ئۈرۈمچىلىك قىزغا
رەببىم ئىشقىڭنى ماڭا سالدى ، كۆيدۈردى ، ھەمدە سېنىڭ دىۋانەڭگە ئايلاندۇردى؛
شۇندىن كېيىن مەن بىر دىۋانىگە ئايلاندىم ، سېنىڭ مەھەللەڭ مېنىڭ بازىرىم ، ھەمدە سەن مېنىڭ تىلىگىنىم ...
كېچىچە شاقىراپ يامغۇر ياغدى
شاخلاردا ئاقماقتا مەست يۇپۇرماقلار
يالىڭاچ بىر ئايالغا ئېسىلىپ تۇرۇپ
سۆيۈشتۈم ، نەقەدەر زار بۇ تۇيغۇلار
دۇنيانىڭ كۆزلىرى سېنىڭ ئەمەستۇر ،
دۇنيانىڭ كۆزلىرى بىر پاھىشىنىڭ ،
ئېھ ، ماڭا تىكىلگەن كۆپكۈك كۆزلىرى .
يارىدۇر كۆكتىكى چايقالغان نۇرلار
يارا ـ سۆيگۈ دېگەننىڭ ماڭا بەرگىنى .
نەقەدەر رەسۋا ھە مېنىڭ يۈرىكىم
كۆيمەكتە- كۆيمەكتە شەرمەندىلەرچە
لىققىدە شاراپقا ئايلاندى قېنىم
مەستلىكتە ئاقماقتا چىلاشقىنىچە
ئېھ ، مېنىڭ ئىچىمدىن سۆيگەن جىگىرىم
ئېھ ، مېنىڭ بىغۇبار ، پاكىزە چاغلار
ئۈرۈمچى چاراقلاپ تۇرار كۆزۈمدە
ئۈرۈمچى قەلبىمدە بۇلۇتتەك چاقنار
ئېھ ، مېنىڭ سۆيگىنىم ئۈرۈمچىلىك قىز
بىر كەلكۈن ياش كەبى ئالەمگە يامرار
سەن مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئارمىنىم!
ئارمان دىگەن نېمە ؟ مەڭگۈ قولغا كەلمەيدىغان شەيئىلەرنىڭ ئىسمىدىكىسى ئارمان ئەمەسمىدى ؟! ھە ، سەن مېنىڭ ئىچىنىشلىق ئارمىنىم ، ئەلمىساقتىن ئەزەل ... قىيامەتتىن كېيىن...
مەنبە : مەن