ناۋادا مەن...
ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى
ناۋادا مەن ئادەملىكىمدىن
شىئېر بولۇپ يارىلىپ قالسام
يېزىپ چىقسا ئۇلۇغ بىر شائىر
ئوقۇرمىدىڭ قايتا-قايتىلاپ
ئالارمىدىڭ ھەتتا يادىلاپ.
ناۋادا مەن ئادەملىكىمدىن
بولۇپ قالسام ئېسىل بىر گىتتار
كۆرگىنىڭدە خەقنىڭ قولىدا
ئالارمىدىڭ مېنى تالىشىپ
چالارمىدىڭ كېچە-كېچىلەپ.
يېشىل چۈشلەر مېنىڭ يۈرىكىم
ساھىلىڭدا يۇرىدۇ كېزىپ،
ھېچ بىلمىدىم ئوت ۋە پەرۋانە
بىر ناخشىنى ئېيتارمۇ تېپىپ،
يا تاپالماي كېتەرمۇ ئېزىپ.
يېشىل چۈشلەر مېنىڭ يۈرىكىم
ساھىلىڭنى يۈرىدۇ كېزىپ.
1997-يىل 19-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 09:50 PM