|
|
|
|
قەرىز ئېلىش قەرىز بىرىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار شەخىسلەر ئارىسىدا قەرىز ئېلىش ۋە قەرىز بىرىش ئىشلىرى بۇلۇپ تۇرىدۇ. پۇل قەرىز بىرىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە قەرىز ئالىدىغانلار قەرىز ئېلىش ۋە قەرىز بىرىشتىكى بەزى قائىدىلەرگە رىئايە قىلغاندا كىيىنكى ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ . 1. كارخانىلار كارخانىلاردىن ۋە شەخىسلەر كارخانىلاردىن قەرىز ئېلىشقا بولمايدۇ. دۆلىتىمىز كارخانىلارنىڭ قەرىز پۇل بىرىش سالاھىتى يۇق دەپ قارايدۇ ھەم بۇنداق قەرىز مۇناسىۋتىنى قانۇن قۇغدىمايدۇ.ئەمما كارخانىلارنىڭ قەرىز پۇل ئېلىش سالاھىتى بۇلىدۇ . پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىتى بار سوبىكتىپلار دۆلەت روخسەت قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە تەبىئى شەخىسلەر .دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى تەبىئى شەخىسلەرگە دۆلەتنىڭ رۇخسەت قىلىشى ھاجەتسىز .2. قەرىز پۇلنىڭ ئۇسۇمىگە كەلسەك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بەرگەن قەرىز پۇلنىڭ ئۇسۇم نىسپىتىنى دۆلەت بەلگىلەيدۇ .شەخىسلەر ئارىسدىكى قەرىز پۇل بىرىشتە ئەگەر ئۇسۇم ئۇتۇشمىگەن بولسا ئۇسۇم تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ .ئۇسۇم پۇتۇشكەن بولسا ئۇسۇم بانكا ئۇسۇمىنىڭ تۆت ھەسسىدىن ئىشىپ كىتىشكە بولمايدۇ،ئىشىپ كەتكەن قىسمىنى قانۇن قوللىمايدۇ.يۇقۇردا دىيىلگەن بانكا جۇڭگۇ خەلق بانكىسىنى كۆرسىتىدۇ .ئۇسۇمنى ئالدىن تۇتۇپ قىلىشقا بولمايدۇ ،ئەگەر ئۇسۇم ئالدىن تۇتۇپ قىلنسا قەرىز قايتۇرغاندا قولغا ئەمەلى ئالغان پۇل سوممسى بۇيىنچە قەرىز قايتۇرسا ،بۇنى قانۇن قوللايدۇ. تەرەپلەر قەرىز پۇل ئېلىش توختامى تۇزۇپ قەرىز پۇلنىڭ ئىلشتىلىش ئۇرنىنى بىكىتىپ ئاندىن قەرىز پۇل بەرسە ھەم ئىىشلىتىش ئورنىنى پۇتۇشسە قەرىز پۇل ئالغۇچى قەرىز پۇلنى پۇتۇشكەن ئۇرۇنغا ئىشلەتمسىە قەرىز پۇل بەرگۇچى قەرىز پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلەشنى،ئارىدىكى توختامنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 3. شەخىسلەر ئۇتتۇرسىدىكى قەرىز ئىشلىردا ئادەتتە ھۆججەت يىزىشقاندا بەزىلەر قەستەن ھالدا بەزىلەر بىلىمگەن ھالدا « پۇل تاپشۇرۋالدىم »دەپ يازىدۇ ، يەنە بەزىلەر بانكا ئارقىلىق پۇل يۆتكەيدۇ، يەنە بەزىلەر گۇۋاھچى بار بولغان ئەھۋالدا ھۆججەت يىزىشمايدۇ .يۇقۇردىكى ئەھۋاللاردا تەرەپلەر ئوتتۇرسىداقەرىزدارلىق ھەقدارلىق مۇناسىۋتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش بەكمۇ قىيىنغا توختايدۇ. بىر قەرىز پۇل ھۆججىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ سالاھىتى ،ئادىرسى ،ۋاقىت ،ئۇسۇم ، خىلاپلىق قىلىش ،ئىمزا قاتارلىقلار تۇلۇق بۇلىشى لازىم.مۇمكىن بولسا بۇنداق قانۇنى ھۆججەتلەرنى مەخسۇس كەسپى خادىملار يىزىشى كىرەك. 4. قانۇنسىز ئىشلارغا بىرىلگەن قەرىزنى قانۇن قۇغدىمايدۇ .شۇڭا شەخىسلەر قەرىز بەرگەندە بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى لازىم . قەرىز پۇلنىڭ دەۋا ۋاقىت چىكىگە دىققەت قىلىشى كىرەك .قايتۇرۇش ۋاقتى تۇشقاندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە ئەرىز قىلىسا بولىدۇ ،بۇلمىسا دەۋادا يىڭىلىدۇ .قەرىز قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن ئىختىيارلىق بىلەن قەرىز قايتۇرۇشنى خالىسا قانۇن ئارلاشمايدۇ.دەۋا ۋاقىت چىكى ئۇتۇپ كەتكەندە ئەرىز قىلسا سوت مەھكىمىسى دەۋا ۋاقىت چىكىنىڭ ئۆتكەنلىگىنى ئاساس قىلىپ قۇبۇل قىلماسلىققا ۋە جاۋاپكارغا بۇ ئىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇقتۇرۇشقا بولمايدۇ. 5. قەرىزگە كاپالەت بىرىش بۇلسا ئىككى تەرەپ ئۇتتۇرسدىكى قەرىز مۇناسىۋتىدە قەرىز تۆلىگۇچىگە ئۇچۇنچى بىر تەرەپنىڭ كاپالەت بىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.كاپالەت ئادەتتە ئادەم كاپالىتى ،نەرسە كاپالىتى دەپ بۆلىنىدۇ.ئادەم كاپالىتىدە قەرىزدار قەرىز تۆلىيەلمىگەندە كاپالەت بەرگۇچى تۆلەيدۇ.نەرسە كاپالىتىدە قەرىزدار قەرىز تۆلىيەلمىگەندە ھەقدار نەرسىنى بىر تەرەپ قىلىپ ھەققە ئىرىشىدۇ.(«كىپللىك قانۇنى»نىڭ خەنزۇچىسنىڭ 6-ماددىسدا 保证 دىيگەن سۇز ئۇيغۇرچىغاتەرجىمە قىلىنغاندا كىپىللىك دەپ تەرجىمە قىلىنغان .مىنىڭچە خەنزۇچىدىكى保证 سۆزىنى كىپىللىك دەپ تەرجىمەقىلىش بىر خاتالىق .) كاپالەت ئادەتتىىكى كاپالەت ۋە چاتما كاپالەت دەپ بۆلىنىدۇ.ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۇچنىڭ كاپالەت مەسئۇليىتىنى ئۇستىگە ئىلىشنىڭ مۇنداق شەرتى بار: يەنى ئاساسى قەرىز سوتقا ئەرىز قىلىنغان ياكى كىسىم قىلىنغان بۇلۇش كىرەك.باشقىچە ئىيتىقاندا ھەقدار ئادەتتىكى كاپالەتلىك قىلغۇچىدىن كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇليىتىنى بىۋاستە تەلەپ قىلسا بولمايدۇ.ئاۋال قەرىزدارنىڭ مۇلكىگە مەجبۇرى ئىجرا تەدبىرى قۇللىنىلىشى كىرەك .(ئادەتتىكى كاپالەتتە كاپالەت بەرگۇچى ۋە قەرىزدارنى بىرلا ۋاقىتتا ئەرىز قىلىشقا بۇلىدۇ،لىكىن ھۇكۇمدە ئاۋال قەرىزدارنىڭ مۇلكى ئىجرا قىلىنىدۇ ئاندىن يەتمىگەندە كاپالەت بەرگۇچىنىڭ مۇلكى ئىجرا قىلىنىدۇ دەپ يىزىلىدۇ)مەجبۇرى ئىجرا تەدبىرى قۇللانغاندا قەرىزدارنىڭ مۇلكى تۆلەشكە يەتمىسە ئاندىن ھەقدار ئادەتتىكى كاپالەت بەرگۇچىدىن تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلالايدۇ.ئەگەر تەرەپلەر ئالاقىدار توختامدا قايسى كاپالەتلىك ئىكەنلىگىنى ئىنىق دىيىشمىگەن بولسا بۇ چاتما كاپالەت دەپ قارىلىدۇ.چاتما كاپالەتلىك دىگەندە توختامدىكى قەرىزگە قارىتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۇستىگەئىلشنى كۇرسىتىدۇ.چاتما كاپالەتتە قەرىزدار توختامدا پۇتۇشكەن قەرىزنى تۆلىيەلمىگەندە ھەقدار كاپالەت بەرگۇچى ،قەرىزدارنىڭ ئىككىلسىنى جاۋاپكار قىلىپ ياكى خالىغان بىرىنى جاۋاپكار قىلىپ ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.كاپالەت بىرىشنىڭ مۇھلىتى بۇلۇپ بۇنى تەرەپلەر توختامدا پۇتۇشسىمۇ ،قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇيىنچە بىكىتسىمۇ بۇلىدۇ.بۇ مۇھلەتتە سۇرۇككە ئۇخشاش توختىتىپ تۇرۇش ،ئۇزۇلۇپ قىلىش،ئۇزارتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇد ئەمەس .ئالاقىدارلار كاپالەت مۆھلىتىنى قەرىز مۇددىتىدىن قىسقا قىلىپ پۇتۇشسە تەرەپلەر توختامدا كىلىشىپ پۇتۇشمىگەن دەپ قارىلىدۇ.ئىككى خىل كاپالەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقتى ئالتە ئاي ،تەرەپلەر ئىختىيارى پۇتۇشسە بۇنىڭدىن ئۇزۇن پۇتۇشۇش كىرەك، قىسقا پۇتۇشۇشكە قەتئى بولمايدۇ.بۇ مۆھلەت قەرىز قايتۇرۇش ۋاقتى تۇشقان كۇندىن باشلاپ ھىساپلىنىدۇ.تەرەپلەرنىڭ توختامدا پۇتۇشكىنى ئىنىق بولمىسا ئىككى خىل كاپالەتتە كاپالەت بىرىش مۆھلىتى ئىككى يىلى دەپ قارىلىدۇ.كاپالەتلىك قىلغۇچى ھەقدارغا نىسپەتەن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالغاندىن كىيىن قەرىزداردىن تۆلىتىۋىلىش ھۇقۇقى بولىدۇ.«كىپىللىك قانۇنى»نىڭ 24-ماددىسدا «ھەقدار بىلەن قەرىزدار كىڭىشىپ ئاساسى توختامنى ئۆزگەرتىشتە كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازما ماقۇللىقنى ئىلىش كىرەك.كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالمىسا كاپالەت بەرگۇچى كاپالەت جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.كاپالەت توختامىدا ئايرىم پۇتۇشكەن بولسا شو پۇتۇم بۇيىنچە بولىدۇ » دىيلگەن .«كىپىللىك قانۇنى » ئىزاھاتىنىڭ 30-ماددىسدا « كاپالەت بەرگەن مەزگىلدە ھەقدار بىلەن قەرىزدار ئاساسى توختامدىكى مىقدار ،مال پۇلى ،پۇل تۇرى ،ئۇسۇم نىسپىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۇزگەرتىپ ،كاپالەت بەرگۇچىنڭ ماقۇللىقىنى ئالمىغاندا ،قەرىزدارنىڭ قەرزى ئازىيىپ كەتسە ،كاپالەت بەرگۇچى ئۇزگەرگەندىن كىيىنكى توختام ئۇچۇن يەنىلا كاپالەت جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئىلىشى لازىم .قەزىزدارنىڭ قەرزى كۇپۇيىپ كەتسە كاپالەت بەرگۇچى كۆپەيگەن قىسمى ئۇچۇن كاپالەت جاۋاپكارلقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.ھەقدار بىلەن قەرىزدار ئاساسى توختامنى ئادا قىلىشى مۆھلتىنى ئادا قىلىش مۆھلىتىنى ئۆ زگەرتىپ كاپالە ت بەرگۇچىنڭ يازما ماقۇللىقىنى ئالمىغان بۇلسا كاپالەت سورۇكى ئەسلى توختامدا پۇتۇشكەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۇرۇك بولىدۇ.....» دىيلگەن .«كىپىللىك قانۇنى »نىڭ 24- ماددىسى بىلەن «كىپىىللىك قانۇنى» ئىزاھاتىنىڭ 30- ماددىسى ئۇز ئار زىت بۇلۇپ قەرىز توختام ماجراسى «كىپىللىىك قانۇنى» 30-ماددىسغا ئاساسەن ھەل قىلنىشى كىرەك .توختامدىكى ھەقدار ۋە قەرىزدار كاپالەت بەرگۇچىنىڭ يازاما ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ تۇختامنى ئۇزگەرتىشكە بولمايدۇ،ئۇنداق بۇلمايدىكەن كاپالەت بەرگۇچىنڭ كاپالەت مەجبۇريىتى شۇ ھامان يۇقۇلىدۇ.تۆۋەندىكى ئۇرۇنلار كاپالە ت بەرگۇچى بۇلسا بولمايدۇ: دۆلەت ئۇرگانلىرى ،مەكتەپ ،يەسلى ،دوختورخانا،قانۇنى ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى ،بانكا ،ئىجتىمايى تەشكىلاتلار پارۋانلىق خاراكتىردىكى ئۇرۇنلاردۇر.قەرىز ئالغۇچى ۋە قەرىز بەرگۇچى يۇقارقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلغاندا جەمىيەتتىكى نۇرمال بولغان پۇل مۇئامىلە مۇناسىۋتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ
ئىزاھ قەرىز توغرىسدىكى تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز مىنىڭ بۇ توغرىدىكى تۆۋەندىكى يازمامغا دىققەت قىلىڭ .... زاكالەت،پۇتۇم پۇلى.رەنە، زىيان پۇلى،خىلاپلىق قىلىش پۇلى ، كاپالەت، گۆرۆ ، قالدۇرۇپ قۇيۇش ھەققىدە
قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى .
بەختىيار ئادۇۋكات مەسلىھەت بىرىش تۇرلىرى : نىكاھ ،جىنايى ئىشلار ،قەرىز ئىشلرى ،قاتناش ۋەقەلىرى،توختام ماجرالىرى قاتارلىق تورلۇك قانۇنى ئىشلار .
24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى: 13239850499،18299819854
توردا مەسلىھەت بىرىش : 1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 03:17 PM
|
|
|
|
|
|