قىز قەبرىسى فىلىمى توغرىسىدا
(تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى 1982-يىلى ئىشلىگەن)
سىنارىس-ئالىمجان، رىژىسۇر-تاڭ گۇاڭتاۋ
ئاساسلىق روللاردا:
قالى-مۇختەر، شەربەت-كابىلا.مايباس-باياخۇن
داكەن- توختاسىن، لى جۈيجاڭ-دې گاۋ قاتارلىقلار
فىلىمنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكى مۇنداق: بۇ ھىكايە فىلىمدە
1944-يىلى شىمالىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئاساس قىلىنىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرى بىلەن يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىرلىشىپ، قازاق خەلقىنى ئېزىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغايدۇ. بۇ بىر مەيدان كۆرەش جەريانىدا قازاق ياش يىگىت-قالى بىلەن ئۇنىڭ چىن ئاشىقى-شەربەت ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئېزىشىگە ئۇچرايدۇ. لىكىن ئۇلار زوراۋانلارغا باش ئەگمەي، خەلق ئاممىسىنى تەشكىللەپ، ئەكسىيەتچىلەر بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
شىمالى شىنجاڭنىڭ ئاقتاش تېغى ئۈستىدە بىر قەۋرە بولۇپ، بۇنى كىشىلەر ھازىرغىچە «قىز قەۋرىسى» دەپ ئاتىشىپ كەلمەكتە. 1944-يىلى قازاق خەلقى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدار-مايباس قاتارلىقلار بىلەن كەسكىن كۆرەش قىلىدۇ. گومىنداڭنىڭ سادىق چاپارمىنى-لى جۈيجاڭ يەرلىك ئەمەلدار مايباس بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، خەلققە سالمىغان زۇلىمى قالمايدۇ. قازاق ياش يىگىت قالى بۇ يايلاقتا شەربەت ئىسىملىك بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ئىككى ياشنىڭ چىن مۇھەببىتىنى يايلاقتىكى ھەممە كىشىلەر بىلىشىدۇ. بۇ قىزنىڭ شۇنچە گۈزەللىگىدىن خەۋەر تاپقان ئاچكۆز مايباس قالىغا چىش-تىنىقى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھەرخىل تۆھمەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنى يوقۇتۇپ، شەربەتنى 3-خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ. مايباسنىڭ بۇ سۈيقەستنى بىلگەن شەربەت بىلەن قالىي يىراق جايغا قېچىپ كېتىدۇ. ئەمما مايباسنىڭ ئىنىسى-داكەننىڭ ئەسكىرى بولۇپ، بۇ ئىككى ياشنى تۇتۇۋىلىپ، مايباسنىڭ ھوجرىسىغا قاماپ قويىدۇ.مايباس يېرىم كىچىدە شەربەتنىڭ قېشىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا پوخورلۇق قىلماقچى بولغاندا شەربەت بۇ قېرى ئەبلەخنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، ئىشىك ئوچۇق قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھويلىدىكى ئاتقا مىنىپ، بۇ يولۋاس ئۇۋىسىدىن قېچىپ چىقىدۇ. داكەن ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ غالچىللىرى شەربەتنى ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىپ تۇتۇۋالىدۇ. شەربەت ئەمەلدارنىڭ ئۇرۇۋاتقان قامچىسىنى تارتىۋىلىپ، ئەمەلدارنى ئۇرىدۇ. ئۇ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ، تاغ يولىدا قېچىپ كېتىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا قايتا چۈشۈپ قېلىشنى راۋا كۆرمەي،تىك ياردىن ئۆزىنى پەسكە تاشلايدۇ. بەختىگە يارىشا ئۇ سۇ ئۈستىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنى كۆرگەن بىر ئاقكۆڭۈل بوۋاي ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. بوۋاي قىزنى مايباسنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، «شەربەتنى ئۆلدى»دەپ يالغاندىن ئاقتاش تېغى ئۈستىگە بىر قىز قەۋرىسىنى ياسايدۇ. بۇ قەۋرىنى كۆرگەن كىشىلەر شەربەتنى ئۆلۈۋاپتۇ دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن شەربەت غارلاردا يوشۇرۇنچە ياشاپ، تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. داكەن ۋە يەرلىك ئەمەلدارلار قالىينى تۇتۇۋالغاندىن كىيىن، ئۇنى قاتتىق ئۇرۇپ ھۇشسىزلاندۇرىدۇ. قالىي سولاقخانىدا ھۇشىغا كىلىپ، شەربەتنى ئەسلەيدۇ. ئاقكۆڭۈل جاڭ ئەرۋا ئىسىملىك بىر كىشى قالىنى سولاقتىن قاچۇرىۋىتىدۇ. قالىي جاراھەتلەنگەن ۋە ئاچ قوساق ھالدا تەستە يولنى داۋاملاشتۇرىدۇ. مايباس ئاتلىق قوغلاپ كىلىپ، قالىنى ئاتماقچى بولغاندا شەربەت قارشى تەرەپتىن كىلىپ، مايباسنى ئېتىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. شەربەت قالىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولىدۇ. ئۇنىڭ يارىسىنى تېڭىپ، ھاپاش قىلىپ يۈدۈپ، خالى جايغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇنىڭ يارىسىنى داۋالاپ ساقايتىدۇ.ئاخىرىدا بۇ بىر جۇپ ياش ئاشىق-مەشۇق ئاممىنى تەشكىللەپ، ئەكسىيەتچىلەرنى يوقۇتۇپ، ئىنقىلاپنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئاخىرىدا بۇلار توي قىلىپ، مەخسەت- مۇرادىغا يېتىشىدۇ.
تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
2012-يىلى 21-ئىيۇن ، قەشقەر
تېلفۇن- 13779894333
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 05:31 PM