مۇھىم يىپ ئۇچى.
ئەركىن باتۇردىن 10000يۇەن قەرز ئالغان بولۇپ،بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ تىخىچە باتۇرغا پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىدى.
ئامالسىز قالغان باتۇر ئەركىننىڭ ئۆيىگە بىرىپ پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.ئەركىن ھازىر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭمۇ ناھايتتى ئوسال ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى،ھەتتا ئۆي ئىجارىسىنىمۇ تۆلىيەلمەيۋاتقانلىقىنى ئىيتتى،
ھەمدە باتۇردىن پۇل قايتۇرىدىغان ۋاقىتنى سەل ئۇزارتىپ بىرىشنى ئۆتۈندى.
باتۇرمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزىنىڭمۇ پۇلغا جىددىي ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئەركىننىڭ بۈگۈن نەدىن بولمىسۇن ئامال قىلىپ پۇلنى قايتۇرىشىنى ئىيتتى.
ئىككىيلەن گەپ تالىشىپ بىرلىككە كىلەلمەي تاكاللىشىپ قىزىرىشىپ كەتتى.
ئەركىننىڭ قەستەن پۇلنى بىرىشنى ئارقىغا سۆرەۋاتقانلىقىنى،ھەم ئۆھتەملىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باتۇرنىڭ جەھلى قاتتى،ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىن كۈندە دىگۈدەك ئەركىننىڭ كەينىدىن تا پۇلنى قايتۇرغىچە ئەگىشىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى،ئۇچرىغانلىكى كىشلەرگە ئۆزىگە قەرز بولۇپ قىلىپ ھازىرغىچە پۇلنى قايتۇمىغانلىقىنى ئىيتىدىغانلىقىنى ئىيتتى.
ئەركىن مۇرەسسەلىشىپ يۈرۈشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلەشتى،ۋە كۆڭلىدە بىر شۇملۇقنى ئويلىدى،
ۋە ساختىپەزلىك بىلەن باتۇرغا قاراپ مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى،ۋە<<ئاداش،گەپ بولسا چىرايلىق ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى،>> دىگىنىچە باتۇرنى سىلىق سىپايە گەپ سۆزلەر بىلەن ئولتۇرغۇزدى.
ھەمدە ھاراق ئىشكاپىدىن ھاراق ئالغاچ:
__ئازراق ئىچكەچ پاراڭلىشايلى،پۇل ئىشىدا ماڭا ئامال ئويلىۋىلىشقا ئازراق ۋاقىت بەرگەن بولساڭ،__دىدى.
باتۇر ئاچچىقلانغان ھالدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دىرىزدىن سىرتىكى مەنزىرىگە قارىدى،تۇيۇقسىز بىشىغا قاتتىق
بىر نەرسىنىڭ تەككەنلىكىنى ،ھەمدە ئاغرىق ھىس قىلىدى ۋە شۇ جايدىلا يىقىلىپ چۈشتى. سەل جان تالاشقاندەك قىلىپلا جايىدا جان ئۈزدى.
كىيىن ئەركىن باتۇرنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ دىرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى،ئاندىن ئۆي ئىچىدىكى چىلەك،پول سۈرۈتكۈچ، لۆڭگە قاتارلىقلارنى دىرىزە تۈۋىگە قويدى،ۋە باتۇرنىڭ ئەركىنگە ياردەملىشىپ ئۆي دىرىزە
سۈرتىۋاتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن دىرىزىدىن چۈشۈپ ئۆلۈپ قالغانلىقتەك مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.
ساقچىلار تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى، ئاساسەن دىگۈدەك ئەركننىڭ ساقچىلارغا دىگەن گىپى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
دىمىسىمۇ نەق مەيدان ھەم باتۇرنىڭ بىشىدىكى يارا ئىغىزى دەل ئىگىزدىن پەسكە چۈشۈپ كىتىپ يارلانغان
يارا بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى.
ساقچىلار ئۆيگە كىرىپ باتۇر<<چۈشۈپ>> كەتكەن دىرىزىنىڭ يىنىغا كەلدى-دە تۇيۇقسىز كۆزى بىرنەرسىگە چۈشۈپ قالدى.
<<ئەركىن،سەن قولغا ئىلىندىڭ!>> دىدى،ھەمدە ئەركننى دىرىزە تۈۋىگە باشلاپ كىلىپ كۆرسىتىپ قويىۋىدى،
ئەركننىڭ چىرايى تاتىرىپ بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.
قىنى ئەقىللىق مۇنبەرداشلار، سىلەرچە ساقچى نىمىنى كۆرۈپ قالغاندۇ؟
ئەسكەرتىش: كونا قائىدە بويىچە خاتا جاۋاب بەرسەڭلار مەن ئەسكەتىش سۈپىتىدە سىلەرگە 11 مۇنبەر پۇلى
بىرىپ جاۋابنىڭ خاتالىقىنى ئەسكەرتىمەن، سىلەرمۇ قائىدە بويىچە 11+35=46مۇنبەر پۇلىنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشىڭلار شەرت،ئۇنداق بولمايدىكەن،مەن بۇ ئويۇننى،ھەم كاللاڭلارنى ئاچىدىغان رازۋىتكا تىپىشماقلىرىنى
يۇللىمايمەن، ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلار بىرىپ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشۇ كىتابنى سىتىۋىلىشقا مەجبۇر بولىسىلەر
1-دىن: سىلەرنىڭ كىتابخانىغا بىرىپ كىلىدىغان ۋاقتىڭلار ئىسراپ بولىدۇ.
2-دىن: پورتمال ئىچىدىكى راست پۇل بىكاردىنلا ئوبۇرت بولۇپ كىتىدۇ.
3-دىن: مۇنبەر پۇلۇڭلار تۇرىۋىرىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
4-دىن: مىسرانىم مۇنبەر بانكىسىنىڭ پۇلى ئوبورت بولماي پۇل پاخاللىقى كىلىپ چىقىدۇ-دە،بۇرۇن 45 مۇنبەر پۇلى بولغان باھا تەبىئىيلا 450 مۇنبەر پۇلىغا ئايلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇنبەر خەلققىنىڭ <<ئاز دەسمىي قىلىپ كۆپ پايدا ئىلىش>> قۇرۇلۇشىغا ئاۋاز قىتىشىن سورايمەن.
كەمىنە__مەلىكەدىن (رازۋىتچىك ھىكايىلىرىدىن تاللانما)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 12:48 PM