مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 11

‹ بۆرە توتىمى › دىن پارچىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 02:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      < بۆرە توتىمى> ناملىق رومان ئاتاقلىق يازغۇچى جياڭ رۇڭ ئەپەندىنىڭ جۇڭگونى، شۇنداقلا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ، 2004-يىلى تارقىتىلغاندىن بېرى 120قېتىمدىن ئارتۇق نەشر قىلىنىپ، 36خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر رومانى. جۈملىدىن ئەدىب ، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەھمىدىنىڭ ناھايىتى يوقۇرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىشى بىلەن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008- يىلى 6-ئايدا ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان . يېقىندا كىنو قىلىپ ئىشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ .                     (1) چىڭگىزخان لەشكەر ئالسا، مەخسۇس بۆرە بىلەن ئېلىشالايدىغانلارنى تاللىغان .   (2) ئوۋنىڭ پۇرسىتى تاقەتنىڭ كەينىدە ...   (3) ئوۋچىلار بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار ئىچىدەبىرىنچى قېتىم رول ئالغانلار، شۇنداقلا بۇ رولنى ئالغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن ئادەملەر ئىدى.  (4) ئادەم سانى ھەرقانچە كۆپ، ھەرقانچە كۈچلۈك دۈشمەننىڭمۇ بىخۇد بولۇپ قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .  (5) ھېلىقى ساۋاتسىز ئۇلۇغ ھەربىي ئالىم چىڭگىزخان، چۈەنرۇڭ، ھون، سىيانپىي، تۈرك، مۇڭغۇللاردىن تاكى جۇرجىتلارغىچە بولغان مىللەتلەر، زور بىر تۈركۈم ساۋاتسىز ياكى يېرىم ساۋاتسىز ھەربىي سەركەردىلەر ۋە سانغۇنلارنىڭ دۇنياۋېي ھەربىي ئەۋلىيا سۈنزى، دۇنياۋىي ھەربىي ئىشلار دەستۇرى" سۈنزىنىڭ ھەربىي تەدبىرلىرى" چىققان بېپايان زېمىنى بار خۇاشىيا دۆلىتىنىڭ تاغ- دەريالىرىنى كۈكۈم-تالقان قىلىۋېتىشىدە، ئالەمنى- مالەم قىلىۋېتىشى ۋە خانلىق دەۋرلەرنى ئۇياق- بۇياق قىلىۋېتىشىدە ئۇلارنىڭ مۇنداق زور بىر بۈيۈك ۋە داڭلىق ھەربىي ئۇستازلىرى بولغانىكەن-دە! (بۆرە توپىنى دېمەكچى )  (6)  چىڭگىزخاننىڭ كىچىك ئوغلى تولى خېنەندىكى سەنفىڭشەن جېڭىدە ئوتۇز مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن بىلەن جىن خانلىقىنىڭ ئىككى يۈز مىڭ كىشىلىك ئاساسى كۈچىنى يوقاتقان .  (6) يايلاق مىللەتلىرىنىڭ قوغداۋاتقىنى "چوڭ جان" ئىدى، يايلاق بىلەن تەبىئەتنىڭ جېنى ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىك ئىدى . ھالبۇكى تېرىقچىلىق مىللەتلىرىنىڭ قوغدايدىغىنى " كىچىك جان"، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئالەمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئادەمنىڭ جېنى بىلەن تىرىكلىك ئىدى . (7) تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنى كۆيدۈرۈپ بوز يەر ئېچىشلىرى ، تېرىقچىلىق بىلەن چىگرا رايونلارنى قوغداشلىرى، يايلاق ۋە تەبىئەتتىن ئىبارەت چوڭ جاننى ۋەيران قىلىشلىرى ، بېرىپ- بېرىپ ئىنسانلارنىڭ كىچىك جېنىغا خەۋپ پەيدا قىلىشلىرى تېخىمۇ زور ياۋايىلىقتىن باشقا نەرسە بولمايتتى. شەرقلىقلەر ۋە غەرپلىكلەرنىڭ ھەممىسى ، زېمىن ئىنسانلارنىڭ ئانىسى دەيدۇ، ئۇنداقتا، ئانىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى مەدەنىيلىك دېگىلى بولامدۇ؟  (8) بۆرىلەر يايلاقتىكى پۇرسەت ئىزدەيدىغان ، پۇرسەت كۈتىدىغان ئەڭ سەۋر-تاقەتلىك جەڭ ئىلاھى ئىدى، پۇرسەت قولغا كەلگەن ھامان مۇنداق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، مىجىپ سۈيىنى چىقىرۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايتتى .   (9) يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئەجداد توتىمى نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە قانچىلىغان مىللەتلەرنىڭ يوقۇلىشى ۋە ئالمىشىشىدىن ئىبارەت شىددەتلىك سەنتۈرۈلۈشنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇپمۇ ئىزچىل رەۋىشتە داۋاملاشقان ۋە بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەنىدى . (10) يايلاق مىللەتلىرىدىكى بۆرە توتىمىمۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئانا دەرياسىغا ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك ئىدى .            مەنبە:  <بۆرە توتىمى>  (1-توم) رومان . ئاپتورى: جياڭ رۇڭ .    تەرجىمە قىلغۇچى: ئىمىن ئەھمىدى .  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىل 6-ئاي1-نەشرى، 1-بېسىلىشى .      ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى: ئەبەي تارىم.  ( داۋامى يوللىنىدۇ.)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44523
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2011-6-16
ئاخىرقى: 2013-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 06:40:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرە توتىمى دىگەن كىتاپنى ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇرمەن بىر كىتىم ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   garsiya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 06:40 PM  


ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە~

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1249
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53759
تۆھپە نۇمۇرى: 594
توردا: 1901 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 08:26:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل كىتاب بۇ،  ئوقۇساڭلار ئادەم بۆرىسى بولۇپ چىقىسىلەر.

بىرگە بىر دېمە، بىرگە بىر ئەمەس، مىڭغا بىرمەن~      http://www.azizim.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1745
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9627
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 08:33:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبەي تارىم نىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئوقۇغان ئىدىم، ئوقۇشقا ئەرزىگۇدەك كىتاب.
تېگىگە سىزغان قۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىلا يوللاپسەن دوستۇم!

سىر بېرىپ، سىر سورىغانغا سۆزلىگەن ئەخمەق ئېرۇر ،
رەقىبىڭ قەستى سىرىڭنى سىنچىلاپ ئۇخماق ئېرۇر.
شۇ ئەيىبتىن يەتتى باشقا كۆپ نادامەتلەر بۈگۈن،
ئەمدى بىلدىم ؛ياخشى خىسلەت -دىلنى سىر تۇتماق ئىرۇر .

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14023
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5345 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 09:10:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ روماننى ئۇقۇسىڭىز بۆرىلەر بىلەنلا ئەمەس ماۋۇ مۇڭغۇللار بىلەنمۇ قانچىلىك يىقىن ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىسىز .....................

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5755
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2148 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 09:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىتابنى ئوقاي ئوقاي دەپ ھېچ بىر ئوقۇپ بولالمىدىم ، كېلەر مەۋسۇم كېلىپلا  بىر ئوقاي ئاللاھ خالىسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6855
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 11:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹بۆرە توتېمى› (2) :  ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرۋېلىش جېڭىنىڭ ھەممىسىنى ياپون پاكارلىرىنىڭ ساموراي روھىدىن دېيىشكە بولمايدۇ . دۇڭ سۈنرۈي، خۇاڭ جىگۇاڭ، ياڭ گېنسى قاتارلىقلارنىڭ دۈشمەن بىلەن تەڭ تۈگەشكىنىنى ساموراي روھى دېيىشكە بولامدۇ؟  بىر ئادەمدە، بىر مىللەتتە ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان، دۈشمەن بىلەن تەڭ تۈگەشكە جۈرئەت قىلىدىغان روھ بولمىسا ، چوقۇم باشقىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالىدۇ ، قۇل بولىدۇ . بۆرىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش روھىنى كىملەرنىڭ ئۆگەنگەنلىكىگە قاراش كېرەك ، ياخشى ئۆگەنگەن بولسا قەھرىمانلىق بولىدۇ ، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدۇ؛ خاتا ئۆگەنگەن بولسا  سامۇراي بولىدۇ ، فاشىزم بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر  ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان روھ بولمىسا ، سامۇرايلارنى، فاشىزمنى يېڭەلمەيدۇ.   (2) قەدىمكى زامانلاردا يايلاق مىللەتلىرى بۆرىدىن ئۆگەنگەن ئۇرۇش تاكتىكىسىدىن پايدىلىنىپ ، قۇۋۇقنىڭ ئىچىدىكى تېرىقچىلىق قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان . خەنزۇلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىن كالتە چاپان ۋە ئات مىنگەندە كىيىدىغان ئىشتاننى كىيىشنىلا ئۆگېنىپ قالماي ، ئاتلىق كېتىپ بېرىپ ئوقيا ئۈزۈشنىمۇ ئۆگەنگەن . سىلەردەك كىتابنى تولا ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاغزىدىكى «غۇزلارنىڭ كىيىنىشلىرى، ئاتتا كېتىپ بېرىپ ئوق ئۈزۈشلىرى» دېگەن گەپ دەل مۇشۇ .  (3)  جەڭ مەيدانىنى قايتا-قايتا ئېنىقلاش، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ئۇنى يايلاق مىللىتىگە ۋە چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي مۆجىزىلىرىگە مەھلىيا قىلىۋالغانىدى . چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى نېمە سەۋەبلەرگە كۆرە شۇ يۈز نەچچە مىڭ ئاتلىق بىلەن ياۋرۇپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى سۈپۈرۈپ ئۆتەلىگەن بولغىيتى؟ تاڭغۇتلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭ ئاتلىقىنى ، بۈيۈك جىن خاندانلىقىنىڭ مىليون ئارمىيىسىنى ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەريا-دېڭىزدا جەڭ قىلالايدىغان بىر مىليوندىن ئارتۇق قوشۇنى بىلەن ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەرلىرىنى، روسىيە قىپچاق دالاسىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنى ، رىمنىڭ چەۋەندازلىرىنى يوقىتىپ، مەركىزىي ئاسىيانى ، ۋېنگىرىيىنى، پولشانى، پۈتكۈل روسىيىنى ئىشغال قىلالىغان، شۇنداقلا پېرسىيە، ئېران، جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق مەدەنىيەتلىك چوڭ دۆلەتلەرنى ۋەيران قىلالىغان بولغىيدى؟ ئۇلار يەنە شەرقىي رىم پادىشاھىنى جۇڭگودىكى خانلىقلارنىڭ ئەپ ئۆتۈش سىياسىتىنى قوللىنىشقا، مەلىكە مارىيەنى قاراپ تۇرۇپلا چىڭگىزخاننىڭ پەينەۋرىسىگە ياتلىق قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇلار يەنە مۇڭغۇللارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيانقى بۇ دۇنيادا دائىرىسى ئەڭ زور ئىمپىرىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. دەسلىپىدە ھەتتا ئۆزىنىڭ يېزىقىمۇ يوق، تۆمۈر ۋاشاقلارنى ياساشنى بىلمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا سۆڭەكتىن ۋاشاق ياساپ ئىشلەتكەن ئىپتىدائىي، قالاق، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك بىر مىللەتتە قانداقلارچە مۇنداق غايەت زور ھەربىي ئىقتىدار ۋە ۋە ھەربىي ئەقىل- پاراسەت پەيدا بولۇپ قالدى؟ بۇ، دۇنيا تارىخىدىكى ئىنسان ئەقلىنى لال قىلىدىغان مەڭگۈلۈك تېپىشماق بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە بۇ ساھەدە بارلىققا كەلتۈرگەن كۆپكە تايىنىپ ئاز ئۈستىدىن غەلبە قىلىش، كۈچكە تايىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش يولى بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئازغا تايىنىپ كۆپ ئۈستىدىن غالبە قىلىش، ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنىدى. ئەجەبا ، ئۇلار بۆرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئاتنىڭ سۈرئىتىگە، بۆرىنىڭ ساپاسى بىلەن خۇي-پەيلىگە تايانغان بولغىيمىدى؟ شۇنداقلا، بۆرە توتېمىنىڭ پەرۋىش قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان قەيسەر مىللىي روھقا تايانغان بولغىيمىدى؟      مەنبە:  بۆرە توتېمى رومانى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11257
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 629 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-20 01:37:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندا «بۆرە كۈچۈكى›› ناملىق رومان نەشىردىن چىقىدۇ، بۇنىڭدا بۆرىنىڭ تۇرمۇشى ئەينەن تىل ۋە ئەينەن ۋەقەلەر بىلەن سۆزلىنىدۇ، سىزنىڭ بۆرىنى چۈشۈنىۋىلىشىڭىزغا تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ ۋە مۇڭغۇللارنىڭ قانداق قىلىپ ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ شان-شۆھرەتكە تايانغانلىقىنى بىلىسىز، مۇڭغۇل بىلەن بۆرىنىڭ بىر تەن بىر جان بولۇپ، بۆرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن موڭغۇللار بۆرىنى تۇتېم قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئەينەن چۈشۈنىسىز دەپ قارايمەن.
بۇ كىتابتا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئابزاس:
يايلاقتىكى ياۋا چاشقان. بۇ ياۋا چاشقان ئەڭ قۇۋ بولۇپ تۇتۇش بەكمۇ قېيىن، لىكىن موڭغۇل لەشكەرلىرى بىرنچى مەشىقنى چوقۇم مۇشۇ ياۋا چاشقاننى ئوقيا بىلەن قارىغا ئىلىپ دەل جايىغا نىشانغا ئېلىشنى ئۈگۈنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاتقان ئوقلىرى ھەرقانداق بىر جانلىقنىڭ دەل جايغا بېرىپ تېگىدۇ.
مانا بۇ مۇڭغۇللارنىڭ يايلاقتىن ئىبارەت بۇ جەڭ مەيدانىدا ئۆزىنىڭ يايلاق بىلەن بىر تەن بولۇپ تەبىئىيلا مەشىق بازىسى قۇرۇپ چىقالىغانلىقىدا. لىكىن ھازىر موڭغۇللار ئۆز يېزىقىنىمۇ يوقۇتۇپ قوياي دەپ قالدى خۇددى مانجۇ، خۇيزۇلارغا ئوخشاش.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتىن نەشردىن چىقىدىغان بۇ كىتابنى ئوقۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇ ۋاقىتتا ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي مەنىدە چۈشۈنىسىز.
بېيجىڭلىق ئۈچ نەپەر خەنزۇ ياش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە موڭغۇل يايلىقىغا بارىدۇ. ئۇلار يايلاقتا بىر توپ بۆرە كۈچۈكلىرىنى تۇتۋالىدۇ. باشقىلار بۆرە كۈچۈكلىرىنى ئۆلتۈرۋېتىشنى ئېيىتقاندا بېيجىڭلىق خەنزۇ ياش چېن جېن بىر بۆرە كۈچۈكىنى بېقىۋالىدۇ.
بۆرىنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرۇپ ئۇنى ئادەم چىشلىيەلمەس قىلىپ باقىدۇ. ئۇنى باغلاپ قويۇپ ئۆزىگە خاس بولمغان تۇرمۇشتا ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەزەلدىن گۆشخۇر بىر ھايۋاننى ئۇن تائاملىرى ۋە ئىتلار يەيدىغان ئۇسۇلدا باقىدۇ. ئاخىرىدا بىچارە بۆرە ئىتلارنىڭ قىشىدا تۇرۇپ ئىتقا ئوخشاش قاۋاشنى ئۈگۈنۈپ قاملاشتۇرالمايدۇ. بىر قېتىم كېچىدە ئۇ تۇيۇقىسىز ھوۋلاپ قالىدۇ. لىكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنىلا ھوۋلىيالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇ بۆرىنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇلدا ئۆلتۈرىدۇ.
لىكىن چېن جېن بۆرە كۈچۈكىنى ئۆز ۋاقتىدا قويۋەتمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ۋە بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابىدا ئۆتىدۇ.
يايلاقتىكى بارلىق بۆرىلەرنى ئەنە شۇ ۋاقىتتا خەنزۇلاردىن تەشكىللەنگەن بۆرە ئۆلتۈرۈش ئەتېرىتى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يايلاقتا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشى ئاڭلاينمايدىغان بولىدۇ.
قىسقىچە مەزمۇنىنى يېزىپ قويدۇم. ئۆزۈم بىر قوللۇق تەييارلاۋاتقان كېتاب (تەرجىمە) رومان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARIX تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-20 01:43 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17785
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6597
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2010-11-16
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:49:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە  مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقمىسام بۇ كىتاپنى

ئادەم مەن دىگەن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45094
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6725
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2916 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 11:42:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتاپ  ، سەۋەپ كورسەتمەيلا ۋاختىدا بىر ئوقۇپ قويۇڭلار ...

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش