|
|
|
|
ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى يەنە بىر ئەڭ چوڭ بازار بوشلۇقى : ئۇيغۇرچە ماركىدىكى تەنتەربىيە كىيىملىرى ۋە بۇيۇملىرى1.سودا تۈرىنى تۇنۇشتۇرۇش :
ئىسمى:< ھۇررا > تەنتەربىيەسى . ( مىسالغا ‹ ھۇررا › ئېلىندى )
ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى ئوتتۇر ئاسىيا كىشىللىرىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ماس تەنتەربىيە كىيىملىرى ۋە بۇيۇملىرى ياساش ۋە سېتىش تىجارىتى .2.تىجارەت تۈرى :
شىركەت ياكى شۇ ئۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ياكى ئوتتۇر ئاسىيا كىشىللىرىنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىپ ماس كىلىدىغان تەنتەربىيە كىيىملىرىنى لاھىيەلەپ تىكىش (ياكى باشقىلارغا ھاۋالىلىك ياساتسىمۇ بۇلىدۇ ) ۋە سېتىش ، ھەرىىل تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى ياساش ۋە سېتىش تىجارىتى .3.كېرەكلىك مەبلەغ :
500مىڭ يۇەن .4.تۈرنىڭ ھازىرقى ئاساسى ئەھۋالى :نۆۋەتتە دىيارىمىزدا بۇ خىل ئۆز ماركىمىزدىكى تەنتەربىيە كىيىملىرى تېخى بارلىققا كىلىپ باقمىدى (پەقەت ھۇررا كۇلۇبى كىچىك دائىرىدە مەستانىلەر كىيىمى لاھىيەلەپ ئاز مىقتاردا بازارغا سالدى ) لىكىن بىزدە نۇرغۇنلىغان تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى بار ، مانا بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر بازار بوشلۇقى .5.بازار رىقابىتى ۋە كەلگۈسى :
جەمىيەتنىڭ ئىلگىرلىشى ئەلۋەتتە رىقابەتلىك بولىدۇ . ئىگىلىك تىكلەشتە چۇقۇم كەسپى رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك .ئېگىلىنىشىچە ھازىر دىيارىمىزدا بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلار شىركەتلەر تېخى مەيدانغا كەلمىدى، لىكىن بۇ بۇندىن كىيىنمۇ قۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بۇ بازارنىڭ ئېچىلىشىغا ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى .6.قىيىنچىلىق ھەم مەسىلىلەر :
ئازدۇر كۆپتۇر مەسىلىلەرمۇ مەۋجۈت، يەنى كىيىم لاھىيەسى ۋە بۇيۇم لاھىيەسى تېپىش مەسىلىسى، بۇنى ھەل قىلىش يوللىرى : دىيارىمىزدىمۇ خېلى كۆپ كىيىم كېچەك لاھىيەلىگۈچىلەر يىتىشىپ چىقتى ، گەرچە ئۇلار تەنتەربىيە كىيىملىرى لاھىيەلەپ باقمىغان بولسىمۇ تىرىشسا ئۇنىمۇ قىلىپ كېتەلەيدۇ ، ھەم ئەل ئىچىدىكى تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ساقلاپ قويغان لاھىيەلىرىمۇ بار . مەن ئىگنلىشىمچە ئىچكىرىدە مەخسۇس بىر قىسىم ئۇرۇنلار مۇشۇ خىل مۇلازىمەت تەمىنلىيەلەيدۇ . شۇ يەرگە ئادەم ئەۋەتىش ھەم توردىكى ھەقلىق ئۈگۈتۈش يۇمتاللىرىنى سېتىۋېلىپ ئۆگۈنۈش قاتارلىقلار .7.تەننەرخنى ھېساپلاش :ئىلەپچىقىرىش ئورنى ياكى ھاۋالىلىك ياسىتىش تەننەرخى:
ئېلان :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ يىللىق ئىجارىسى :
تىجارەت ئۇرنىنىڭ بېزىلىشى :
كېرەكلىك ئەسلھەلەر :
تېخنىك ۋە تېخنىكا :
خام ئەشيا :
خزمەتچى خادىم ۋە مۇئاشى :8. خېيىم خەتەر تەھلىلى :
(1) تاللىغان لاھىيەنىڭ كىشىلەرگە يارىشى :
(2) تاللىغان ئورۇننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى مۇۋاپىقمۇ قانداق ؟
(3) رىقابەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش يىتەرلىكمۇ ؟
(4) ئەمەلىي سالغان مەبلەغ مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتىمۇ ؟
(5) باشقۇرۇش تۈرۈلمىسى مۇكەممەلمۇ ؟
يۇقىرقىلارنى ئويلىشىش ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك !تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ناۋادا سىزنىڭمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇيىڭىز بولسا ،كىيىنكى تەرەققىياتىڭىز ۋە ئاسان مەغلۇپ بۇلۇپ كەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن مۇكەممەل پىلاننىڭ بولىشى ھەمدە يىتەرلىك شەرت – شارائتنىڭ بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن !مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسىhttp://www.baydadam.net
|
|
|
|
|
|