىمۇ بىھۇدە ئىسراپچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم كۈندە 5 يۈەنلىك تاماكا چەكسە، يىلىغا 1825 يۈەن پۇلنى ئىسراپ قىلىدۇ.
كىشلەرنىڭ تاماكىنىڭ زىيىنىغا بولغان چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئەگىشىپ، تاماكا تاشلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىسىمۇ، لىكىن ھەقىقىي تاشلايدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەگەر سالامەتلىكىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كىشىلىك ھاياتنى سۆيسىڭىز بۈگۈندىن ئېتبارەن ئۆزىڭىزىنىڭ تاماكا تاشلىيالماسلىقىدىن سەۋەپ ئىزدىمەڭ. بۈگۈندىن ئېتبارەن تاماكا تاشلاپ، ساغلام، بەخىتلىك تۇرمۇشقا قەدەم تاشلاڭ بولمىسا ئاقىۋەت مۇشۇنداق بولىدۇ...بۇ تاماكىنىڭ پايدىسى..
مۇشۇنداق ئاقىۋەتتىمۇ سىز يەنە تاماكاچىكەمسىز؟؟؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Hislet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 04:07 PM
|
|
|
|
|
|