ئىسىمدە قېلىشىچە ،كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام تۇخۇمنى ھازىر مەن سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ئۇسۇلدا پۇشۇرۇپ بېرەتتى ،تاتلىق بولغاچقىمىكىن بەكلا ئامراق ئىدىم ،ئۇنى تېخى ئاكام بىلان ئىككىمىز ئوتتۇرىدىن پاسىل ئايرىپ بىللە يەيتتۇق ،نەق ئوتتۇرىدىن بولمايدىغان بولسا ،ئۇ جىدەل تېخى ،...... ھازىرغىچە شۇ تەم ئاغزىمدا ،ھەر قېتىم يىسەم ‹ئاشپەز چاشقان ›دىكى باھالىغۇچىنىڭ ئاغزىغا بىر چىشلەم تائام سېلىپلا كىچىك ۋاقتى كۆز ئالدىغا كەپ كەتكەنگە ئوخشاشلا ھىسياتقا كىلىپ قالىمەن. . شۇڭا مىنىڭ نەزىرىمدىكى بۇ ئىسىل تەمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى . مەن كەسپى ئاشپەز ئەمەس ،شۇڭا مانچە دانە ،مۇنچە گىرام دىيەلمەيمەن ،ئەتكەن ۋاقىتتا قاراپ بىر نەرسە قىلارسىلەر . ماتىرىيال :تۇخۇم ۋە شىكەر . ئىتىش ئۇسۇلى : تۇخۇمغا شىكەر ئارلاشتۇرۇپ ھوردا پۇشىرىمىز ،ئاندىن چىرايلىق توغرايمىز ،بولدى ،قانداق ؟بۇنىڭدىن ئاسان بولماس تاماق ئەتمەك .
شۇنداقتىمۇ ئازراق دىققەت قىلدىغان ئىشلارنى دەپ بېرەي ،تۇخۇمنى چىنىگە چېقىپ شىكەرنىمۇ سېلىپ ئارلاشتۇرىسىز ،مەنغۇ ئون ئون بىر تۇخۇمنى قىلىمەن ،ئەمدى ئازراق قىلساقمۇ بولىدۇ ،ھازىرقى تۇخۇملارنىڭ سېرىقىمۇ ئاقراق چىقىدىكەن ،ئېقىنى ئايرىۋالساقمۇ بولىدۇ ،شىكەرنى ‹ئەجەپ تاتلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ ›دىگۈچە سالىمىز ۋە شىكەر ئىرىگىچە ئارلاشتۇرىمىز . ئاليۇمىن كىچىك تەخسە تەييارلايمىز ،(لەغمەن تەخسىسى قېلىن بوپ قالىدۇ ،نىپىزرەك قىززىققا چىداملىق تەخسىدەك بىر نەرسە بولسىلا بولىدۇ )،ئاندىن سۇ قاينىتىپ ،قاسقاننى قۇيۇپ ،تەخسىنى قۇيۇپ پۇشۇرساقلا بولىدۇ .ئەگەر جىق بولمىسا قازاننى تۇۋىقىنى ياپماي پۇشۇرۇڭ ،جىق بولسا تەخسىنىڭ ئۇستىگە نىپىز يالتىراق يېپپ پۇشۇرۇڭ،بولمىسا تۇخۇم كۆپىۋېلىپ يىگەندە چاينىغانچە جىقلاپ كىتىۋاتقاندەك بۇلۇپ قالىدۇ . سوۋۇتۇپ يىسە تېخىمۇ پەيزى بولىدۇ . تۇخۇم يىمەيدىغان كىچىك باللارغا مۇشۇنداق پۇشۇرۇپ بېرىپ سىناپ بېقىڭ . روزىمۇ كىرەي دىدى ،قورساقتا تۇرىدىغان يىمەكلىك بولغۇدەك ،تاتلىققا ئامراق بولسىڭىز بىلىپ بىلمەيلا ئۇچ تۆت تۇخۇم يەپ قالىسىز . ئامراق يىمەكلىكنى ئۆزى ئىتىپ يىسە بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ ،سىلەر مۇ دەپ بېرىڭلار ئامراق يىمەكلىكىڭلارنى ،ۋە ئىتىش ئۇسۇلىنى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 11:05 AM
|