«ئەزىزە» تراگىدىيىسى توغرىسىدا
( بۇ دراممىنى قەشقەر ۋىلايتلىك سەنئەت ئۆمىگى 1988-يىلى ئورۇنلىغان.) ئاپتۇر-مەمەتئېلى زۇنۇن.رىژىسۇر-ئابلىز ئايۇپ.
ئاساسلىق روللاردا:
ئەزىزە-سالامەتقىز ھېكىم.ئەزىز-ئەنىۋەر نايۇپ.
مىلىكىخان-ئىمىگۈلسۇم ھېيىت.يۈسۈپبەگ-قۇربان ئىسلام.
پولاتتۆمۈر-ئەركىن مەتقاسىم. خالىسخان قارى-ئابدۇقادىر يۈسۈپ.جەننەتنىساخان-مەريەم يۈسۈپ.نۇربىيە-ئارزىگۈل.
دراممىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
يۈسۈپبەگنىڭ قىزى-ئەزىزە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىنتىھامىسىدىن ئۆتەلمەي، ناھايىتى بىئارام بولىدۇ. ئۇ گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكە ساھىپجامال قىز بولۇپ، ئۇ ئۆيدە بولغاچقا، بۇ ئائىلىدە ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. خېلى ياخشى يەردىن لايىق كەلگەن بولسىمۇ، ئاچكۆز پۇل-مالغا تويماس- يۈسۈپبەگ، قىزىغا تويلۇقنى يۇقىرى سېلىپ، ئەلچىلەرنى قاچۇرۋىتىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى-پولات تۆمۈر كەيپى-ساپا يولدا ماڭىدىغان ئاقنانچى بولغاچقا، ئۇنىڭ ناچار قىلىقى سىڭلىسى-ئەزىزەنىڭ بەختىگە كاشىلا بولىدۇ. ئەزىزەنىڭ چىن دىلدىن سۆيگەن يىگىتى-ئەزىزجان ئەزىزە بىلەن ساۋاقداش بولۇپ، بىر –بىرىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ئەمما پولات تۆمۈر سىڭلىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋىتىدۇ.
دەل شۇ چاغدا بۇ يۇرۇتتىكى خالىس قارى بىلەن جەننەتنىساخان قاتارلىق توي بىدىكلىرى ئىككى ئارىدىن پۇل-مال ئۈندۈرۋىلىش مەخسىدىدە چەتئەللىك زاھىرۋەلىخان تۆرەمگە ئەزىزەنى تونۇشتۇرۇپ، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن، بايلىققا ئىرىشمەكچى بولىدۇ. بۇ قارا نىيەتچى ئالدامچىلار جەمىيەتتىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى سېتىۋىلىپ، ئېزىزجانغا تۆھمەت چاپلاپ، ئەزىزە بىلەن ئېزىزجاننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ. شۇئارقىلىق يۈسۈپبەگ ئايالى مىلىكىخاننىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارىماي، قىزى-ئەزىزەنى خالىسخان قارى ۋە جەننەتنىساخاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ، چەتئەللىك ئەژنەبى ئالدامچى-زاھىر ۋەلىخان تۆرەمگە بىر مۇنچە ئالتۇن-كۆمۈش ۋە مال-دۇنياغا بېرىۋىتىدۇ. ئۇلار ھىلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ، «ئەزىزە خېنىمنى چەتئەلدە ئوقىتىمىز»دەپ ئالداپ، چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئەزىزەنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى-ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. بۇ ئالدامچىلار ئەزىزەنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن قېرى تۈلكە- ۋەلىخان تۆرەم ئەزىزەنى ئۆز ئەمرىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەزىزەنىڭ چەتئەلدە ئازاپلىق كۈنلىرى باشلىنىدۇ. ئۇ ئاخىرى ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ.بىراق ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ، بىر يۇرۇتدىشى ئارقىلىق يۈرەك سۆزلىرىنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ، يۇرتىغا ئىبەرتىدۇ. يۈسۈپبەگ بىلەن مىلىكىخان ئانا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،
قاتتىقئازاپلىنىدۇ. بۇ درامما بىزگە چەتئەلگە چوقۇنغۇچى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا قىزلىرىنى چەتئەلگە ياتلىق قىلىشقا ھەۋەس قىلماسلىقىنى، ئۆز- ۋەتەن ۋە ئۆز يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈپ، چەتئەلگە چوقۇنماسلىقىنى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا پۇل-مال تالىشىپ، ئۇلارنىڭ بەختىنى ۋە كىيىنكى تۇرمۇشىنى نابۇت قىلماسلىقىنى ھەمدە ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،بىر قىسىم ئالدامچىلارنىڭ سۈيىقەستىدىن پەخەس بولۇش لازىملىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 14-ئىيۇن يېزىلدى. قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-19 11:08 AM