تىلۋېزىيە دىكتورى شەنكۇ كۆمۈر گازى پارتلاش ۋەقەسىدە ئىككى كۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ۋە مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ 612-نومۇرلۇق بالنىستا ياتىدۇ.ئۇنىڭ يۇلدىشى شەنبىن ئايالىنىڭ مىراسىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بىر قاتىل ياللاپ شەنكۇنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ.
__ سەن دىرىزىدىن سەكرەك كىرىپ ئۇنى ئۆلتۈرىسەن،يەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئوبرازنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسەن،__ دەيدۇ شەنبىن قاتىلغا،كەينىدىن __ ئۇ دوختۇرخانىدا كەچتە كىسەلگە ھەمرا بولىدىغان سىستىرا يوق،سائەت يەتتە ۋە ئوندا كىچىلىك نۆۋەتچى كىسەلخانىلارنى تەكشۈرىدۇ. ئۇلار بايقاپ قالمىسۇن،
بارماق ئىزىنىمۇ قويما،ناھايتتى ئىھتىيات قىل.
__ ئەگەر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا ۋەسىياتنامىگە ئىھتىياجلىق بولمامدۇ؟__ سورىدى قاتىل.
__ ياق،ھاجەتسىز،ئۇنىڭ ئىككى كۆز قارىغۇ بولۇپ قالدى،ۋەسىيەت نامە قالدۇرالمىسا كىشىلەر ئۇنى دۇنيادىن
بىزار بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋاپتۇ،دەپ بىلىدۇ.
__خاتىرجەم بولۇڭ،ھەممىنى ماڭا تاپشۇرۇڭ،__دىدى قاتىل ۋە پۈتۈشكەن پۇلنىڭ يىرىمىنى ئىلىپ بۇرۇلۇپلا ماڭدى.
بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن، قاتىل قايتىپ كەلدى. سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا ھازىرلا ھاجەتخانىدىن
چىققاندەك ناھايتتى يىنىك ئىدى.
__سەن ئۇنى شۇنداق تىز ئۆلتۈردۇڭ؟__شەنبىن ئەنسىرىگەن ھالدا سورىدى.
__قوللانغان ئۇسۇل ئوخشىمايدۇ،ئازراقمۇ چانمىدى__قاتىل شەنبىننىڭ ئىشەنمىگىنىنى كۆرۈپ __ئەگەر مىنىڭ قاتىللىق تىخنىكامغا نىسبەتەن گۇمان قىلسىڭىز قالغان پۇلنى ئەتە ئالغىلى كىلەي،ئەتىكى گىزىت ئىيتىپ
بەرگەن خەۋەرنى كۆرۈپ ئاندىن ئىشىنىڭ،قانداق؟
ئىككىنجى كۈنىدىكى گىزىت شەنبىننى چۆچىتىۋەتتى، شەنكۇنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان، بىراق ساقچىلار شەنبىننىڭ ئۈتىدىن دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكچى بولىدۇ،شەنبىن نىمە قىلارنى بىلمەي قالغان دەل شۇ چاغدا
ھىلىقى ئەبلەخ پۇلنى ئالغىلى كىلىدۇ.
__دۆت ئەبلەخ،بۇ گىزىتكە قاراپ باق، زادى نىمە چاتاق چىقتى؟!
__ھىچقانداق چاتاق يوق،مەن كىسەلخانىغا كىرىپلا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ داكا بىلەن تىڭىلغان ھالدا كارىۋاتتا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنى ئاستا كۆتۈرۈپ دىرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتىم،ئىش مۇشۇنداق، ناھايتتى ئاسان،ھىچقانداق چاتاق يوق.
__ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ۋاقىرىمىدىما؟؟
__ياق، مەن ئۇنى يىنىك ئۇرۇپ باقسام ئۆلۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتىپتۇ،كۆتۈرۈپ دىرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەن ۋاقتىمدىمۇ ئۇ يەنىلا ئويغانمىدى،بارماق ئىزى دىگەندەك پاكىتلار قەتتىيلا يوق.ئۇنىڭدىن
خاتىرجەم بولۇڭ.
__ئۇنىڭدىن كىيىن سەن دىرىزىنى تاقاپ قەيتىپ كەلدىڭمۇ؟
__ئاشۇنداق ئوچۇق ھالەتتە قايتىپ كەلدىم،سىز مىنى ئەخمەق كۆرىۋاتمايدىغانسىز-ھە؟ يىپىقلىق دىرىزىدىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋلىش مۈمكىن ئەمەستە؟
ئۇنىڭ جاۋابىدا ھىچقانداق خاتالىق يوق ئىدى.
لىكىن ساقچىلار نىمىگە ئاساسەن شەنكۇنىڭ ئۆلىمىنىڭ شەنبىندىن باشلانغانلىقى توغرىسىدا شەنبىن ئۈستىدىن
دىلو تۇرغۇزىلىدۇ؟
بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش.
قىنى سىلەرمۇ ئويلاپ بىقىڭلار؟ سەۋەبى نىمە ئۈچۈندۇ؟؟؟ تاپالىغانلارغا 500 مۇنبەر پۇلى ۋە باشقا مۇكاپاتلار بار...
ئەسكەرتىش: تاپالايدىغانلار دىمەڭلار، تاپالمايدىغانلار تىپىڭلار
(نەسىردىن ئەپەندىم لەتىپىسىدىن ئارىيە
)
__مەلىكە (رازۋىتكا ھىكايىلىرىدىن تاللانما)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-17 12:03 PM