شىنجاڭدا پۇتبولىدىن باشقا نەرسىمۇ بار مەدەت بىرىدىغانغا
شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى، 20نەچچە ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن كىچىككىنە كوماندا، ئۇلارغا دىققەت قىلىدىغان تۈزۈك ئادەممۇ يوق. چۈنكى ئالتىنجى ئاينىڭ پىژقىرىم ئاپتىپىدا كىممۇ مەيدانغا چىقىپ باشقىلارنىڭ مەشىقىنى كۆرىدۇ دەيسىز؟
ئۇلار ھەققىدە ئازراق سۆزلىگۈم كەلدى. سۆزلىۋالاي، كۆرۈپ قويۇڭلار.
ئۇلار كالتەك توپنى سۆيىدۇ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئەسلىھە سېتىۋالىدۇ، باشقىلار ئىمتاھان بېرىپ بۇلۇپ سايىدا ئارام ئالىدۇ، قىز دوست ئوغۇل دوستلىرى بىلەن ئۈچرىشىشقا بارىدۇ. بىراق ئۇلار ئۇياقتىن ئىمتاھان بېرىپ بولۇپ بۇياقتىن مەيدانغا چىقىپ مەشىقنى باشلايدۇ. باھانە تېپىپ قاچمايدۇ، ۋايسمايدۇ.
ئارتۇق سۆزنىڭ لازىمى يوق، بىر نەرسە ئېنىق، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى قان تەر ئاققۇزدى. ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۆتكەن يىللىق مەملىكەتلىك كالتەك توپ مۇسابىقىسىگە كوماندا ئەزالىرى ئۆز يېنىدىن پۇل يىغىش قىلىپ تىزىمغا ئالدۇردى، گۇاڭجۇغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت ئېلىپ بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئەجىر يەردە قالمايدۇ. ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كەسپىي كوماندىلار ۋە ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار كوماندىلارنى يېڭىپ چىقىپ مەملىكەت بويىچە ئىككىنجى بولدى.
ئۇلار بۇ نەتىجىگە قانائەت قىلمايدۇ، ھەممە يەردە سۆزلەپ ماختىنىپمۇ يۈرمەيدۇ. شۇڭا بىلمەسلىكىڭىز تەبئىيلا. سىز ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كالتەك توپ مەيدانىدا شۇڭقار كەبى تاشلانغىنىنى پەرەز قىلالمايسىز. نىمىلەرنى قۇربانلىق بېرىپ ، نىمە جاپالاردا سەپەر قىلىپ ھازىر نەدە نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل ئالتىنجى ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىزمەت ئىزدەۋاتقانلار بار، مەمۇرىيلار ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەن، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتاھانىغا(特岗) قاتنىشپ ئۆتكەن، يۈزتۇرانە ئىمتانھانغا قاتناشسىلا بولىدىغان نەچچە يىگىتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسىز، ئالتە مىڭ يۇەنلىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغان، پەقەت بىر قېتىم بېرىپ تىزىملاتسىلا بولىدىغان ئىشنىمۇ قايرىپ قويۇپ مۇسابىقە سەپىرىگە ئاتلانغان يىگىتنىڭ ئىسمىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيسىز؛ ئۆيىدىكى توينى قايرىپ قويۇپ 33سائەت پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ مۇسابىقىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن قازاق يىگىتنىڭ چىرايىدىكى جەسۇرلۇق ۋە مۇسابىقىگە بولغان ئىشەنچنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. كوماندا ئەزاسى ئەسقەرنىڭ توپ تىگىپ زېدە قىلىۋەتكەن پۇتىدىكى يارا ئىزىنىڭ قانچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت قانچىدە قايسى كوماندا بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئويناپ قانداق نەتىجە بىلەن ئاياقلاشقانلىقىنى بىلگۈڭىز يوقمۇ؟
شىنجاڭ پوتبول كوماندىسى ئۇياقتىن قۇرۇلۇپ تۇرۇشىغا بۇياقتىن ئاتمىش مىڭ ھەۋەسكارنىڭ نەزىرى ئۇلارغا تىكىلدى. پۇتبول، دۇنياۋى تەنھەرىكەت، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭمۇ ئۈمۈدىمىزنى يەردە قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسىغىمۇ دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ. تېرىنىر لېتىپجاننى تۇنۇۋېلىڭ، دەرىجىدىن تاشقىرى مارىيو دەپ نام ئالغان ماھىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بىلىۋېلىڭ، كوماندا خىزمەتچىسى(棒球部经理) گۈزەل قىزچاق گۈلنىگارنى تونۇۋېلىڭ، ئەڭ قالتىس توپ ئاتقۇچىمىزنىڭ قارامتۇل ئەمما كىلىشكەن چىرايىنى ئېسىڭىزدە تۇتىۋېلىڭ....
ئۇلارنى بوش چاغلىماڭ، گەرچە شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسى بى دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى ئۇلار يەڭگەن بىر نەچچە كوماندا بۇ يىل ئۆلكىلىك كوماندا بۇلۇپ قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭىلگەن ئاشۇ كوماندىلار ئا دەرىجىسىگە ئۆتۈپ، بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قېلىش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇپ قېلىپ ئۇف دېدى.
كوماندا ئەزالىرى قاتمۇقات قىيىنچىلىقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت ئېلىپ تۆنۈگۈن يەنى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت ئونلاردا بېجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنى پايتەختنى كۆرگىلى، ئوينىغىلى كەلدىمىكىن دەپ قالماڭ. ئۇلار ھېچيەرنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا شەھەر سىرتىدىكى لۇچېڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە جايلاشقان مۇسابىقە رايونىغا يېتىپ كېلىپ مەشىقنى باشلىۋەتتى.
ئادەتتە قاتتىق داق يەردە مەشىق قىلىپ كۆنگەن يىگىتلىرىمىز ئۆلچەملىك مەشىق مەيدانىدىكى بوش توپىلارغا قاراپ غەمگە چۆكتى، بوش توپىلاردا توپ ئۆرلەپ قاڭقىپ چىقماي جايىدا توختاپ قالاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەشىق ئۇسۇلى زور خىرىسقا دۇچ كەلدى. كېچىچە ئۇلارنىڭ جىددىيلەشكەن چىرايى پېقىر بارماق ئېگىسىنىمۇ غەمگە سالدى. بىراق باشقا كوماندىلار ئادەتتە مەخسۇس كالتەك توپ مەيدانىدا ئۆلچەملىك ئەسۋابلار بىلەن ئوينايدۇ. توپلار ئازراقلا تىتىلىپ كەتسە يېڭىسىغا ئالماشتۇرىدۇ. بىزنىڭ يىگىتلەردەك ئاياپ ئاسراپ يۇرمەيدۇ. سۈيىنى توشۇپ لۆڭگە سۇنىدىغان خىزمەتچىلەر تەييار. ئەزىمەتلىرىمىز تۆنۈگۈن كەچ مەشق ۋاقتىدا ھەتتا ئىچىدىغان سۇمۇ تاپالمىدى، چۈنكى باشقا كوماندىلار ھەممىسىگە ئۆز ئورۇنلىرىدىن مەخسۇس ئىچىملىك تەييارلاپ قويغانىدى، شۇڭا ئويۇشتۇرغۇچى تەرەپمۇ بىزنىڭ يىگىتلەر ئۈچۈن مەخسۇس سۇ تەييارلىمىدى. بۈگۈن ئەتىگەن ئۇلار مەشق قىلىۋاتقاندا، گۈلنىگار، يۇلتۇز قاتارلىق تۆت ئارقا سەپ پىدائىي قىز سوراپ يۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى بازاردىن ئىككى ساندۇق مېنىرال سۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى.
بىراق بۇ قىيىنچىلىقلار ئەزىمەتلىرىمىزنى قورقۇتالمىدى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت ئونبىردىن باشلانغان ئىككى سائەتلىك جىددىي مۇسابىقىدە ئۇلار تۆككەن ئەجرىگە يارىشا يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن قارشى تەرەپ جوڭشەن ئۇنۋېرستىتى كوماندىسىنى يەڭدى. ئەتە ئەتىگەن (19-چىسلا)ئۇلار شيامىن ئۇنۋېرستىتى كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە سۈرەتلەرنى كېيىكى كۈنلەردە ئۇلاپ يوللايمىز شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىغىلا ئەمەس، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەك توپ كوماندىسىغا دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇڭ، ئۇلارمۇ مەدەتكە موھتاج، رەھمەت.
ئىختىيارىي مۇخبىر ئالىم نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىدۇ. بېجىڭدىكى دوسلارنىڭ ئارلىقنى يىراق دىمەي بېرىپ مەدەت بېرىپ قۇيۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-20 01:56 AM):
كەينىگە ئىنكاس شەكلىدە قوشۇلغان مەزمۇنلارنى ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار.........