|
|
|
|
بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ماتىماتىكا،فىزىكا،خىمىيە،جۇغراپىيە،تارىخ،مائارىپ تېخنىلوگىيەسى فاكولتىتلىرىنىڭ2009-،2010، 2011-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىسمايىلجان،قەلبىنۇر،زۇلپىقار،مەخمۇتجان،تۇرۇپجان،مەمەتجان،نۇرمەھەممەت،ئارزىگۈل،سەلىمە،ۋاڭ بويەن،شەھىدە،ئاينۇرە،راھىلە قاتارلىق ئون ئۈچ نەپەر پىدائى ئوقۇغۇچىسى ‹‹يازلىق تەتىللىك ئىجتىمائى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش،پىراكتىكا قىلىش ،پىدائىلار ئەترىتى›› بولۇپ تەشكىللىنىپ 20012 -يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى يوپۇرغا ناھىيە بايئاۋات يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە كېلىپ، 7-ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە بۇ مەكتەپنىڭ سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى يىللىق‹‹ قوش تىل›› سىنىپلىرىدىكى 300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارغا ئون كۈن ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ بېرىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇ –ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەم بەردى.ئۇلار بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن دەرس ئۆتۈش ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىسا،يەنە بىر تەرەپتىن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سىردىشىپ ئۇلاردىن ئەمىلى مىتود ۋە تەجرىبە ئۆگەندى.بۇ جەرياندا مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ياتاق،تاماق جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ شارائىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. يەتتىنچى ئاينىڭ18-كۈنى ئۇلارنىڭ بۇ نۆۋەتلىك پائالىيىتى ئاخىرلاشتى. بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پىدائى ئوقۇغۇچىلار خوشلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ۋالىبول مۇسابىقىسى ۋە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ياخشى ئەسلىمىلە ۋە تەسىراتلار قالدۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن 1500يۈئەن قىممىتىدىكى 400پارچىدىن ئارتۇق ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش پايدىلىنىش ماتېرياللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغا قىلدى.گەرچە بۇ ئون كۈن قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلار بۇ مەكتەپتىكى ئۆزلىرى دەرس ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە يېقىن سىرداش دوستلۇق ۋە مېھرىبان ئۇستازلىقنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئوبرازىنى تىكلىگەن ئىدى.شۇڭا ئايرىلىش ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇلاردىن قىيالماي يامغۇردەك كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.تۆۋەندىكىسى شۇ پائالىيەتنىڭ تاللانما كۆرۈنۈشلىرى: مەنبەسى :ئۆز قەلىمىم ۋە رەسىم ئاپاراتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-20 09:11 AM
|
|
|
|
|
|