خۇاگوفىڭنىڭ "تۆت كىشلىك گوروھ" بىلەن قول تۇتۇشقان سۈرىتى
ماۋزېدۇڭ ۋاپات بۇلۇپ بىرئايدىن كىيىن دۆۋلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، قارىماققا يۇۋاش كۈرۈنگەن خۇاگوفىڭ، ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدىكى ھەرقايسى سىياسى كۈچلەرنى كۈزەتمەكتە ۋە ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆمەكتەئىدى، كۆزئالدىڭىزدىكى بۇسۈرەت خۇاگوفىڭنىڭ ئادەتتىكى كىشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەينى چاغدىكى " تۆت كىشلىك گوروھ" دىيىلگەنلەربىلەن ناھايىتە يېقىن ئىدى.
سۈرەتتىكى كۆك كىيىم بىلەن تۇرغان كىشى خۇاگوفىڭ بۇلۇپ، ئوتتۇردا ئۈزىنىڭ ئەمەلى ھۇقۇقدارلىقىنى نامايەن قىلغاندەك ئۈرە تۇرماقتائىدى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا قارا كىيىم بىلەن تۇرغىنى " تۆت كىشلىك گوروھ" نىڭ ئەمەلى بېشى، مەدەنىيەت زورئىنقىلابى رەھبەرلىك گۇرۇپپا باشلىقى جاڭچىڭ، خۇاگوفىڭنىڭ سول تەرىپىدە تۇرغىنى ماۋزىدۇڭنىڭ جىيەنى ماۋيۈەنشىن، ماۋيۈەن شىننىڭ سول تەرىپىدە تۇرغىنى " تۆت كىشلىك گوروھ" ئىچىدىكى قەلەم قۇۋىتى ئەڭ ئۆتكۈر ياۋۋىن يۈەن. جاڭچىڭنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرغىنى " تۆت كىشلىك گوروھ" ئىچىدىكى ئەڭ ياش قابىل دەپ قارالغان چولپان ۋاڭ خۇڭ ۋىن، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى جاڭ چن چاۋ.
" تۆت كىشلىك گوروھ" تارمار قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شاڭگاڭدىكى بىرئاخپاراتتىن مۇشۇ سۈرەتنىڭ مەخپىيىتىنى بىلىپ قېلىپ، مەخسۇس ئايرۇپىلان بىلەن بۇسۈرەتنى ئىزلەپ بىيجىڭگە كەلگەن ۋە بۇسۈرەتنى تارتقان سۈرەتچىگە ئاسمان پەلەك يۇقىرى باھا قۇيۇپ بۇسۈرەتنى سېتىۋالماقچى بولغان. ئەمما سۈرەتچى زادىلا زاتقىلى ئۇنىمىغان، چۈنكى ئۇدەۋىردە سىياسى ھەممىدىن ئۈستۈن بۇلۇپ، پۇلنى كىشىلەر تېخى ئانچى چوڭ بىلىپ كەتمەيتى، ھەم ئۇنىڭ مۇنداق يۈرىكىمۇ يوق ئىدى.
ئۇنداقتا، شاڭگاڭدىكى بۇئاخپارات ۋاستىسى نېمە ئۈچۈن بۇسۈرەتكە شۇنچە بەك قىزىقىپ قالغان؟ سەۋەبى سۈرەتتىكى بۇ سەككىز كىشىنىڭ بەدەن تىلىدا ئىدى، يەنى: بۇلار قول تۇتۇشۇپ تۇراتتى. بۇيەردە تىل بىلەن ئىزھارقىلغىلى بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىرئىش بۇلۇپ، جۇڭگۇنىڭ كەلگۈسىنى بەلگۈلەيدىغان سىياسى تىل بارئىدى. ئۇلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تۇرىشىنىڭ ئىچكى سىرى بۇيىچە بولغان بولسا، بۈگۈنكى جۇڭگۇ ھازىرقى ھالدا بولمىغان بۇلاتتى. مەدەنىيەت زورئىنقىلابى توغرا دىيىلىپ داۋام قىلغان بۇلۇپ، قاچانغىچە داۋام قىلىنىىشنىڭ ئۈزىمۇ بىرگەپ ئىدى. دىڭشاۋپىڭمۇ تەخىتكە چىقالمىغان بۇلاتتى. جاڭچىڭ تەختكە چىقىپ، ھەقىقى مەنىدىكى " ئايال پادىشاھ" بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. جۇڭگۇ زىمىنىدىكى سىياسى تەشكىلاتلارنى يەنىلا " ئىشچى، دېھقان، ئارمىيە، ئۇقۇغۇچىلار" كونتۇرۇل قىلغان بۇلاتتى.
تارىخنى قىياس قىلىش مۇمكىنمۇ؟
مەنبە: ۋاڭيى تورى. ئەسلى مەنبە:
http://news.163.com/11/0213/13/6SPDDD3B00014AED.html网易新闻
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yadikar- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 12:07 PM