ئاددىي ۋە يەڭگىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شېئىرلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىرگە ئىگە تالانتلىق ئۆزبېك شائىرى مۇھەممەد يۇسۇف 1954-يىلى 26-ئاپرېل ئەندىجان ۋىلايىتىدىكى مەرھەمەت دىگەن يەردە تۇغۇلغان. 1978-يىلى رۇس تىل-ئەدەبىياتى ئېنىستىتۇتىنىڭ رۇس تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1985-يىلاىن باشلاپ شائىرنىڭ «تونۇش تېرەكلەر»، «ئىلتىجا»، «ئۇيقۇدىكى قىز»، «ھەلىمە ئانام ئەللەيلىرى»، «ئىشق كېمىسى»، «كۆڭلۈمدە بىر يار»، «بىۋاپا كۆپ ئىكەن»، «يالغانچى يار»، «ئەركە كىيىك»، «ئاسمانىمغا ئېلىپ كېتىمەن»، «ئۇلۇغىمسەن ۋەتىنىم»، «مۇھەممەد يۇسۇف»...قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بەش يۈز پارچىغا يېقىن شېئىرى ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. شۆھرەت قازانغان ئۆزبېك سەنئەتكارلىرىدىن مۇھەممەد يۇسۇف بىلەن ھەمكارلاشمىغىنى يوق دىيەرلىك. ئۇ بۈيۈك خىزمەتلىرى بەدىلىگە «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان.
ئۆزىنىڭ ئاجايىب بەدىئىي ئىستېداتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان بۇ مەشھۇر شائىر 2001-يىلى 31-ئىيۇل يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. كەسىپداشلىرىدىن سىرت، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموۋ ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا تەزىيە تېلىگراممىسى يوللىغان.
سەمەرقەند
سەمەرقەندكە بارسام مەن ئەگەر،
ئۇلۇغبېكنى كۆرۈپ قايتىمەن.
ئۇ قان يىغلاپ تۇرار ھەر سەھەر:
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
باغرىمدا چوڭ بولغان بوز بالام،
مەرگەن بالام، لاچىن كۆز بالام،
بوغۇزۇمغا تىغ ئۇرغان ئۆز بالام،
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
سەزمەي قالدىم يىقىلغان چاغىم،
يۇلتۇزلاردا ئىكەن نىگاھىم،
بىلمىدىم، نە مېنىڭ گۈناھىم؟...
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
بۇنچە غەمكىن ئۆتمىگەن ئېدىم،
بۇنچە زەھەر ئىچمىگەن ئېدىم،
ئۆز بالامدىن كۈتمىگەن ئېدىم،
مەن دەردىمنى كىمگە ئېيتىمەن؟!
تېنىم مۇزلاپ، تاشتەك قاتىمەن،
مەن شاھ ئەمەس، بەلكى ئاتىمەن،
قەبرەمدىمۇ ئويلاپ ياتىمەن،
مەن دەردىمنى كىمگە ئيتىمەن.
ئانا مىنى نىمىشقا تۇغدۇڭ
-ئانا مىنى نىمىشقا تۇغدۇڭ،
-يۇرتۇڭ ئۈچۈن.
-ئانا مىنى نىمىشقا تۇغدۇڭ.
-بەختىڭ ئۈچۈن....
-ئانا مىنى نىمىشقا تۇغدۇڭ.
-زار بولغىنىمدىن،
-ئانا مىنى نىمىشقا تۇغدۇڭ.
-زىرىككىنىمدىن!!!!
ئانام
ئاھ مىنىڭ ئارقىمدىن ئاۋارە ئانام،
بىر پارچە يۇرەكى مىڭ پارە ئانام.
بىر بالىنى كۆرۈپ يورۇق دۇنيادا،
تاشكەندنى كۆرمىگەن بىچارە ئانام.
بالاڭ تۇرۇرپ بىر قىتىم باشلاپ كەلدىممۇ،
ئەمدى مەن ساڭا فەرزەند بولدىممۇ.
دەيسەن يىراقلاردا ئامان بولساڭ بەس،
يادىمغا يەتسەڭ يوقلاپ تۇرساڭ بەس.
بالام ساڭا ھەممە قىلىدۇ ھەۋەس.
ئاخىر مىنىڭ دەردىم ناخشا ئەمەس پەقەت،
مەن مەشھۇر ناخشىچى ئەمەس -مەشھۇر بىشەپقەت.
ئەمدى مەن ھەم ساڭا فەرزەندمۇ ئەيت،
شەنىڭگە كۈي پۈتتىم ئۇ سىنى تاپسۇن.
ئاياغىڭغا تىز چۆكۇپ قولۇڭغا سۆيسۇن،
ئۇنى ھەم ھاياتىم بارلىقىم كۆرسۇن.
مەن ئۈچۈن ھەم ئەزىز ھالىڭنى سورسۇن.
سەنسىز غىرىپ كۆڭلۈم -كۆڭۈلمۇ ئانام،
ئەمدى مەن ھەم ساڭا ئوغۇلمۇ ئانام.
كۈمۈش
مەرغىلاندا كۈمۈشنى كۆردۈم،
كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپتۇ.
ساچلىرنى ئويناپ كۆكسىدە،
ئاتابېكنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
تاڭدا تۇرۇپ قەلەم قاشىگە،
ئوسما قويغان ئىكەن قۇرۇپتۇ .
كۆزدىن ئاققان ئاچچىق ياشلىرى،
ئوسمىسنى يۇيۇپ تۇرۇپتۇ .
مېنى بىر ئوي قىينايدۇ يامان،
يەنە يۈرەك ئوينايدۇ يامان .
قويۇپ بەرگىن ئەي زىمىن، ئاسمان،
مەن ئۆيۈمگە يېتىمەن قاچان ؟
مېنى بىر ئوي قىينايدۇ ھامان،
يۈرەك يەنە ئوينايدۇ يامان .
تاشكەندكە قىز بەرمە،مەرغىلان -
قەدرى يوقكەن،زەينەپلەر ئامان !
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى-مەن ئۆزۈم.
مەنبە-www.ziyouz.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 03:19 PM
|